ۋاشىنگتوندىكى تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ كۆتۈرۈلۈشى تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى


2005.09.22

ۋاشىنگتوندىكى تەتقىقات ئورنى بولغان بۇرۇكىڭ ئىنىستىتۇتى سەيشەنبە كۈنى " خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى" تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىن ئۈچ مەيدانغا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلغان.

CHINA-RUSSIA-MILITARY-200.jpg
22-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى قىڭداۋدا رۇسىيە بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە. AFP

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆتۈرۈلۈشىنىڭ تەسىرى

"خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆتۈرۈلۈشى" دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى مەيداندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق سودا ۋەكىلى شىرس سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

" خىتاينىڭ ئەھۋالى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. بىرىنچىدىن، ئۇ چوڭ بىر دۆلەت، قانداقلا نەرسىنى 1 مىليارد 300 مىليونغا كۆپەيتسە، ئۇنىڭ نەتىجىسى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھازىر ئېچىۋېتىلگەن. بازىرى ئېچىۋېتىلگەچكە، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتى دۇنيا ئىقتىسادىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا خىتاينىڭ ماللىرىنى ئالمىسا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئاقساپ قالىدۇ. ئەگەر خىتاي ئامېرىكىنىڭ زايوملىرىنى سېتىۋالمىسا، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىمۇ ئاقساپ قالىدۇ".

ئامېرىكىنىڭ سابىق سودا مىنىستىرى دون ئىۋانىس يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى تىلغا ئالمىدى. ھالبۇكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى يىل ئاۋۋال خىتاينىڭ غەربىي رايۇنلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا ئىككى قارغۇ نامرات بالا بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقىنى، ھازىرغىچە ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان تەسىرلىك ھىكايىسىنى ئېيتىپ بەردى: ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "مەن ھەر قېتىم خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بۇ ئىككى بالىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلەشكىنىمدە، بىر خىل كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىمەن. بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى مەسئۇلىيىتىمىز دۇنيادىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش دەيمەن".

يىغىندا يەنە سۆز قىلغان " پۇل - مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى" نىڭ باش ئىقتىسادىي مۇلاھىزىچىسى ۋورىف، خىتاينىڭ ئىقتىسادنى خەلقئالاشتۇرغانلىقىنىڭ ئەڭ ئاقىلانە بىر تاللاش بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادى دۈچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ توسالغۇ دۆلەت تۈزۈلمىسى ئىكەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەت مىخانىزىمى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مېخانىزىمىنى كۈچەيمەي، ئەكسىنچە بارغانسىرى ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى .

خىتاينىڭ باش كۆتۈرۇشىنىڭ ئاسىياغا كۆرسەتكەن تەسىرى

بىرۇكىڭ ئىنىستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىنىڭ تېمىسى " خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا بولغان تەسىرى" بولۇپ، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئارمىيىسىنىڭ سابىق باش قوماندانى بىلەيېر، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ نۆۋەتتە رايوننىڭ تىنچلىقىغا ئانچە چوڭ تەھدىت ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

" مەن بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەنكى، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ھەربىي زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تىزلەتكىنى بىلەن، ئۇنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋە ياكى خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە چوڭ، ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىرەر ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش قابىلىيىتى يوق. ئۇنىڭ تەيۋەن ئارىلىنى يۈتىۋالغۇدەك ۋە ياكى ياپونىيىنىڭ ئادەم ئولتۇراقلاشقان كىچىك ئاراللىرىنى تارتىۋالغۇدەك ئىشەنچىسى يوق. ئۇ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىكى ئاساسىي كۈچىنى توپلىسىمۇ، يادرو قورالىنى ئىشقا سالسىمۇ، ئۆزىگە خوشنا بولغان ھىندىستان ياكى رۇسىيىنىڭ قولىدىن ئاز بىر پارچە يەرنى تارتىۋالغۇچىلىكى يوق" .

يىغىنغا قاتناشقان جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى كىمنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن باش كۆتۈرۈشىگە، كۆپ قىسىم جەنۇبىي كورىيىلىكلەر ئىجابىي قارايدىكەن. ئەمما، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچىيىشى جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىگە پايدىسىز دېگەن قاراشتىكىلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن.

سىنگاپور تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق دائىمىي سېكرىتارى ماخابلانىينىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى ، ئامېرىكا ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقىدەك " كونترول قىلىنغان جىددىي ھالەتتە" بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

" ھىندىستان تېز ئۇچۇرلىرى"ژورنىلىنىڭ تەھرىرى موخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە بولسا، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى خىتاي ۋە جەنۇبىي ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك باغلىنىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي تىركىشىشلەر، خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيەمدۇ قانداق دېگەن ئەندىشىلەرنىمۇ پەيدا قىلغان.

بۇرۇكىڭ ئىنىستىتوتىدا بىلىم ئاشۇرىۋاتقان ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى جوردان، خىتاينىڭ باش كۆتىرىشىنىڭ ياپونىيىگە زەربە بولىۋاتقانلىقىنى، ياپونىيىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىستىراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتىشىنى ئويلىشىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئەھمىيىتى

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۈچىنچى مەيدانى "خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئەھمىيىتى" دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سامول بېرگېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاشىنگتوننىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر خىتايغا نىسبەتەن سەلبىي پوزىتسىيىدە بولۇپ، خىتاينى سودا جەھەتتە ئامېرىكىدىن كۆپ نەپ ئېلىۋالدى، ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلىدى، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئېقىمغا قارشى ئىش قىلىۋاتىدۇ، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ھەربىي كۈچىنى ھەدەپ كېڭەيتىۋاتىدۇ دەپ قارايدىكەن.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان " بايلىق" ژورنىلىنىڭ خەلقئارالىق مۇنبىرىگە قاتناشقاندا، بۇ ھەقتە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقان. ھالبۇكى ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا سودا قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار، گەرچە خىتايدىن شىكايەت قىلسىمۇ، بىراق خىتايغا يەنە ئىجابىي قارايدىكەن.

سامول بېرگېر خىتايدا چوقۇم سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

"مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇزۇنغا نەزەر سالغاندا، خىتاي ئەگەر سىياسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئېچىۋەتمىسە، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ. خىتاي سىنگاپور ئەمەس، ئۇزۇن مەزگىل بىر پارتىيە دېكتاتورلىقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ".

ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى سابىق باش ئەلچىسى سىتەبلىتىن روي سۆزىدە، خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا بولغان تەسىرىنىڭ بارغانسىرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ يەردىكى تەسىرى بولسا ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

"ئۆتكەنكى 50 يىل ئىچىدە، شەرقىي ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتلىرىدا ئامېرىكا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئامىل ئىدى. ھازىر بىز بەزى مۇھىم ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق رولىمىزنىڭ يوقاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدا خىتاينىڭ قولى بار دېگەن قاراشلار بار" .

يىغىنغا قاتناشقان خىتاينىڭ خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاۋ بولسا، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ۋە ھەمكارلىقنى ئاساسىي ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى مەۋجۇتلىقىنى سىقىپ چىقىرىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.