خىتاينىڭ قۇربانلىقى


2006.08.16

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى شىۋېتىسيىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان سىياسەتچىلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ مەسلىھەت ئالىدىغان، ئالاقە ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولىدىغان ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلانغاندىن بىرى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىر قىسىم مۇخبىرلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا قىشلاقلىرىغا بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، سىياسى تەقدىرى، ياشاش شارائىتى، جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنى دىننى ئېتىقات جەھەتتە دۇش كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ھەققىدە بىۋاستە ماتېرىياللارغا ۋە قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە.

يېقىندا شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا بېرىپ ئىككى ئايلىق تەكشۈرۈشىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەن شۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسان ھەقلىرى سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پېر ئۆزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈشلىرى ئاساسىدا ماقالە يېزىپ تور بەتلىرىدە ئىلان قىلغان ۋە ئوقۇش پۇتتۇرۇشتىكى ئىلىمى ئەمگىكى سۈپىتىدە مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشىغا تاپشۇرغان.

ئاپتور ئۇيغۇر ئېلىدە 2 - ئاينىڭ ئاخرىدىن 4-ئاينىڭ ئاخىرغىچە زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ئاساسەن خوتەن، قەشقەر، يېڭىسار، يەكەنلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئاپتور ماقالىسىغا "خىتاينىڭ قۇربانلىقى" دېگەن تېمىنى قويغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ تېما ھەققىدە بەرگەن چۈشەنچىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تەقدىرىنىڭ خۇددى قۇربانلىق ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىلغان قويغا ئوخشايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئاپتور ماقالىسىدە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى جەھەتتىن دۇش كېلىۋاتقان ھەر خىل بېسىم ۋە چەكلىمىكىلەرنى نېگىزلىك يورۇتۇش ئوبيېكتى قىلغان. ماقالە جەمى يەتتە باپتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىسى، تارىخىغىمۇ يىغىنچاق ئۇسۇلدا بايان قىلىنىپ ئۆتۈلگەن.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ھەربىر پاراگىراپىنىڭ بېشىغا خىتاي قانۇنىنىڭ نېگىزلىك ماددىلىرىنى ۋە قانۇنغا قۇشۇمچە قىلىنغان سىياسەتلەرنى قىستۇرما قىلغان بولۇپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما قىلىپ، ئەمىلىي مىساللار بىلەن دەلىللەپ كۆرسەتكەن.

ئاپتور ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بارماقچى تەتقىقاتىنى نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەردە ئېلىپ بارماقچى بولغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ:

"بىرى شىنجاڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نېفىت ۋە پاختىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاق ۋە قار ئالتۇن ماكانى دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە، يەنە بىرى تەكلىماكان قۇملۇقىغا جايلاشقان لوپنۇر رايونى 1964 - يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ يادرو قۇراللار سىناق بازىسى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يەرلىك خەلق ئارىسىدا تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرى بوۋاقلار ۋە قويلار ئارىسىدا تۇغما ئەيىپ كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولۇپ كەلمەكتە. مەن تەتقىقاتىمنى جەنۇبى شىنجاڭغا جايلاشقان قەشقەر رايوندا ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدىم. بۇ رايوندا ئۇيغۇرلار ئاھالىنىڭ 80% ئىگىلىگەن بولۇپ، ختايلارغا قارىغاندا مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگەلەيدۇ. قەشقەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ۋە روھى "پايتەختى" بۇ يەردىكى نۇرغۇنلىغان شەھەرلەر ۋە يېزىلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پۇراقلىرى ھېلى ھەم خېلى مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ. مەن يېڭىسار، خوتەن قاغىلىق ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە زىيارەت ئېلىپ باردىم".

ئاپتور ماقالىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە توقتالغاندا مۇنداق كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويىدۇ:

"ئۇيغۇرلار 1911-يىلغا كەلگەندە تۇنجى قېتىم خىتاي كونتروللۇقىغا ئۆتكەن بولسىمۇ 1932 -1934، 1944 – 1949 - يىللىرى ئىككى قېتىملىق قوزغىلاڭ ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئاخىرقى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتى ماۋزېدوڭ تەرىپىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن 1949-كۈزدە ئاغدۇرىلىدۇ. شۇ يىلى شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى بېيجىڭغا كېلىشم تۈزۈشكە كېتىۋاتقاندا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ ۋە بۇ رايون ناھايتى تىز سۈرەتتە، ئەپچىللىك بىلەن يەنە بىر قېتىم خىتايلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.