بۈگۈن 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، خىتايدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىنىدا، ھەر قايسى ئۆلكىلەر بۇيىچە گۇرۇپپا يىغىنلىرى ئېچىلىپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋنىڭ يىغىنغا بەرگەن دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىدى. گەرچە بۇ ئىككى يىغىنغا كەلگەن ۋەكىللەر مەدھىيە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يىغىننىڭ سىرتىدا بولسا، خىتايدىكى سابىق سىياسەتچىلەر، مۇلاھىزىچىلەر بۇ دوكلات ھەققىدە خەلقئارادىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئوخشىمىغان مۇلاھىزە ئېلان قىلىۋاتىدۇ.
بۈگۈن ھەربىي فورما كىيىپ خەلق سارىيى تەرەپكە ماڭغان يەتتە كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى فاڭيۇئەننڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەندە، خىتاي ئارمىيىسىدىن كەسپ ئالماشقان 7 كىشى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەتىگەندە، كونا ھەربىي فورما كىيىپ ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىۋاتقان خەلق سارىيى تەرەپكە ماڭغاندا، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ ماجالۇ دەپ ئاتىلىدىغان ئەرزىيەتچىلەر مەھەللىسىگە ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بەلگىلىمە بۇيىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ئىككى يىغىنغا ئەرز قىلماقچى بولغان ئىكەن. ئۇلاردىن شەن چۈن ئىسىملىك بىر كىشى مۇخبىرىمىزغا يانفون ئارقىلىق يازما خەۋەر ئەۋەتكەن.
ئۇنىڭدا بايان قىلىشىچە، بۇ يىلقى ئىككى چوڭ يىغىن بۇرۇنقىدىن چوڭ ھەم ھەيۋەتلىك ئېچىلغان، تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا ساقچىلار، قوراللىق ساقچىلار، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ناھايىتى كۆپ. بۇ يىل بېيجىڭغا ئەرز قىلغىلى كەلگەن ئادەممۇ بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن كۆپ. ساقچىلار ئۇلارنى ئوچۇق -ئاشكارا ھالدا تۇتۇپ كېتىۋاتىدۇ. ماجالۇ دېگەن جايدا بۈگۈن 100 دىن ئارتۇق ئەرزىيەتچى بار، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ساقچىلىرى ئۇلارنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمما ھەربىيچە كىيىم كىيگەن بۇ كىشىلەرگە ھېچكىم ئىگە چىقمىغان.
ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ' دېگەن ئاتالغۇ ھازىر بىر قەدىمقى رىۋايەتكە ئايلاندى
بۈگۈن 'يېڭى ئەسر جۇرنىلى'دا سابىق پارتىيە مەركىزى كومىتېت سېكرىتارى جاۋ زىياڭنىڭ كاتىبى باۋ تۇڭ ئەپەندىنىڭ بۇ يىلقى ئىككى چوڭ يىغىن ھەققىدە ئېلان قىلغان ئوبزورى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خۇ ياۋباڭنىڭ ئەمەلىيەت ھەقىقەتنى ئۆلچەيدىغان بىردىن - بىر ئۆلچەم' دېگەن نەزىرىيىسدىن پايدىلىنىپ دېڭ شاۋپىڭ نام قازاندى. ئەمدى دېڭ شاۋپىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويغان ئىشىكنى ئېچىۋېتىش' دېگەن ئاتالغۇ ھازىر جۇڭگودا بىر چوڭ قەدىمقى رىۋايەتكە ئايلاندى.
ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش' دېگەن ئاتالغۇ ھازىر ئىشىكنى تاقاش، ئىسلاھات ئېلىپ بارماسلىق، بەلكى كونتروللۇقنى كۈچەيتىش، بۇرۇنقىدىن ھېساب ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئاتالغۇغا ئايلاندى.
خۇ جىنتاۋنىڭ 'دېموكراتىيە' دېگىنى قەغەزگە سىزىلغان ناننىڭ رەسىمى
خىتايدىكى مۇستەقىل سىياسىي مۇلاھىزىچى ليۇ شاۋبو ئەپەندى ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسىدا يېزىپ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئامېرىكىغا يوللاپ ' كۆزىتىش جۇرنىلى ' دا ئېلان قىلغان 'خۇ جىنتاۋ ھاكىمىيىتى يولغا قويۇۋاتقىنى زادى قانداق دېموكراتىيە؟' دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ئەمەلىيەتتە خۇ جىنتاۋ، ۋېن ھاكىمىيىتىنىڭ 'دېموكراتىيە'، 'سىياسىي ئىسلاھات' دېگەن گېپى بىلەن ئەمەلىيەتتە قىلغىنى ئوخشاش ئەمەس.
ليۇ شاۋبو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە خۇ جىنتاۋ 'سىياسىي ئىسلاھاتنى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتىن باشلاش كېرەك' دەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى1998 - يىلى ب د ت نىڭ ھوقۇق ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىنمۇ، كىشىلىك ھوقۇققا ئوچۇقتىن -ئوچۇق خىلاپلىق قىلىدىغان، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى'نى تېخىچە بىكار قىلمىدى.
ليۇ شاۋبو ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، سىياسىي كېڭەش، خەلق قۇرۇلتېيى دېگەن تەشكىلاتلاردىمۇ، كوممۇنىست پارتىيە ئەزاسى ۋەكىل نىسبىتىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىۋالدى. نوپۇس قۇرۇلمىسى بۇيىچە ئېيتقاندا، خەلق ۋەكىللىرىنىڭ %80 تىن ئارتۇقىنى ئىشچى، دېھقانلار ئىگىلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىر كوممۇنىست پارتىيە بۇ نىسبەتنى %19 گە چۈشۈرۈپ قويدى.
ليۇ شاۋبو ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ ھۆكۈمىتى دەۋاتقان 'دېموكراتىيە' ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئىجرا قىلىنمايدىغان نەرسە، بۇ 'دېموكراتىيە' پەقەت خۇ جىنتاۋ ئۆزى 'قەغەزگە سىزىپ قويغان، ئەمما يېگىلى بولمايدىغان ناننىڭ رەسىمى' دىنلا ئىبارەت.
ۋاڭ لېچۇەن، نۇر بەكرىلەر ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ
خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تور بېتى'دە بايان قىلىنىشىچە، بۈگۈن ئىككى چوڭ يىغىنىنىڭ شىنجاڭ گۇرۇپپىسى يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن بىلەن ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرىلەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 'ھۆكۈمەت دوكلاتى' ھەققىدە سۆز قىلغان. ۋاڭ لېچۇەن ئەپەندى بۇ دوكلاتنى 'راستچىل دوكلات' دېسە، نۇر بەكرى ئەپەندى بۇ دوكلاتنى 'مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى جەھەتلەردىن خەلقنىڭ كىرىمى ئاشقانلىقىدىن ئىبارەت رىئاللىقنى نامايەن قىلدى' دەپ مەدھىيىلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ كۆز قارىشى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ لېچۇەن بىلەن نۇر بەكرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. (ۋەلى)