'بېيجىڭنىڭ شەرەپسىز ئىتتىپاقداشلىرى'

ئامېرىكىدا چىقىۋاتقان "دىپلوماتىيە" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ئاپتور جوشىۋا كېتىڭ كېيىنكى 20 يىلدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىمۇ ئېشىپ بارغانلىقىنى، نەتىجىدە خىتاينىڭ ئېنىرگىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدىكى بىر قىسىم شەرەپسىز ھۆكۈمەتلەر بىلەنمۇ دوستلۇق ئورناتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە 5 دۆلەتنى خىتاينىڭ "ئەڭ شەرەپسىز ئىتتىپاقداشلىرى" دەپ رەتكە تىزىپ چىققان.

0:00 / 0:00

بۇلارنىڭ بىرىنچىسى شىمالىي كورىيە بولۇپ، ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچەOpens in new window ]

، بېيجىڭنىڭ شىمالىي كورىيىدىكى مەنپەئەتلىرى : مۇقىملىق، ئىككى دۆلەت تىجارىي مۇناسىۋەتلىرى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتى ئىكەن.

ئۇ خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىگە قىلىۋاتقان ياردىمىنىڭ 1950 - يىللاردىكى كورىيە ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ كىم ئىرسىننىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ھەربىي جەھەتتىن قوللىشى بىلەن باشلانغانلىقىنى، شۇندىن باشلاپ خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ھامىيسى ۋە تىجارىي شېرىكىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، شىمالىي كورىيە ئىمپورت قىلىنغان ئېنېرگىيىسىنىڭ 90 پىرسەنتى، تاۋار ماللارنىڭ 80 پرسەنتى، يېمەك - ئىچمەكنىڭ 45 پىرسەنتى ھەممىسى خىتايدىن كېلىدىغان بولۇپ، ئاپتور مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:

ئەلۋەتتە بۇ مۇناسىۋەت بىر تەرەپلىمىلىك ئەمەس. خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىدە كۈنسايىن جىقلاپ بېرىۋاتقان شىركەتلىرى شىمالىي كورىيىدىكى ئىنتايىن ئەزان ئەمگەك كۈچىدىن پايدا ئالماقتا. خىتاي يەنە شىمالىي كورىيىنىڭ كۆمۈر ۋە مىنېرال زاپىسىدىن نەپ ئېلىۋاتقان بولۇپ، 2008 - يىلى ئىككى دۆلەت تىجارەت سوممىسى 2 مىليارد 79 مىليون دوللارغا يەتتى.

ئاپتور جوشىۋا كېتىڭ بېيجىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، شىمالىي كورىيە خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دۆلەتلەر ۋە دېموكراتىك بولغان ۋە ئامېرىكا ھەربىي بازىسى جايلاشقان جەنۇبىي كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەشتە ئېلاستىكىلىق رول ئوينىماقتا دەپ كۆرسىتىدۇ ۋە خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ شىمالىي كورىيىگە قاتتىق ئىمبارگو قۇيۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئەپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ ۋە "خىتاي، شىمالىي كورىيە ھاكىمىيىتى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تەقدىردە، ئۆزىگە كېلىدىغان زىياندىن قورققانلىقى ۋە شىمالىي كورىيىلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ خىتايغا ئېقىپ كىرىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن ھەر دائىم شىمالىي كورىيىگە كۆپ بېسىم قىلماسلىق تەرەپدارى بوپكەلدى" دەيدۇ.

ماقالىدە تىلغان ئېلىنغان ئىككىنچى دۆلەت ئىران بولۇپ، خىتاي ئىراندىن نېفىت ۋە گاز ئالماقتا ئىكەن.

ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يىپەك يولى مەزگىلىدىن باشلانغان. ئەمما كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا بۇ مۇناسىۋەت تۆۋەندىكى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىستراتېگىيىلىك تۈس ئېلىشقا باشلىغان. بىرىنچىسى، ئىراننىڭ نېفىتى. ئىككىنچىسى ئىراننىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى نەتىجىسىدە شەرقتىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىشى.

ئىران خىتاينىڭ 3 - چوڭ نېفىت مەنبەسى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تىجارەت سوممىسى 2009 - يىلى 21 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى يېقىندا ئىراندا نېفىت ۋە گاز مەنبەلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن يېڭى كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان.

ئاپتور مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:

-- خىتاي ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىغا قارىتا ئىمبارگو قويۇش تەلىپىگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېڭى شېرىكىنى ب د ت نىڭ جازا تەدبىرى ئېلىشىدىن قوغداپ كەلمەكتە ۋە مەسىلىنى دىپلوماتىيە بىلەن ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋاقىتنى سوزماقتا.

خىتاي مەسىلىنى دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى، ئەمما ئىران 2009 - يىلى ئۇراننى باشقا دۆلەتكە ئاپىرىپ قويۇقلاشتۇرۇشنى رەت قىلىش ئارقىلىق بۇ كۆز قاراشقا زەربە بەردى. خىتاي ئۇندىن كېيىن ئوچۇق بىر تىل بىلەن ئىراننى ئەيىبلىدى. خىتاي بۇ قېتىملىق برازىلىيە ۋە تۈركىيىنىڭ ئىران بىلەن بولغان سۆھبىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭ باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئىرانغا كۈچلۈك جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈش قارارىغا قول قويىدىغان - قويمايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

ماقالىدە كۆرسىتىلگەن ئۈچىنچى دۆلەت سۇدان بولۇپ، سۇدان خىتاينى نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەت ئىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي نېفىت ۋە ئېنىرگىيىگە بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئافرىقىغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغان. ئاپتور سۇداننىڭ خىتاينىڭ شەرەپسىز ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ نارازىلىق قوزغىغان بىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

-- ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى 1970 - يىللاردا ماۋ زېدۇڭنىڭ سۇداننىڭ ماركىسچە ئىدىيىگە ئىگە بولغان ھۆكۈمىتىنى قوللىشى بىلەن باشلانغان. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى سۇداندىكى خەلققە يۈرگۈزۈلگەن قانلىق قىرغىنچىلىق ۋە دارفۇردىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن سۇدانغا ئىمبارگو قويدى. خىتاي بولسا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۇدانغا كىرىپ، سۇداننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئاساسلىق رول ئېلىۋالدى. خىتاينىڭ نېفىت شىركىتى بولغان CNPC ھازىر سۇداندىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مەبلەغ سالغۇچى. خىتاي سۇدان نېفىتىنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىمپورت قىلماقتا.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى سۇدانغا 55 مىليارد دوللار قىممىتىدە قورال - ياراق سېتىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بولۇپ، بۇ قوراللار دارفۇردا 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك خىتاي خەلقئارا جامائەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ سۇدان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سۇدان پرېزىدېنتى ئۆمەر خاسسان ئالباشىر خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەش بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىنمۇ داۋام قىلماقتا ئىكەن.

ماقالىدە تىلغان ئېلىنغان تۆتىنچى دۆلەت بېرما بولۇپ، خىتاي بۇ دۆلەتنىڭ تەبىئىي گاز ۋە كانچىلىق ساھەلىرىگە مەبلەغ سالماقتا ئىكەن.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، بېرما خىتايغا ئەزەلدىن بېرى خام ئەشيا ئېكسپورت قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، يېقىندىن بېرى، خىتاي بېرمىنىڭ 21 تىرىليون كۇبمېتىرلىق تەبىئىي گاز زاپىسىغا كۆز تىكمەكتە ئىكەن. خىتاي 2008 - يىلى بېرما بىلەن 30 يىللىق تەبىئىي گاز كېلىشىمى ۋە خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىگە تۇتىشىدىغان گاز تۇرۇبىسى ۋە نېفىت تۇرۇبىسى ياساشقا پۈتۈشكەن. 1995 - 2005 يىللىرى ئارىسىدا خىتاي بېرمىنى 2 مىليارد دوللار قىممىتىدە ھەربىي ياردەم، كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە دېڭىز ئارمىيىسى پاراخوتى بىلەن تەمىنلىگەن.

جوشىۋا كېتىڭ خىتاينىڭ بېرمىنىڭ سايلامسىز ۋۇجۇدقا كەلگەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشىغا كۆز يۇمغانلىقى ۋە ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بېرما ھۆكۈمىتىنى قوللىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ماقالىدە كۆرسىتىلگەن خىتاينىڭ شەرەپسز ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بەشىنچىسى بولسا زىمبابۇۋى بولۇپ، زىمبابوۋىنىڭ قىممەتلىك مېتاللىرى خىتاينىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتى ئىكەن.

ئاپتور مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:

-- زىمبابۇۋى پرېزىدېنتى روبېرت مۇگابى ئەزەلدىن خىتاينى سۆيىدىغان بىر لېدىر ئىدى. ئۇ ئۆكتىچى لىدېر بولۇپ ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان يىللىرىدا بېيجىڭدىن قورال - ياراق ۋە ھەربىي تەلىم - تەربىيە ياردىمى ئالغان. ئۇ 1980 - يىلى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان تۇنجى يىلىدا بېيجىڭنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مۇگابىنىڭ قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان يەر ئىسلاھاتىنى ئوچۇق ‏ - ئاشكارا قوللاپ، مۇگابى ھاكىمىيىتىگە ئەڭ يېڭى ھەربىي تېخنىكىلارنى سېتىپ بەرگەن ئىكەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مۇگابى بۇنىڭغا جاۋابەن زىمبابوۋىنىڭ بىپايان مىنېرال زاپىسىنى خىتايغا ئېچىش ئۈچۈن بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ پىلاتىنا كېنىمۇ بار ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى زېمبابوۋىنىڭ كانچىلىق ساھەسىگە مىليونلارچە دوللار مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئاپتور بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

-- غەرب دۆلەتلىرى مۇگابىنىڭ قاتتىق رېجىمىگە قارشى بۇ دۆلەتكە قارىتا ئىمبارگو قويۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيىتتە، خىتاي بۇ دۆلەت بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.