خىتاي ئەتكەس ماللىرى "تۈرك مېلى" نامىدا ياۋروپاغا سېتىلىشقا باشلانغان


2005.06.03

سۈرىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقىلىق تۈركىيىگە قانۇنسىز يوللار بىلەن ئېلىپ كېرىلگەن خىتاينىڭ سۈپەتسىز ئېلېكتىرىك ئەسۋابلىرى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە سېتىلىشقا باشلانغان. بۇ ماللارنىڭ ئۈستىگە "تۈركىيىدە ئىشلەپچىقىرىلغان" دېگەن خەت يېزىلغان ئىكەن. بۇ ئەھۋال تۈركىيە ئېلېكتىرىك ئەسۋاب سانائەتچىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا. ئۇلار بۇنىڭ تۈرك ماللىرىنىڭ ياۋروپادىكى ئېتىبارىنى چۈشۈرىۋەتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

خىتاينىڭ ئېلېكتىرىك ئەسۋابلىرىلا ئەمەس، يەنە توقۇمىچىلىق، رەڭلىك مېتال، ئويۇنچۇققا ئوخشاش ماللىرىنىڭ كۆپلەپ تۈركىيەگە كىرىشى، تۈرك كارىخانىچىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا. بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن تۈركىيە توقۇمىچىلىق ماللىرى كارىخانىچىلىرى ئىستانبۇلدا خىتاي ماللىرىغا قارشى نامايىش قىلغان ئىدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىئايرى مۇخبىئىرمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.