خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 'كادىرلارنى ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈش' قارارى ھەققىدە ئىنكاسلار

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، "نازىر دەرىجىلىك كادىرلارنى ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈش" ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ھەم چەتئەللەردىكى ئەركىن مۇنازىرە مەيدانلىرىدا ئوخشىمىغان ئىنكاسلار بارلىققا كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.10.12
Ilshat-Hasen-Boshunde-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﺸﺎﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﺷﯜﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ 15 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺟﺎﯓ ﭼﯩﯖﻴﺎﯕﻨﯩﯔ "5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﯩﻠﺸﺎﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
news.boxun.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئېلشات ئەپەندى مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
 
"تەڭرىتاغ "تورىنىڭ 11 - ئۆكتەبىردىكى سانىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى مەسئۇلىنىڭ 8 - ئۆكتەبىر ، "شىنجاڭ گېزىتى" مۇخبىرى لى شىڭنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە، بۇ يىل نازىر دەرىجىلىك كادىرلارنى ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى، ھەم بۇ قارارنى ئېلىشنىڭ سەۋەبى، مەقسىتى، پرىنسىپى قاتارلىقلارغا جاۋاب بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى مەسئۇلى مۇخبىرغا بەرگەن جاۋابىدا، بۇ قېتىمقى نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنى ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈش قارارىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھالقىما تەرەققىيات ھەم رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئېلىنغان قارار" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، "ئۇيغۇربىز"، "شەبنەم" قاتارلىق تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا ئىشلەيدىغان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر نىسبىتىنىڭ بارغانچە ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ماقالىلەر كۆپلەپ بېسىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىكلەر تەنقىدلەنگەن ئىدى.

"ئۇيغۇربىز" تور بېكىتىنىڭ ساھىبى، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى، "شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى "ئۇيغۇربىز" قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلغان ماقالىلىرى ھەم چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتى ھەققىدە كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ زىيادە ئازلىقى ھەم ئۇلارغا ئەزەلدىن خىتاي كادىرلىرى بىلەن باراۋەر مۇئامىلە قىلىنماي كەلگەنلىكى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كادىرلىرىغا ئىشەنمەيدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىك ئامىللىرىنىڭ ئىپادىسى دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.

بۇلتۇر " 5 -ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى "ئۇيغۇربىز"، "شەبنەم"، "دىيارىم" قاتارلىق يۈزلىگەن تور بېكەتلىرىنى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر سەۋەبىدىن ئەيىبلەپ، " بۇ تور بېكەتلىرى ۋەقەدە قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىدى" دېگەن باھانە بىلەن تاقىغان ئىدى. ھۆكۈمەت خىزمىتى ھەققىدە پىكىر بەرگەن غەيرەت نىياز قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەم تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرىغا قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان، بېيجىڭدىكى ئىلھام توختى ئەپەندىنى بولسا نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ھەرقانداق سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە چىقىشىنى ھەتتا ئۆز يۇرتى ئاتۇشقا بېرىشىنىمۇ چەكلىگەن ئىدى.

بۇ يىل 5 - ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان" شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى"دا "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈپ، رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش" شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇلىسىمۇ، ئەمما بۇ يىغىندا رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى، ئۆرۈپ -ئادىتى، خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا سىقىپ چىقىرىلىپ، خىتاي تىلى تەلىپى سەۋەبلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ ئاز بۆلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ھېچقانداق قارار ئېلىنمىغان ئىدى.

"ئۇيغۇر بىز" تورىنىڭ چەتئەلدە قۇرۇلغان خەلقئارا تور بېكىتىنىڭ 4 - ئۆكتەبىردىكى سانىدا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ نىسبىتى 7%كە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ نىسبىتى 9% كە چۈشۈپ قالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلدى. خەۋەردە بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزگۈچى كىشىنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگىنى ئۈچۈن ھازىرچە ئېنىق بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىمىغانلىقى يېزىلغان.

خەۋەردە 20 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلەيدىغان خىتاي كادىرلىرىنىڭ نىسبىتى بارغانچە ئېشىپ، بۇ رايوننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى نىسبىتىنىڭ بارغانچە ئازايغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خەۋەر ئاستىغا يېزىلغان ئىنكاسلاردا بولسا، بۇ ئەھۋالنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە دەپ جاكارلىغان بىر رايوندا يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن مىللىي باراۋەرلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسلىكىنىڭ جانلىق ئىسپاتى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى "رايوندا مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ"، "بۇ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدىكى مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ ئىپادىسى" دەپ تەنقىدلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ" نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنى ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈش قارارى" نى ئېلان قىلىشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى بېسىش ھەم خەلقئارادىكى ئەيىبلەشلەردىن ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تاقابىل تۇرۇش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى مەسئۇلى مۇخبىرغا بەرگەن جاۋابىدا، بۇ قېتىمقى نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنى ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈشتە نىشان قىلىنغان كادىرلار ھەققىدە توختىلىپ، "بۇ قېتىم كادىرلارنى ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈش ئاساسلىقى كادىر تاللاشتا نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش، ياۋاش، قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ئىزچىل بىرىنچى سەپتە باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەۋاتقان، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، خىزمەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن، ئىستىلى دۇرۇس، خەلق ئىشىنىدىغان، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور كادىرلار تاللاپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىشنى ياخشى قىلىدىغان، ئىش تېرىمايدىغان كادىرلار ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇزاق مەزگىل ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلىگەن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلىيەلەيدىغان، بوران - چاپقۇننىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كادىرلار ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇلار ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقى، شۇنداقلا ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇلىدۇ،" دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئېلشات ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ قېتىمقى كادىرلارنى ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسى مەقسەتنىڭ يەنىلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىگە سادىق بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئەتراپىغا توپلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، ئۆزى ھەم نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل كادىرلارنىڭ ئۆز مىللىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق بىر قارارنى ئېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىجتىمائىي ئامىللار ھەققىدە توختالدى.

ئۇ سۆزىدە، خەلقئارادا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىشى؛ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئوخشاش خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەم ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋاللارنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى؛ ۋەتەن ئىچىدە تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان جامائەت پىكىرلىرى قاتارلىقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە مەلۇم بېسىملارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.