تېررورچىلىق رېئاللىقمۇ ياكى توقۇلمىمۇ ؟

مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرە قىلىنىدىغان 34 - نۆۋەتلىك شىمالىي ئامېرىكا مۇسۇلمانلار مۇھاكىمە يىغىنى ئالدىنقى كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.28

 ئامېرىكا، كانادا ۋە دۇنيادىكى ئىسلام مۇتەخەسسىسلىرى، تەتقىقاتچىلار، ئاتاقلىق دىنىي شەخىسلەر ۋە مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان بۇ يىغىننىڭ باش تېمىسى تېررورچىلىق رېئاللىقمۇ ياكى توقۇلمىمۇ،دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بولدى.

1000 غا يېقىن ئادەم ئىشتىراك قىلغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم بىلەن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاراڭغۇ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم قاتناشتى ۋە ئۇلار ئالاھىدە سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

رۇقىيە خانىم يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررور ئۇقۇمىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا تېررورچى قالپىقىنى كېيگۈزۈشكە ۋە ئۇلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى . رۇقىيە خانىمنىڭ سۆزلىرى يىغىن ئەھلىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.