خىتاي تەپتىش مەھكىمىسى ھېسابات مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى

خىتاي تەپتىش مەھكىمىسى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتكە قاراشلىق 32 ئىدارە - ئورۇننىڭ 2004 - يىللىق خامچوت ھېساباتىنى تەكشۈرۈپ چىققانلىقىنى ھەمدە مەزكۈر ئىدارە - ئورۇنلاردا مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ۋە ئۆز ئالدىغا ھېسابات ئېچىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ يەنىلا ناھايىتى ئېغىر ھالەتتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ۋە ئۆز ئالدىغا ھېسابات ئېچىش

مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا، مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ھەرقايسى ئىدارە - ئورۇنلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك بىر ئېغىر مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەسىلەن مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ۋە ئۆز ئالدىغا ھېسابات ئېچىش دېگەندەك مەسىلىلەر ئېغىر ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىدارە - ئورۇنلار خىتاينىڭ دۆلەتلىك ماددى ئەشيالار ئىدارىسى، پەن - تېخنىكا ئىدارىسى، سەھىيە مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، سۇ ئىشلار مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى، خىتاي قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بېيجىڭ گېزىتى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، ئۆز ئالدىغا ھېسابات سىرتىدا ھېسابات ئېچىۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى چىرىكلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار ئۆز - ئارا بىر - بىرىدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلالمايدىكەن. مەزكۇر مەلۇماتتا يەنە : ئۆز ئالدىغا ھېسابات ئېچىش مەسىلىسىدە دۆلەتنىڭ داۋاملىق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇنى قەتئىي چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى، لېكىن بىر قىسىم ئىدارە - ئورۇنلىرىدا، دۆلەت بەلگىلىمىلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆز ئالدىغا شەخسىي ھېسابات ئاچىدىغان ئەھۋالنىڭ ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خىتاي تەپتىش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاي ئاۋىئاتسىيە باش ئىدارىسى، تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت كابېنتى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مال - مۈلۈك نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى قارمىغىدىكى خىتاي قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى پىلانلاش ۋە تەتقىق قىلىش ئىنستىتۇتى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا سانائەت كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىسمى ئالاھىدە ئاتىلىپ تەنقىدلەنگەن.

مەسىلە ئېنىقلانغىنى بىلەن، تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىنمايدۇ

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئاتاقلىق ئادۋوكات پۇ جىجاڭ "خىتاي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۇ تۈردىكى دوكلاتلارنى ئېلان قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر خىل مەجبۇرىيەت. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ ئۆتۈمىسە بولمايدىغان ۋەزىپىسى. شۇڭا ئۇلار چوقۇم بايقالغان مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىشى كېرەك، لېكىن خىتايدا بايقالغان مەسىلىلەر ھېچقاچان ھەل قىلىنىپ باقمىغان" دەپ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى :

"مەنچە بۇ جەھەتتە باش تەپتىش لى جىنخۇئا خېلى كۆپ كۈچ چىقاردى. لېكىن مەن شۇنى بىلىمەنكى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئۇنىڭ بىلەن خوشى يوق. مەيلى ئۇ قانداق ئىدارە، ئورۇننى تەكشۈرسۇن، داۋاملىق قارشى تەرەپنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ چوڭ بولغانلىقتىن، مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەسىلىلەرمۇ ئەڭ كۆپ دېيەرلىك، ئۇلار داۋاملىق ھالدا ھەرخىل مەبلەغلەرنى يۈتكەپ تۇرۇپ ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي تەپتىش مەھكىمىسىگە بېرىلىدىغان پۇلمۇ مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەسدىقىدىن ئۆتىدىغان تۇرسا، بۇنى قانداق چۈشەنگۈلۈك ؟!"

چىرىكلىك، قۇرۇلما مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان

خىتاي تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قانۇنغا بويسۇنماي، تەرتىپكە خىلاپلىق قىلش ئەھۋالى بەكمۇ ئېغىر ئىكەن.

خىتاي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى جىنخۇئانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قىسىم كارخانا رەھبەرلىرى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملىرى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى خالىغانچە يۆتكەپ ئىشلىتىپ، خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق قىلىپ كەلگەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئېلىپ چەتئەللەرگە قېچىپ كەتكەن ئەمەلدارلار سانى 4000 دىن ئاشقان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئېلىپ قاچقان پۇل سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بېيجىڭلىق ئادۋوكات پۇ جىچاڭ "بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشى خىتايدا تا بۈگۈنگە قەدەر ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش بېجىرەلمىگەنلىكىدىن ھەمدە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا نازارەت قىلىش ھوقوقىغا ئىگە بولالمىغانلىقىدىن " دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر ئۆز ئالدىغا ئوچۇق - ئاشكارا بولغان بىر مەتبۇئات بولمايدىكەن شۇنداقلا ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا نازارەت قىلىش ۋە ئىش بېجىرىش ھوقۇقى بولمايدىكەن، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز ۋىجدانى بىلەن خاتالىقىنى تونىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. "

خىتاي تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، مۇھىتنى ئاسراش باش ئىدارىسى، دۆلەت ساياھەتچىلىك باش ئىدارىسى ۋە خىتاي قىزىل كىرىست جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىسمى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، مەزكۇر ئورۇنلارنىڭ داۋاملىق ھەرخىل باھانىلار ئارقىلىق قالايمىقان پۇل يىغىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. (مېھرىبان)