خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىيلىكتىن قايتقان كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ھەر قايسى ئورگانلارغا بېسىم ئىشلەتمەكتە
2005.04.05
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئاخبارات تورىدىن ئىگە بولۇشىمىزچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سېكرىتارى جاڭ چىڭلى ئۆتكەن ھەپتە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىيلىكتىن كەسپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت يىغىنىدا، ھەربىيلىكتىن قايتقانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، قوبۇل قىلىش ھەمدە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلاش ھەققىدە بۇيرۇق بەرگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە - ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەر يىلى، خىتاي ھەربىي سېپىدىن كەسپ ئالماشتۇرغان ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرگە ئالاھىدە ئېتىۋار بىلەن قاراپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى مەمۇرىي ئورگانلىرى، مەدەنىي مائارىپ ھەتتا زاۋۇت- كارخانا ئورۇنلىرىغىچە بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرىدۇ ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي سەپتىن قايتقانلارغا نېمە ئۈچۈن ئالاھىدە ئېتىۋار بىلەن قارايدۇ ؟
©
2005 Radio Free Asia