خوڭكوڭلۇقلارنىڭ تەلىپى: يېرىم دېموكراتىيىدىن تولۇق دېموكراتىيىگە ئۆتۈش
2007.12.24
خوڭكوڭ دېموكراتلىرى تۈنۈگۈن يەنى 23 -دېكابىر كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خوڭكوڭغا تولۇق دېموكراتىيە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئاچلىق ئېلان قىلدى. ئاچلىق ئېلان قىلىش، خوڭكوڭدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرۇھ-دېموكراتىك پارتىيە تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر پارتىيىنىڭ سېكرېتارى ئالبېرت خۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاچلىق ئېلان قىلىش يەتتە كۈن داۋام قىلىدۇ.
خوڭكوڭدىكى ئىختىلاپلار
خوڭكوڭ خىتايغا قايتقاندىن بېرى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى بىلەن بېيجىڭ تەرەپدارلىرى ئارىسىدا داۋاملىق تۈردە ئىختىلاپ يۈز بەرمەكتە. مۇھىم ئىختىلاپلاردىن بىرى، 2003 - يىلى يۈز بەرگەن، مەركىزى ھۆكۈمەت، دۆلەتنى پارچىلاش، مەركىزى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى چەكلەش ھەققىدە خوڭكوڭنىڭ يەرلىك قانۇنىغا، ماددا قوشماقچى بولغاندا، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغالغان. خوڭكوڭ خەلقى بۇ ماددىنى، ساقچىلارنىڭ خەلقنى خالىغانچە تۇتۇش، ئاختۇرۇش ۋە قولغا ئېلىش ھوقۇقىنى چەكتىن ئاشۇرىۋېتىدۇ، ئىنسانىي ھوقۇق دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرايدۇ دەپ قاراپ، قارشىلىق بىلدۈرگەن. 2003 -يىلى 1 - ئىيۇل كۈنى 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت مەزكۇر ماددىنى قانۇنغا كىرگۈزۈشتىن ۋاز كەچكەن ئىدى.
خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن يەنە بىر مەسىلە، ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ خىراجەت مەسىلىسىدۇر. خوڭكوڭ يەرلىك قانۇنىدا، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ خىراجىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن، ئەينى ۋاقىتتا يەنە، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە بەلگىلەنگەن خىراجەتلەرنى قايتا تەڭشەيدۇ دەپ كۆرسەتكەن. 1997 - يىلى ئاسىيا ئىقتىسادىي كرىزىسى يۈز بەرگەندە، ھۆكۈمەت ئالدى بىلەن، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ خىراجىتىنى قىسقارتقان، بۇ ئەھۋال ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇش دەپ قارىلىپ، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خوڭكوڭدىكى "يېرىم دېموكراتىيە"
بۇ قېتىمقى ئىختىلاپ، خوڭكوڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئومۇمى سايلامنىڭ ۋاقتى ئۈستىدە بولۇپ، خوڭكوڭ دېموكراتلىرى ئومۇمى سايلامنى 2012 - يىلى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بېيجىڭ تەرەپدارلىرى بولسا، 2017 - يىلى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ. 1997 - يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان خوڭكوڭ يەرلىك قانۇنىدا، خوڭكوڭغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش، كاپىتالىزم تۈزۈمىنى 50 يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇش ۋە خوڭكوڭ رايون باشلىقى بىلەن خوڭكوڭ قانۇن مەسلىھەت كېڭىشىنى ئومۇمى سايلام ئارقىلىق بېكىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئومۇمى سايلامنىڭ قاچان ۋە قانداق ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن.
مەزكۇر قانۇنىنىڭ 45 - ۋە 68 - ماددىسىدا، " ئومۇمى سايلام ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، قەدەم باسقۇچلۇق ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ" دەپ مۇجىمەل كۆرسىتىلگەن. خوڭكوڭنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇت سايلام تۈزۈمىدە، خوڭكوڭ رايون باشلىقى 800 كىشىدىن تەشكىللەنگەن سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن سايلىنىدۇ. سايلام كومىتېتىدىكى 800 ۋەكىلنىڭ 664 نەپىرى كەسپىي ساھەدىن 40 نەپىرى دىنىي جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن كۆرسىتىلىدۇ. خوڭكوڭ قانۇن مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 60 ئەزاسىنىڭ يېرىمى خەلق تەرىپىدىن قالغان يېرىمى يەنىلا كەسپىي ساھەلەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
كەسپىي ساھە ۋەكىللىرى ئۆز مەنپەئەتلىرى سەۋەبلىك بېيجىڭ تەرەپدارى؛ خوڭكوڭلۇقلار مەۋجۇت تۈزۈمنى يېرىم دېموكراتىيە دەپ قارىماقتا ۋە مەركەزدىن تولۇق دېموكراتىيە تەلەپ قىلماقتا. ئۇلارنىڭ تولۇق دېموكراتىيە دېگىنى، خوڭكوڭ رايون باشلىقى بىلەن قانۇن مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىنى خەلق ئومۇمى سايلام ئارقىلىق بىۋاستە سايلاپ چىقىشتۇر. بۇ مەسىلە، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئالدىنقى ھەپتە، خوڭكوڭ رايون باشلىقى زېڭ يىڭچۇەن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا بۇ ھەقتە دوكلات سۇنغان بولۇپ، ئۇ دوكلاتىدا، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ 2012 - يىلى، ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئومۇمى سايلامنىڭ 2017 - يىلى ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ سەۋەبلىك بۇ دوكلات، خوڭكوڭ دېموكراتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.
خوڭكوڭلۇقلار، دېموكراتىيىگە مېڭىشتا تەخىرسىز
دېموكراتلار بۇ قېتىمقى ئاچلىق ئېلانىنىڭ باياناتىدا، مەقسىتىنىڭ، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئومۇمى سايلامنى 2012 - يىلدىن كېچىكتۈرمەسلىك ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ تەلىپىنىڭ قەتئىي ۋە تەخىرسىزلىكىنى نامايەن قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خوڭكوڭنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئەزاسى نى خونمۇن، " مەركەز، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئومۇمى سايلام تەلىپىنى رەت قىلماسلىقى ئېھتىمالغا كۆپ يېقىن، چۈنكى رەت قىلىدىغانغا ھېچقانداق سەۋەب يوق" دەپ بىلدۈرگەن. ئەمما، بېيجىڭ، دېموكراتىيە مەسىلىسىگە ھەر ۋاقىت گۇمان ۋە ئەندىشە بىلەن قارايدىغىنى ئۈچۈن، كۆزەتكۈچىلەر ئومۇمى سايلامنىڭ ۋاقتى يەنە كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن دەپ قاراشماقتا. يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بېيجىڭ ئومۇمى سايلامنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىش ئورنىغا سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزاسىنى 800 دىن 1200گە كۆپەيتىش ئارقىلىق، خەلق ئىرادىسىنىڭ ئەكس ئېتىش ئىمكانىنى يەنە بىر ئاز كېڭەيتىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئەگەر خوڭكوڭ دېموكراتلىرىنىڭ بۇ تەلىپى قوبۇل قىلىنسا، خوڭكوڭلۇقلار تارىختا تۇنجى قېتىم ئوز رەھبىرى ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن سايلاپ چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. خوڭكوڭ رايون باشلىقى 1997 - يىلدىن ئاۋۋال ئەنگىلىيە تەرىپىدىن تەيىنلىنىپ كەلگەن. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا دېھقانلار قارشىلىق ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز يۈز بەرمەكتە
- ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە ئىنسانلىق تراگېدىيىسى
- ئۇيغۇرلار دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خاتىرىلىدى
- گوللاندىيىدە " ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىگە ئەركىنلىك" دېگەن شۇئار ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- دېموكراتىيىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تەسىرى
- خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش
- گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى مىيونخېن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خاتىرىلىدى
- ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى
- خىتاي زىيالىيلار " ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرۇلۇق ئوچۇق خەت يازدى
- خېفېي توپچى قىسىملار ئىنىستىتوتىدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ نىشانى ساختا ئۇنۋانغا قارشى تۇرۇش
- تۇرپاندىكى نامايىش يەنە داۋاملاشماقتا
- قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى كۆپەيمەكتە