خىتاي - قازاقىستان ھەربىي مانىۋېرى 2 - باسقۇچىغا كىردى


2006.08.25

خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا ۋە غۇلجىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان 3 كۈنلۈك تېررورىزمغا قارشى ھەربىي مانېۋىرى جۈمە كۈندىن باشلاپ 2 - باسقۇچقا كىردى. پەيشەنبە كۈنى باشلانغان مانېۋىرنىڭ بىرىنچى باسقۇچى قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ۋە 26 - ئاۋغۇست كۈنى ئاخىرلىشىدىغان مانېۋىرنىڭ 2 - باسقۇچى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا شەھىرى يېڭىيار يېزىسىدا داۋاملىق قىلماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە بۇ قېتىمقى مانېۋىر شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ بۇ يىل 6 - ئايدا چاقىرىلغان ئالى دەرىجىلىكلەر يىغىنى جەريانىدا قازاقىستان ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالغان قارارى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان. لېكىن ھەر ئىككىلا تەرەپ مانېۋىرنىڭ تەپسىلى دېتاللىرىنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلماقتا. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى مانېۋىرغا خىتاي تەرەپتىن "ئېنىق بولمىغان ساندا" ئەدلىيە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"تېررورىزم" غا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان

جوڭگودا تېرورچى ۋە بۆلگۈنچى، دەپ جازالانغان بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىتنى كۆرۈپ يېتەلمىدۇق.

مانېۋىرغا قازاقىستان تەرەپتىن دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ بىر مۇئاۋىن رەئىسى قوماندانلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئىسلام دوسمايىلئوغلى، ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىغا "ھازىرچە مانېۋىر توغرىسىدا يېتەرلىك ئۇچۇرۇم يوق،" دەيدۇ. يېڭىياردىكى يەرلىك پۇقرالارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايلار مانېۋىر جەريانىدا برونېۋىك ۋە تىك ئۇچارلارنى ئىشلەتكەن.

خىتاي بىلەن قازاقىستان سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە بىر - بىرىگە قارشى دۈشمەن كۈچلەر بولسىمۇ، لېكىن ھازىر شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ كۈنلىكى ئاستىدا ئۆزلىرىنى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش "3 خىل كۈچلەر" نىڭ تەھدىتىگە قارشى ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە دۆلەتلەر، دەپ قارىماقتا. قازاقىستان ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئانالىزچىسى كونستانتىن سىرويېجكىن، مانېۋىرنى "زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، كۆچمەنلەر، دىنىي ۋە سىياسى ئەسەبىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تەھدىتلەرنى نىشان قىلغان تېررورىزمغا قارشى مانېۋىر،" دەيدۇ.

ھەر ئىككىلا تەرەپ مانېۋىر تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مانېۋىرغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى كورىننا باربارا - فرانشىس، "ئەمىلىيەتتە بىز جۇڭگودا ھېچقانداق تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلىمىز. جوڭگو ھۆكۈمىتىمۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ھېچقانداق تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە،" دەيدۇ.

مانېۋىرنىڭ مەقسىدى "چېگرىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش"

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات بولسا مانېۋىرنىڭ مەقسىدى "چىگرىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش،" دېدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى مەيسى ۋېيچېردىن، جوڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوقلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " جوڭگودا تېرورچى ۋە بۆلگۈنچى، دەپ جازالانغان بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىتنى كۆرۈپ يېتەلمىدۇق،" دەيدۇ. يېڭىياردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مانېۋىرغا خىتاي تەرەپتىن جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مېڭ خوڭۋېي قوماندانلىق قىلغان.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "تەڭرىتاغ - بىر 2006 ‏" دەپ نام بېرىلگەن مانېۋىرغا خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى ۋە "شىنجاڭ" تېررورىزمغا قارشى ئالاھىدە رازۋېتكا ئەترىتى قاتناشماقتا. قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى مانېۋىرغا قازاقىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تەرەپلەر مانېۋىردا ماسلىشىش، گۆرۈگە تۇتۇلغانلارنى قۇتقۇزۇش، تېرورچىلارنى قورالسىزلاندۇرۇش مەشىقى ئېلىپ بارماقتىكەن.

خىتاي قازاقىستان مۇناسىۋىتى يېقىنلىشىۋالىدۇ

مانېۋىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېڭىيار يېزىسىدىكى ھېلىقى دېھقان مانېۋىردىن بېسىم ھىس قىلمىغان بىلدۈردى. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ مانېۋىر قازاقىستاننىڭ مەنپەئەتىدىن كۆپرەك جۇڭگونىڭ رايوندىكى مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. ھاۋاي شاتاتىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەتقىقات مەركىزىدىكى ئىلىزابېت دەيۋىس خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ مانېۋىر خىتاي - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ تەرەپلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى كۈچەيمەكتە. ئۇ، شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ كۈنلىكى ئاستىدا تېررورىزمغا قارشى مانېۋىر ئېلىپ بېرىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى جوڭگو ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ليۇ شاۋجۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى تۆۋەندىكى 3 نۇقتىنى چىقىش قىلغان. مۇخبىرىمىزغا "جوڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى ئەتراپىدا مەۋجۇت بۆلگۈنچىلىك خائىشلىرىغا قارشى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئالماقچى،" دەپ تەكىتلىگەن ليۇ شاۋجۇ، " جۇڭگونىڭ نېفىت يېتىشمەسلىك مەسىلىسى بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى، غەربنى ئېچىش ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلىنىش بۇ جۇڭگونىڭ كېلەچەكتىكى نېفىت ئېھتىياجىنى قامدايدىغان ئاساسى يول. ئۈچۈنچى، بۇ جۇڭگونىڭ يەر شارى ئىستراتېگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جوڭگو شاڭخەي گۇرۇھىنى قوللىنىپ غەربتىن كېلىدىغان بېسىمنى يەڭگىللەتمەكچى،" دەيدۇ.

جوڭگو 2002 - يىلى قىرغىزىستان بىلەن ئىككى دۆلەت چىگرا ياقىسىدىكى رايونلاردا تېررورىزمغا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ 2003 - يىلى 8 - ئايدا ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۇ قېتىم تېررورىزمغا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ 1997 - يىلى 2 - ئايدا خىتاي - ئۇيغۇر توقۇنۇشى يۈز بەرگەن غۇلجىدا 2 - قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.