خوتەندە بىر خىتاي ئەمەلدار ۋە بىر ساقچى ئۆلتۈرۈلگەن

يېقىندا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرسى رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، بۇ ھەپتە ئىچىدە خوتەندە بىر خىتاي ئەمەلدارى ۋە بىر قاتناش ساقچىسىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدەك ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ۋەقەنىڭ بولغانلىقى، نۆۋەتتە ئىككى گۇماندار ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.11.11
qeshqer-saqchi-charlash-305 ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo

بىز رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەن ياكى يۈز بەرمىگەنلىكىنى ۋە ۋەقەلىكنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن خوتەنگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. بىز خوتەندىكى مەلۇم بىر مېھمانخانىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ خىتاي قىز ئۆزىنىڭ شۇنداق گەپنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتتى.
 
- ھە، مەن ئاڭلىدىم. لېكىن مەن تەپسىلاتىنى ئېنىق ئۇقمايمەن. ئۇلار شۇنداق دەيدۇ.
- ئۇلار دېگەن كىمۇ، خىزمەتداشلىرىڭىزمۇ؟
- مۇشۇ يەردە ئىشلەيدىغانلار، مېھمانلاردىن ئاڭلىغانتىم.
- ئۇلار نېمە دېگەن ئىدى ؟
- شۇ، ئىشقىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى دېدى.
- ئۇ خىتاي نېمىشقا ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، ئۇنى بىلدىڭىزمۇ؟
- ياق. بىلمىدىم.
- سىز بۇنى قاچان ئاڭلىدىڭىز؟
- ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا.

بىز تېلېفوننى قويۇپ ئارقىدىن باشقا بىر نومۇرغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفونىمىز خوتەندىكى قاتناش مېھمانخانىسىغا باغلاندى. تېلېفونغا جاۋاب بەرگەن قىزمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ئىككى كۈن ئاۋۋال ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزى تەرەققىيات - ئېچىش رايونىدا بولغانلىقتىن ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئارقىدىن بىز، خوتەن شەھەر ئىچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزغا چىققان بىر ئۇيغۇر خانىم ئۆزىنىڭ خىتاي ئەمەلدارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بىر قاتناش ساقچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋەقەسىگە دائىر بىلىدىغانلىرىنى مۇنداق بايان قىلىپ بەردى.

بۇ خانىمنىڭ بايان قىلىپ بەرگەنلىرىدىن قارىغاندا، ئاقسۇدىن كەلگەن ئىككى گۇماندار ئۆزىنى قوغلاپ كەلگەن ئۇيغۇر قاتناش ساقچىسىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ بىر - بىرىگە چېتىشلىق بولۇش ئېھتىمالىنى يۇقىرى دەپ قارىماقتا.

مەلۇم بولغاندەك، ئاقسۇدا كېيىنكى كۈنلەردە خىتايلارغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقا - ئارقىلاپ مەيدانغا كەلگەن ئىدى. ئاقسۇدىكى ۋەقە مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى رايوننىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتمۇ-قات چىڭىتىپ، گۇمانلىق كىشىلەر دەپ قارالغانلارنى تەقىب ئاستىغا ئېلىشنىمۇ كۈچەيتكەن.

بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن بۇ يىل ئاۋغۇستتا چارلاش ساقچىلىرىنى پارتلىتىش ۋەقەسى ۋە قورال ئىسكىلاتى ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەرگە چېتىشلىق دەپ قارىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھېلىھەم خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونى مىقياسىدا ئىز قوغلاپ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم بولغان.

بۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ئاقسۇدىن كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ ئىككى كىشىنىڭ "سىياسىي جىنايەتچى" بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ قېچىش جەريانىدا يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنى سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن دەپ قارالماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.