كېرىيە ۋە چىرا ناھىيىلىرىدە قاتتىق يەر تەۋرىدى
2008.03.21
ئۇيغۇر ئېلىگە دائىر ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى 21 - مارت سەھەر ۋاقتى تۆت يېرىم ئەتراپىدا، خوتەننىڭ كېرىيە ۋە چىرا ناھىيىلىرىنى مەركەز قىلىپ 7.3 بال يەر تەۋرىگەن. يەنە بىر قانچە سائەتتىن كېيىنمۇ 14 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەش كۆرۈلگەن. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى بىر قەدەر ئېغىر بولغان رايونلار چەت ياقا يېزا ياكى تاغلىق كەنتلەر بولغاچقا، يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان ئاپەت، ھەمدە ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشمۇ بىر قەدەر مۈشكۈل بولماقتا.
7.3 بال يەر تەۋرىگەندىن باشقا 14 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىدى
خىتاي دۆلەتلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى يەنى نورۇز بايرىمىنىڭ بىرىنچى كۈنى سەھەر تۆتتىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسى بىلەن چىرا ناھىيىسى چېگرىسىدا 7.3 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن سائەت سەككىزگە قەدەر يەنە 6 بال ئەتراپىدا 14 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەش ھالىتى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئادەتتە قالدۇق يەر تەۋرەش كۈچلۈك يەر تەۋرەشتىن كېيىن نورمال كۆرۈلىدىغان ئاجىزلاش باسقۇچى ئىكەن. خوتەندە يۈز بەرگەن بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ھادىسىسى چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تاراتتى. ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە ئامېرىكا يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئورگانلىرى بۈگۈن سەھەر خوتەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ 7.2 بالغا يەتكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققان.
يەر تەۋرەش مۇتەخەسسىسلىرى ئادەتتە 7.3بال قاتتىق يەر تەۋرەشنىڭ خېلى زور ئاپەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويماقتا.
ئاپەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس
بىز بۇ يەر تەۋرەشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىرى ھەمدە يەر تەۋرەش رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كىرىيە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بىر خىتاي كادىر يەر تەۋرەشنىڭ كېرىيە ۋە چىرا ناھىيىسىنىڭ ئالاقە ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئۇلانمىغان قاتناش قولايسىز بولغان تاغلىق كەنتلەردە يۈز بەرگەنلىكىنى شۇ سەۋەبلىك ھازىرغىچە ئاپەت ئەھۋالىدىن ئېنىق ئىستاتىستىكىلىق مەلۇمات ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي كادىر يەنە "كېرىيە ۋە چىرا ناھىيىلىرىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان تاغلىق كەنتلەردە ئولتۇراقلاشقانلار ھەممىسى ئۇيغۇرلار" دەپ بىلدۈردى.
بىز ئۇنىڭدىن يەر تەۋرەشتىن ئالدىن خەۋەرلەنگەن خەۋەرلەنمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ "بىزنىڭ ناھىيىدە يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى يوق، خوتەن ۋىلايىتىدىنمۇ خەۋەر كەلمىگەن" دېدى. ۋە نۆۋەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلاردىن كادىرلارنىڭ يېتىپ كېلىپ يىغىن ئېچىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ زىيارىتىمىزگە خاتىمە بەردى.
سەھەردە سىلكىنگەن ئامما تەشۋىشتە
بىز يەنە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن كېرىيە ناھىيىسىدىكى ئاممىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق : يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان كېرىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاتچان يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئوتتورا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، يەر تەۋرەشتە سىنىپلارنىڭ تاملىرىغا دەز كەتكەچكە مەكتەپتىن دەرس توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز ئاممىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى ئېغىر بولغان تاغلىق كەنتلەردىن لۇشتاغ كەنتى، تۇلۇ كەنتلىرىگە تېلېفون قىلىپ كۆرگەن بولساقمۇ، بۇ جايلارنىڭ تېلېفون سىملىرىمۇ كاشىلىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىدى.
خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەت بولۇپ، خىتاينىڭ ئېلان قىلىشىچە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى ئىككى مىليون 300 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىگەن نوپۇسى %95 كە يېتىدۇ. خوتەن شەھەر ئىچىنىڭ مەزكۇر يەر تەۋرەش ھادىسىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى ئىگىلەش تېلېفون قىلغىنىمىزدا، شەھەردە ئولتۇرۇشلۇق بىر قىز يەر تەۋرەشنىڭ شەھەرگە تەسىر پەيدا قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.
زىيان بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولىشى مۇمكىن
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەۋەر تور بەتلىرىدە خوتەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە دەسلەپكى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا،بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى خوتەن ۋىلايىتىدىكى كېرىيە، چىرا ۋە لوپ ناھىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر تەۋرەش رايونىدا يىگىرمە مىڭ 480 ئائىلە، جەمئىي، 44مىڭ 365 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان. 87 ئائىلىنىڭ جەمئىي 201 ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلگەن. يەنە 1987 ئېغىز ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە دەز كەتكەن ھەم بۇزۇلغان. تولۇق بولمىغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا بىۋاستە كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان ئون مىليون 585 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
يەرلىك دائىرىلەر ھازىرغىچە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يارىلىنىش ياكى ئۆلۈم يېتىم ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلمىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 - يىلى قەشقەرنىڭ مارالبېشى چوڭقۇرچاق يېزىلىرىنى ئاساس قىلىپ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر ئۆلۈم -يېتىم ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن،شۇ يىلىدىن باشلاپ 2008 - يىلغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە،ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق يەر تەۋرەش ھەمدە ئاپەت رايونلىرىغا جايلاشقان يېزا كەنتلەردىكى ئاممىنى بىخەتەر ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما يەرلىك ئاممىنىڭ ئىپادىلىشىچە نۇرغۇن كەنتلەردە كۆپ ساندىكى نامرات دېھقانلار يەنىلا خام كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئۆي ئۆرۈلۈش سەۋەبلىك يارىلىنىش ئەھۋاللىرى ئېغىر بولغانلىقى ھەققىدە خەلق ئارىسىدا ئاغزاكى خەۋەرلەر تارالماقتا ئىكەن.
بىز خوتەندە يۈز بەرگەن بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشىمىز. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مېۋە ماكانى ئۈششۈكتە قالدى
- خوتەن دائىرىلىرى قار ئاپىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى يوشۇرماقتا
- تەبىئىي ئاپەت زىيىنىنىڭ سۈنئىي سەۋەبلىرى
- قار ئاپىتى ئۇيغۇر خەلقىگە بالايى - ئاپەت ئېلىپ كەلدى
- ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈپ چىققان مەسىلىلەر
- قەدىمىي مىراس "خوتەن قەغىزى" بۈگۈن ھەم ئەتىگە خىتاپ قىلىدۇ
- ئۇچ تۇرپان ناھىيىسى ياركۆۋرۈك يېزىسىدىكى ئاپەتتە كۆپلىگەن دېھقانلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە كەلكۈن ئاپىتى داۋاملاشماقتا
- يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىدا مەسىلە كۆپ
- ئۇلۇغچاتتا يەر تەۋرىدى
- غەمگە پاتقان يەر تەۋرەش بەلۋېغى
- يېقىن كەلگۈسىدە تەڭرىتاغدا ئېغىر يەر تەۋرەشى مۇمكىن ئىكەن