خوتەندە ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ روپاش ئاياللارنىڭ سىرتلاردا يۈرۈشىنى چەكلىمەكتە

11 - ئىيۇن كۈنى خوتەن ۋىلايىتىدىكى مەلۇم سودا سارىيى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن ئاياللارنىڭ سودا سارىيىغا كىرىشىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. خوتەندىكى پۇقرالاردىن ئىگىلىشىمىزچە، خوتەندە «دىنىي تۈس ئالغان كىيىنىشنى چەكلەش» نامىدىكى ھەرىكەت يېزا - كەنتلەردە تېخىمۇ قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.06.22
xotende-ropash-ayallarning-soda-sarylirigha-kirishi-cheklengenliki-heqqidiki-uhturush-305.png خوتەن ۋىلايەتلىك «ئالتۇن يۇلتۇز» سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تارقاتقان روپاش ئاياللارنىڭ سودا سارىيىغا كىرىشى چەكلەيدىغان ئۇقتۇرۇش قەغىزى
Photo: RFA


خوتەن ۋىلايەتلىك «ئالتۇن يۇلتۇز» سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تارقاتقان بىر ئۇقتۇرۇشتا، روپاش ئاياللارنىڭ سودا سارىيىغا كىرىشى چەكلىنىدىغانلىقى ئوچۇق - ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: دىنىي پۇراقنى سۇسلاشتۇرۇش، دىنىي مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇپ ۋە بازار تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە ۋە شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، روپاش ئاياللارنىڭ سودا - ساراي، تىجارەت ئورۇنلىرىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. سودا - سارايلاردا دىنىي تۈس ئالغان كىيىم - كېچەكلەرنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ. ھەرخىل قانۇنسىز ئۈن - سىن ماتېرىياللىرىنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.»

بۇ ئۇقتۇرۇش ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىگە قويۇلغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلار، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ئېغىر كەمسىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خوتەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

بىز خوتەن يېزىلىرىغا تېلىفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن نۆۋەتتە خوتەن يېزىلىرىدا، «دىنىي تۈس ئالغان كىيىنىشنى چەكلەش» نامىدىكى ھەرىكەتنىڭ يېزا كادىرلىرىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى قىىلىپ بەلگىلەنگەنلىكى مەلۇم بولدى.

خوتەن شەھەر ئەتراپىدىكى مەلۇم يېزىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، ئۇلارنىڭ كەنتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىنىي تۈس ئالغان كىيىنىشنى چەكلەش ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ، يېزىدا كادىرلار ئۆي - ئۆيلەرگە كىرىپ دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيمەسلىكنى تەشۋىق قىلغاندىن باشقا يەنە، روپاش ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن مەخسۇس كادىرلار بەلگىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خانىم ئۆز بايانىدا يەنە، ھازىر يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان رامىزان ئېيىيدا نورمال روزا تۇتۇشقىمۇ چەكلىمە قويۇلۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بۇ خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇلتۇر رامىزان مەزگىلىدە بالىلارنىڭ رامىزان قوشىقى ئېيتىشىغا، دېھقانلارنىڭ توپلىشىپ تۈنەك ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدا دىنىي تۈش ئالغان كىيىنىشنى چەكلەش نامىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان. بۇلتۇر كۇچاردا زامانىۋى كىيىنىش بىلەن دىنىي تۈس ئالغان كىيىنىش سېلىشتۇرما قىلىنغان مودا كىيىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىپ، ئۇزۇن كۆينەك كىيىشى چەكلەنگەن بولسا، ئۆتكەن ئايدا قەشقەردە ۋىلايەتلىك ئاياللار كومىتېتىمۇ ئاياللارنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتماسلىقنىى تەشەببۇس قىلىپ، «گۈزەل جامالىمىزنى نامايان قىلىپ، سۇمبۇل چاچلىرىمىزنى لەپىلدىتەيلى» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى قەشقەردىكى كوچا - كويلارغا ئاسقان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قىلىنغان ھاقارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرىنى خىتاي دائىرىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل كەمسىتىش ھەرى كەتلىرىگە قارىتا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.