خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنى تۇتقۇن قىلماقتا
2005.12.29

باش شىتابى ئامېرىكىدىكى خرىستىئانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان " خىتايغا ياردەم ئۇيۇشمىسى" نىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 25-دېكابىر روژدېستۋو بايرىمى كۈنىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ماناس ناھىيىسىدىكى 210 نەپەر خرىستىئان ئېتىقادچىسى ماناستىكى بىر تانسا زالىنى ئىجارىگە ئېلىپ، بۇ يەردە روژدېستۋو بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە ماناس ناھىيىلىك دۆلەت قوغداش ۋە توپىلاڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەترىتى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى خادىملىرىدىن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى 17 دانە ساقچى ماشىنىسى بىلەن بۇ يەرگە باستۇرۇپ كىرگەن. ساقچىلار بۇنى ئۇيۇشتۇرغان 12 نەپەر خرىستىئان مۇرىتىنى قولغا ئېلىش بىلەن بىرگە، بۇ يەر ئاستى خرىستىئان ئېتىقادچىلار ئويۇشمىسىغا تەۋە 2 ماشىنا، بىر پىئانو ۋە 80 نەچچە پارچە ئىنجىلنى مۇسادىرە قىلىپ كەتكەن. شۇنداقلا ساقچىلار ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيىتىنى "قانۇنسىز دىنىي يىغىلىش" دەپ ئەيىبلىگەن.
يەنە 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ
"خىتايغا ياردەم ئويۇشمىسى" نىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى كەچتە تۇتۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئارىسىدا 7 كىشىنى قويۇپ بەرگەن. لېكىن قالغان 5 ى يەنىلا ماناس ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماناستىكى ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى ئىدارىلىرى بۇ خەۋەرنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ يەنە 15 كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
- لۇ جيەنچېن قاتارلىقلار قويۇپ بېرىلدىمۇ؟ -قانۇنسىز يىغىلىش قىلغانلارما؟ -ھەئە يىغىلىش قىلغانلار. -ياق، ئۇلار ھازىرغىچە مۇشۇ يەردە. -جوۋبىن ئىسىملىك 50 ياشلىق ئايالچۇ؟ ئۇنى قويۇپ بەردىڭلارمۇ؟ -ياق. -ئۇلارنى قاچان قويۇپ بېرىسىلەر؟ - 5 كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرىمىز. سىزنىڭ زادى نېمە ئىشىڭىز بار. ئىشىڭىز بولسا بىزنىڭ رەھبەرنى ئىزدەڭ.
ماناس ناھىيىسىدىن سىرت يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كورلا شەھىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆز ئالدىغا يىغىلىش قىلغان خرىستىئان ئېتىقادچىلىرى جامائىتى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى.
چېركاۋدىن باشقا يەرلەردە يىغىلىش قىلىش قانۇنسىز
"خىتايغا ياردەم ئويۇشمىسى" نىڭ مەلۇم قىلىشىچە، كورلىدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى بولۇپ 100 دىن ئوشۇق كىشى روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى يىغىلىش قىلىۋاتقاندا، چۈشتىن كېيىن سائەت بىرلەردە كورلا شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى، جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرىۋەتكەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كورلا شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى بۇ خەۋەرنى ئېتىراپ قىلدى.
- 24 - چېسلا ئەتتىگەن 10 دا، دۆلەت بىرلىكسەپ ئىدارىسى، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە دۆلەت قوغداش ئەترەتلىرى بىزنىڭ سايباغ رايونلۇق ساقچىخانا بىلەن بىرلىكتە بېرىپ، ئۇلارنىڭ يىغىلىشىنى تارقاقلاشتۇرىۋەتتى. - ئۇلار قارشىلىق بىلدۈرمىدىمۇ؟ - ياق. - ئۇلار روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەنلا پائالىيەت ئويۇشتۇرغانمۇ، ياكى باشقا ئىشلارمۇ بارمۇ؟ - شۇ، ئۇ كۈنى تىنچلىق كېچىسى ئەمەسمۇ، ئۇلار شۇنى تەبرىكلىمەكچى بولغان. بىزنىڭ بۇ يەردە 3 چېركاۋ بار. ئۇ يەردە پائالىيەت قىلسا قانۇنلۇق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەرلەردە يىغىلىش قىلسا قانۇنسىز بولىدۇ. بۇنىڭغا ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلمايدۇ.
بۇ خادىمنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، ساقچىلار بۇ سورۇنغا كەلگەندە، ئۇ يەردە 111 نەپەر خرىستىئان مۇرىتى پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىكەن. لېكىن ساقچىلار بۇ خرىستىئانلارنى تۇتقۇن قىلمىغان. بۇ پائالىيەت، كورلا شەھىرى سايباغ كوچىسىدىكى ياۋ جيا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ سورۇننى ھازىرلاپ بەرگەن كىشى بۇ يەردىكى يۈ فامىلىلىك بىر ئايال ئىكەن.
خرىستىيان مۇرىتلىرى سانى ئاشماقتا
يۇقىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىمى، بۇنىڭدەك خرىستىئان ئېتىقادچىلىرىنىڭ يوشۇرۇن يىغىلىش پائالىيىتىنىڭ يەنە بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
"يەنە بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بىز بايقىمىدۇق. چۈنكى بۇ يەردىكى بەزى خرىستىئان مۇرىتلىرى بىزنىڭ 'خرىستىئان دىنى ۋەتەننى سۆيۈش كومىتېتى' نى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇنىڭغا قاتناشمىغاندىكىن، ئەلۋەتتە روژدېستۋو بايرىمىدا ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ".
بىز بۇ ساقچى خادىمىدىن ئۆز ئالدىغا پائالىيەت قىلىدىغان بۇنداق خرىستىئانلارنىڭ قانچىلىك بارلىغىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتايدا خرسىتىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىدىكى نىكولاس بېكۇلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ سانى 80 مىليونغا يېتىدىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ 60 مىليونى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلمايدىغان ئائىلە ئىبادەتخانىلىرىدا تاۋاپ قىلىدىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان ب ب س مۇخبىرىنىڭ ھېس قىلغانلىرى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە دىنى ئېتىقات قاتتىق كونترول قىلىنماقتا
- ئۇيغۇرلار رامىزان مەزگىلىدە يەنە قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىماقتا
- قەشقەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيىشى چەكلەنگەن
- ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەر
- قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى يېڭى دىنىي بەلگىلىمە ۋە نۆۋەتتىكى دىنىي ۋەزىيەت
- بالىلارغا دىنىي تەربىيە بەرگەن ئامىنىخان ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى
- ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولماقچى