خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ ئالدى ‏- كەينىدە


2007-07-05
Share

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ ئالدى ‏- كەينىدە ، شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدا ئۇنىڭ زىيارىتىگە بولغان ھەر خىل ئىنكاسلار كەڭ ئورۇن ئالدى.گەرچە شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدا خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىگە قارىتا پاسسىپ ئىنكاسلار ۋە تەنقىتلەر ئاساسى سالماقنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ ، ئەمما خۇ جىنـتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنى توسۇپ قالالمىدى.

شۋېتسىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش

خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ ئاساسى مەقسىدى شۋېتسىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش بولۇپ، شۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە شۋېتسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۇچۇرىشىشتا يان تېلېفون، ماشىنا ، ۋە مۇھىت ئاسراش تېخنىكىسى ساھەلىرى بۇيىچە يۇقىرى سوممىلىق توختام تۈزۈلگەنلىكىنى پەقەت ياق تېلېفون سودىسىنى ئاساس قىلغان شۋېتسىيىنىڭ داڭلىق شىركىتى بولغان ئېرىكسون شىركىتى بىلەنلا 7مىليارد يۈئەنلىك توختام تۈزگەنلىكىنى ۋە شۋېتسىيىنىڭ باش ۋەزىرى فىرىدىرىك رىيېنفىلد خۇ جىنتاۋ بىلەن ئېلىپ بارغان ئىككى سائەتلىك سۆھبىتىدە ھازىرقى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشىدىن ئىبارەت مۇھىت مەسىلىسنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بولسا باش ۋەزىرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشى يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى جەريانىدا شۋېتسىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر، تىبەت موڭغۇل تەشكىلاتلىرى خۇ جىنتاۋغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئېلىپ بارغان ۋە بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئەھۋاللىرى شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ 4 ‏- ۋە 2 ‏- قاناللىرىدا ،شۋېتسىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت بولغان ¨كۈندىلىك خەۋەرلەر ¨گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئاۋازلىرىنى شىۋېت خەلقىگە بىلدۈرگەن ئىدى.

"ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشىماقتا"

يېقىندا شۋېتسىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت بولغان ¨كۈندىلىك خەۋەرلەر¨گېزىتىدە ، ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بىر خىتاي ئايالنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خۇ جىنتاۋغا قاراتقان نارازىلىق نامايىشى تونۇشتۇرۇلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىرى بايان قىلغان ماقالىسىدىكى "ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ باشقۇرۇشنى ، ئۇلارغا بېقىنىشىنى خالىمايدۇ ، ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشىماقتا" دېگەن سۆزگە رەددىيە بېرىلگەن.

يۇ مىنلىڭ دەپ ئاتالغان بۇ خىتاي ئايال ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: مېنىڭ كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدە ئىلان قىلىنغان 'خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا دۇچ كەلدى' دېگەن ماقالىگە باھا بەرگۈم بار. ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ. مەن خىتايدا تۇغۇلۇپ ،شىنجاڭدا چوڭ بولدۇم . ھازىر شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتىمەن، مەن ھەر يىلى دېگۈدەك شىنجاڭغا بېرىپ تۇرىمەن. مەن ھەر قېتىم ئۇ يەرگە بارغىنىمدا ئۇ يەردىكى ئەھۋالنىڭ يىلدىن ‏- يىلغا ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن . ئۇ يەردە ھەر خىل خەلقلەر بىلەن ئازادە پاراڭلاشقىلى ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ، تىلى ، ئۆرپ -ئادەتلىرى بىلەن ئۇچراشقىلى بولىدۇ. بۇ يەردە نامراتلىق، بەزى ناتوغرا قائىدىلەر، مۇھىت مەسىلىسى بار دېيىلسىمۇ ، ئەمما بۇ پۈتۈن خىتايدىكى ئوخشاش ئەھۋال ، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا بېشىغا كەلگەن كۈن ئەمەس.

ئۇيغۇر قىزى مەلىكە بۇ خىتاي ئايالنىڭ ماقالىسىگە قىلغان جاۋابى

ئۇيغۇر قىزى مەلىكە بۇ خىتاي ئايالنىڭ ماقالىسىگە قارشى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ ماقالە يېزىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ " ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلىتىنىڭ نامىنى شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن . خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ يەرنى بېسىۋېلىشتىن ئىلگىرى شەرقى تۈركىستان بىر مۇستەقىل دۆلەت ئىدى. مەن دەل شەرقى تۈركىستاندا تۇغۇلغان بىر ئۇيغۇر ، لېكىن مەن شىۋېتسىيەدە چوڭ بولدۇم. مەن ماقالە ئاپتورى يۇ مىنلىڭغا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ.

ئەگەر مۇشۇ 50 نەچچە يىلدىن بىرى 9 مىليوندىن كۆپ بولغان خىتايلار شۋېتسىيىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان بولسا ، بىز ئۆز يېرىمىزدە ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قالساق ، خىتايلار بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى سۆزلىگىلى قويمىسا ، ھەممىنى ئۆزلىرى كونترول قىلغان بولسا پۈتۈن مەكتەپلەردە شىۋېت تىلىنى تاقىۋېتىپ ،پەقەت خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇر قىلسا ، سىلەر نېمە دەپ ئويلىغان بولاتتىڭلار ؟ ئەمما، بۇ ئىش شىۋېتسىيەدە ئەمەس شەرقى تۈركىستاندا يۇز بېرىۋاتىدۇ. 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ھەق ‏-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچى ، دىنىي ئەسەبىي ، تېررورچى دېگەندەك ناملار بىلەن قاتتىق جازالاۋاتىدۇ.

ھوقۇق ۋە پۇل ، ئەخلاق ۋە غۇرۇردىن ئۈستۈن تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئولتۇرۇۋېلىپ شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىنى يۇشۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ ۋە ئۇچۇر يوللىرىنى ھەر ئاماللار بىلەن توسۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارىتىلغان بۇ جىنايەت پاچاقلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن ھايات نۇرى بېرىلىشى كېرەك ئىدى، دەيدۇ ئۇيغۇر قىزى مەلىكە ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا.(يالقۇن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت