خۇجىنتاۋنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش چاقىرىقى ئاقامدۇ؟


2007.12.20

خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 12 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى سىياسىي بيۇرو يىغىنى ئېچىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارغا 'چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن 2008 ‏- يىلىدىن 2012 ‏- يىلىغىچە بولغان بەش يىللىق پىلان تۈزۈپ چىقىش ھەققىدە چاقىرىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇھەقتە مۇلاھىزە ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلدى.

خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان چىرىكلىكنى چاقىرىق چىقىرىش ئارقىلىق توسۇش مۇمكىن ئەمەس

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ قارىشىچە، خىتايدا دۆلەت قانۇنى پارتىيىنى باشقۇرالمايدىغان، خەلقتە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى ۋە نەشرىيات ئەركىنلىكى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدە چاقىرىق چىقىرىش ئارقىلىق خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان چىرىكلىكنى توسۇش مۇمكىن ئەمەس.

كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش تەدبىرى

دىلشات رېشىتنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزىنى دۇنيانىڭ بېسىمىدىن قاچۇرۇش، كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرىدىنلا ئىبارەت.

كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر يۈرۈش چىرىكلەشكەن

شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۈن ۋېنگۇئاڭنىڭ رادىئومىز ئارقىلىق ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى يىغىن ئېچىپ چاقىرىق چىقىرىدىغان شەكىل يېڭى شەكىل ئەمەس. كوممۇنىست پارتىيىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش شۇئارى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ دېيىلگەن گەپ، ھەر قېتىمدا 'بىردەملىك شامال' بولغان، ئاقمىغان شۇئار ئىدى.

سۈن ۋېنگۇئاڭنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى خەلق ئوبدان بىلىدۇ، خۇددى ھازىرقى خەلق تەمسىللىرىدە تەسۋىرلەنگەندەك، مەسىلە يىغىندا ئالدىنقى ئۈچ رەتتە ئولتۇرغانلاردا، چوڭ مەسىلە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ ئولتۇرىدىغانلاردا، ئەڭ چوڭ مەسىلە رەئىس سەھنىسىدە ھەممىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان كىشىدە. كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر يۈرۈش چىرىكلەشكەن. خىتايدا بۇنداق چىرىكلىكنى توسايدىغان ئورگان ياكى كۈچ يوق. ئۇلار ئۆزىدىكى چىرىكلىكنى ئۆزى قانداق بىرتەرەپ قىلىدۇ؟

'چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش' شۇئارى ئوتتۇرىغا قويۇلغانسېرى چىرىكلىك شۇنچە ئەۋج ئېلىپ كەتتى

ئەركىن يازغۇچى چېنجۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش- ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش شۇئارى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئەمما بۇ شۇئار ئوتتۇرىغا قويۇلغانسېرى چىرىكلىك شۇنچە ئەۋج ئېلىپ كەتتى.

خىتايدا مەتبەئە ئەركىنلىكى بولمىغاچقا، خەلق بۇنداق مەسىلىلەرنى پاش قىلىشى مۇمكىن بولمىدى. يېقىندا بىرتەرەپ قىلىنغان شاڭخەي پارتكوم سېكرىتارى چېن لياڭيۈ دېلوسى پەقەت كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سىياسى كۈرەش ئېھتىياجى. ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنى يەنىلا يوشۇرۇپ قالدى.

كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى باي بولۇشتىكى تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن تىجارەت‏ ‏-‏- چىرىكلىشىش

خىتايدا ھازىر كوممۇنىست پارتىيە ئىچىدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر يۈرۈش چىرىكلىشىش داۋاملاشماقتا. 2006 ‏- يىلى بىرتەرەپ قىلىنغان خىيانەتچىلىك دېلوسىنىڭ %80 نى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى سادىر قىلغان.

خىتايدا چىرىكلىشىشنى بىر تەرەپ قىلىدىغان كۈچ بولمىغاچقا، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، باي بولۇش ئۈچۈن تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن تىجارەت ‏-‏-‏- چىرىكلىشىش. بۇنداق جىنايەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە نەشرىيات ئەركىنلىكىنى توسۇش، ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش، ھازىر قىلىۋاتقىنىمۇ شۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.