خىتايدا يېڭىدىن چىققان يۈز مىلليونچى ئۈچ چوڭ باي

0:00 / 0:00

'كۆزىتىش ژۇرنىلى'نىڭ 2008 ‏- يىل 1 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنىدىكى سانىدا خىتايدا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ئۈچ چوڭ باي ھەققىدە يېزىلغان بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتېيىدىن كېيىن مىليونچى باي ئەمەس، بەلكى يۈز مىليونچى بايلاردىن ئۈچى باش كۆتۈرۈپ چىقتى. بۇ بايلار ئۆز يېنىدىن بىر تېيىن سەرپ قىلمىغان، بەلكى ھوقۇققا تايىنىپ بېيىغانلار.

يۈز مىليونچى چوڭ باينىڭ بىرىنچىسى خۇ جىنتاۋ

مەزكۇر ئوبزوردا 'ب ب س'، 'فرانسىيە ئاگېنتلىقى' نىڭ بۇھەقتىكى تەپسىلىي خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، بۇلتۇر 12 ‏- ئايدا خۇ جىنتاۋنىڭ ئوغلى خۇ خەيفېڭنىڭ بىر شىركىتى31 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى 147 ئايرودرومنىڭ ھەممىسى بىلەن بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى دوگۋارى تۈزدى، ئۇنىڭ قىممىتى بىر نەچچە مىليارد يۇەن.

بۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر 'بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن' دېگەن نام بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئوغلىدىن سۇيۇقلۇق ئېكىس نۇر ئۈسكۈنىسى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئايرودروملارنىڭ ھەممىسىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ھەر بىر ئۈسكۈنىنىڭ سېتىلىش باھاسى 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى. بۇ سېستىمىنى قوراشتۇرۇش، رىمۇنىت قىلىش مۇلازىمىتىنىمۇ مۇشۇ شىركەت بىجىرىدۇ. دېمەك، خۇ جىنتاۋ جەمەتى يېقىندىلا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن سودا قىلىپ بىر قېتىمدىلا بىر نەچچە مىليارد يۇەن پۇل تاپتى.

ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ جەمەتىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەر-زېمىن، تۇرالغۇ، پاي چېكى، دوختۇرخانا، ئۇچۇر سانائىتى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنى ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتى قاتارلىق تاپاۋىتى كۆپ كەسپى تىجارەتلىرى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە داۋاملىشىۋاتىدۇ.

يۈز مىليونچى چوڭ باينىڭ ئىككىنچىسى ۋېن جياباۋ

ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئوغلى ۋېن يۈنسۇڭ بۇلتۇر 'پىڭئەن سۇغۇرتا شىركىتى'نىڭ 3 مىليارد 200 مىليون يۇەنلىك ئىپتىدائىي پاي چېكىنى 46 مىليون يۇەنگە سېتىۋالغان ئىدى. گەرچە ۋېن جياباۋ جەمەتى بۇ سودا ئۈچۈن ئۆز يانچۇقىدىن بىر تېيىن پۇل سەرپ قىلمىغان بولسىمۇ، جۇڭگو تىجارەت بانكىسى يەنىلا ۋېن جياباۋ جەمەتىنىڭ 46 مىليون يۇەن مەبلىغى بار دەپ ئايرىم ھېساب ئاچتى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ۋېن جياباۋ 2007 ‏- يىل 6 ‏- ئاينىڭ 24 ‏- كۈنى، 'پىڭئەن سۇغۇرتا شىركىتى'نىڭ 3 مىليارد 200 مىليونلۇق پاي چېكىنى خوڭكوڭدا بازارغا سېلىشقا تەستىق سالدى. يىل ئاخىرىدا، بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكى ئۆسۈپ 7 مىليارد 130 مىليون يۇەن بولدى. بۇنىڭ بىلەن ۋېن جياباۋ جەمەتى يانچۇقىدىن بىر تېيىن خەجلىمەيلا خىتايدا يېڭىدىن بېيىغان ئىككىنچى چوڭ يۈز مىليونچى باي بولۇپ باش كۆتۈرۈپ چىقتى.

يۈز مىليونچى چوڭ باينىڭ ئۈچىنچىسى ۋۇ گۇەنجېڭ

بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، مەركىزى كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋۇ گۇەنجېڭنىڭ ئوغلى ۋۇ زۇخۇا 'تيەنيى ھەسسىدارچىلىق شىركىتى'نىڭ باش مۇدىرى ئىدى. بۇ شىركەت ھېچكىم بىلەن سودىلاشمايلا چىڭداۋ شەھىرىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل جايلاردىن ئايرىم باھاسىنى 100 مىڭ يۇەندىن بىكىتىپ قويۇپ پۇلىنى تۆلىمەيلا 3000 مو يەرنى ئىگىلىۋالغان ئىدى. 17 ‏- قۇرۇلتايدىن كېيىن، ۋۇ گۇەنجېڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىقىدىن ئىستىپا بېرىش ئالدىدا تۇرغاندا، ئوغلى ۋۇ زۇخۇا بۇ زېمىننى بىراقلا سېتىۋىتىپ، ئۇنىڭدىن تاپقان نەق پۇلنى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق خۇسۇسىي مۈلكىگە ئايلاندۇرۇۋالدى.

'ب ب س'، 'فرانسىيە ئاگېنتلىقى' مۇخبىرلىرى بايان قىلغان تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، ۋۇ زۇخۇا 2007 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى، 'جۇڭگو ئاشىلىق شىركىتى'نىڭ باش مۇدىرى نامى بىلەن چىڭداۋ شەھىرىگە قايتىدىن قول سېلىپ، 'تيەنيى ھەسسىدارلىق شىركىتى'نىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى ھەر خىل كەسپ پاي چېكىنى بىراقلا 2 مىليارد 170 مىليون يۇەنگە سېتىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن چىڭداۋنىڭ دېڭىز بويلىرىدا ھەر خىل ئارامگاھلار قۇرۇلۇشى باشلاندى. ھازىر بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنىڭ قىممىتى 29 ھەسسە ئۆرلىدى.

'ب ب س' ۋە 'فرانسىيە ئاگېنتلىقى' مۇخبىرلىرنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، 'تيەنيى ھەسسىدارلىق شىركىىتى' چىڭداۋ شەھىرىنىڭ دېڭىز بويلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەنزىرە، ئارامگاھ قۇرۇلۇشلىرىدىن ھازىرغا قەدەر پۈتكەنلىرى بىر مىليون 452 مىڭ 880 كۋادىرات مېتىر. بۇ قۇرۇلۇشلار 2100 مو يەر دائىرىسىدە. تېخى پۈتمىگەن ھەم داۋاملىشىۋاتقان تېخىمۇ ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشلار 688 مىڭ 500 كۋادرات مېتىر، بۇ 3100 مو يەر دائىرىسىدا. دېمەك، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممسى پۈتكەندىن كېيىن، چىڭداۋ شەھىرىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى ئارامگاھ، شىپاخانە، كۆڭۈل ئېچىش، سودا -تىجارەت ھەممىسى بىر گەۋدە بولۇپ يۈرۈشلەشكەن ھاۋالىق دېڭىز ساھىللىرى، گۈزەل مەنزىرىلىك تاغ چۇقىلىرى، ئالىي سەيلىگاھلار، راھەتلىك ئارامگاھلار پۈتۈنلەي كوممۇنىست خىتاينىڭ سابىق مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋۇ گۇەنجېڭ جەمەتىنىڭ قانۇنلۇق خۇسۇسىي مۈلكى ۋە تىجارىتىگە ئايلىنىپ بولىدۇ. (ۋەلى)