خۇ جىنتاۋ ئەگەر ماۋزېدۇڭغا ئەتراپلىق باھا بېرىشنى باشلىمىسا كوممۇنىست پارتىيە گۇمران بولىدۇ

0:00 / 0:00

چەتئەللەردە خىتايچە، ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان 'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى' نىڭ 2008 ‏- يىل 1 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنىدىكى سانىدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئورگىنى 'خەلق گېزىتى'نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ دائىمىي ئەزاسى خۇ جىۋېي ئەپەندىنىڭ خۇ جىنتاۋغا بەرگەن ئىككى تۈرلۈك تەكلىپى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىۋېي ئەپەندىنىڭ بۇ تەكلىپىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان ياۋ جەنفۇ ئەپەندى يېزىپ چىقىپ ئېلان قىلغان.

خۇ جىۋېي ئەپەندىنىڭ تەرجىمھالىغا قارىغاندا، خۇ جىۋېي ئەپەندى 1930 ‏- يىللاردا، 'شىخۇا ئاگېنتلىقى'نىڭ شەنشى، گەنسۇ، نىڭشا چېگرا رايونىدىكى ئالدىنقى سەپ شۆبىسىنىڭ باشلىقى ۋە 'ئازادلىق' گېزىتى قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان؛ 1952 ‏- يىلى 'خەلق گېزىتى'نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، 1970 ‏- يىللاردا باش مۇھەررىرى بولغان. بۇ پېشقەدەم كوممۇنىست يېقىندا، خىتاينىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ھوقۇقدارى خۇ جىنتاۋغا چىرىكلىككە-خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇشنى تەل-تۆكۈس ئېلىپ بېرىش ۋە ماۋزېدۇڭغا ئەتراپلىق باھا بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەكلىپنى بايان قىلىش جەريانىدا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بىر قاتار مۇھىم مەخپىيەتلىكلىرى ئاشكارىلىنىپ قالغان.

خىيانەتچىلىك دېلولىرىنى تەل-تۆكۈس بىرتەرەپ قىلىش -قىلماسلىق مەسىلىسى

‏-‏ خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھايات-ماماتلىقىغا تاقىلىدىغان مۇھىم مەسىلە،دەۋاتىدۇ، بۇنداق گەپنى دەپلا قويسا ھېساب ئەمەس، ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلسا ھېساب، ‏-‏ دەيدۇ خۇجىۋېي ئەپەندى 'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى' دا بايان قىلىنىشىچە، ‏-‏ خۇ جىنتاۋ قىلغان سۆزىدە يەنە 'خىيانەتچىلەرگە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز'، دېدى، ئەمدى دېگىنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك، ئالدى بىلەن چېن لياڭيۈ دېلوسى بىلەن لەي چاڭشىڭ دېلوسىنى، مەيلى ئۇنىڭ ئارقا تېرىكى خۇاڭ ياكى جياڭ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، تەل-تۆكۈس بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. خۇ ياۋباڭ، جاۋزىياڭلار بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل بۇرۇن دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئوغلى دېڭ بۇ فاڭ، دېڭ جىژفاڭلارنىڭ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە جۈرئەت قىلغان ئىدى. خۇ جىنتاۋ ئۇلاردىن ئۆگىنىشى كېرەك. ھازىر خۇ جىنتاۋنىڭ كەينىدە تۇرۇپ كاشىلا قىلىدىغان ئادەم يوق، پەقەت ئۇ ئۆزى جۈرئەت قىلسىلا مەسىلە ھەل بولىدۇ.ھازىرقى ۋاقىت بىر چوڭ پۇرسەت، ئەگەر خۇ جىنتاۋ جۈرئەت قىلسىلا چوڭ ئىش قىلالايدۇ.

ماۋزېدۇڭغا ئەتراپلىق باھا بېرىش -بەرمەسلىك مەسىلىسى

خۇ جىۋېي ئەپەندىنىڭ خۇ جىنتاۋغا بەرگەن ئىككىنچى تۈرلۈك تەكلىپى ماۋزېدۇڭغا ئەتراپلىق باھا بېرىش مەسىلىسى. 'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى' دا بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ ھازىر ماۋزېدۇڭغا ئەتراپلىق باھا بېرىش ئىشىغا قول سېلىشى كېرەك، ‏-‏ دەيدۇ خۇجىۋېي ئەپەندى، ‏-‏ دېڭ شاۋپىڭ 1993 ‏- يىلىدىلا، ئەگەر بىز ھازىر 'جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش' جەريانىدا، ماۋزېدۇڭغا ئەتراپلىق، ئىلمىي باھا بېرەلمىسەك، تۈگىمەس ئەيىبلەشكە ۋە قاتتىق توسقۇنلۇققا ئۇچرايمىز، دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دېگەن گېپىدە تۇرمىدى.

ئەمدى خۇ جىنتاۋ جىم تۇرۇۋالسا كوممۇنىست پارتىيە گۇمران بولىدۇ

خۇ جىۋېي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل بۇرۇن 'دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تارىخىي مەسىلىلەر ھەققىدە قارار' دەپ ئاتالغان بىر ھۆججەت چىقىرىلغان ئىدى، گەرچە بۇ ھۆججەتكە پېشقەدەم زاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى تەپسىلىي كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ. كېيىن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋلارمۇ 'ماۋزېدۇڭغا ئەتراپلىق باھا بېرىش' دېگەن سۆزنى قىلدى. ئەمما ھېچقايسىسى گېپىنى ئىجرا قىلمىدى. دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى شىن زىلىڭنىڭ 'ماۋزېدۇڭنىڭ تۆھپىلىرى ۋە جىنايەتلىرى' دېگەن كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، ‏-‏ دەيدۇ خۇ جىۋېي ئەپەندى، ‏-‏ 1993 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى شاڭخەيدىكى خەيشى مېھمانخانىسىدا سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزالىرى يىغىنى ئېچىلغاندا، دېڭ شاۋپىڭ 'بىز ئۆزىمىز مۇشۇ تارىخىي جەريانلاردىن مېڭىپ مۇشۇ كۈنگە كەلدۇق، قىلىپ بولغان ئىشنى ئۆزگەرتىۋالغىلى بولمايدۇ، ئۇنى ئۆز ئەينى بۇيىچە دېيىش كېرەك، ئەمما ماۋزېدۇڭغا ئەتراپلىق باھا بېرىش مەسىلىسى ھازىر ۋەزىيەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتىدۇ، بۇ ئىشنى كەلگۈسى ئەۋلادلار قىلسۇن' دېگەن، جياڭ زېمىن بولسا 'بۇ مەسىلە ھازىرچە كەلگۈسىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان مەسىلە قاتارىدا تۇرۇپ تۇرسۇن' دېگەن. مانا ھازىر خۇ جىنتاۋغا بۇ ئىشنى بېجىرىدىغان پۇرسەت كەلدى.ئەمدى خۇ جىنتاۋ بۇ ئىشقا قول سالمىسا كوممۇنست پارتىيە گۇمران بولىدۇ.

مەخپىي ئارخىپلار ئەينەن نەشر قىلىنىشى كېرەك

‏-‏ ئادىل سۆزلىگەندە، ‏-‏ دەيدۇ خۇ جىۋېي ئەپەندى، ‏ 'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى' دا بايان قىلىنىشىچە، -‏ ئەمدى خۇ ياۋباڭ، جاۋ زىياڭ، گۇ مۇ قاتارلىق پېشقەدەم زاتلارنىڭ نامى خۇددى ماڭا ئوخشاش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك. خۇ جىۋېينىڭ بايان قىلىشىچە، خۇا گوفېڭ ئىش بېجىرىشكە ئامالسىز قالغاندا، ئىككىلەنمەستىنلا ھوقۇقىدىن ئىستىپا بەرگەن. ھازىرقى خۇ جىنتاۋمۇ ئىش بېجىرەلمىسە، خۇا گوفېڭدەك كەڭ قوساق بولۇشى كېرەك، ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە يول قويۇشى كېرەك، دېڭ شاۋپىڭدەك ھاكىممۇتلەق بولۇۋالماسلىقى كېرەك.

خۇ جىۋېينىڭ بايان قىلىشىچە، ئاساسىي قانۇن بۇيىچە ئېيتقاندا، دۆلەت رەئىسى بولغان كىشى مەركىزى ھەربىي كومىتېت رەئىسلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىشى، پارتىيە نىزامنامىسىغا ئاساسلانغاندىمۇ، پارتىيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبىرى مەركىزى ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىشى كېرەك. ئەمما دۆلەت رەئىسى ياڭ شاڭكۇن ھەربىي كومىتېتنىڭ 3 ‏- رەئىسى قىلىپ قويۇلغان، پارتىيىنىڭ ئەڭ چوڭ رەھبىرى بولغان خۇ ياۋباڭ، جاۋ زىياڭلارمۇ ھەبىي كومىتېتىنىڭ 2 -، 3 ‏- رەئىسى قىلىپ قويۇلغان، ئەمما دۆلەتتە ياكى پارتىيىدە ھېچقانداق ھوقۇقى يوق دېڭ شاۋپىڭ ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىنى چاڭگاللىۋالغان، ئۇنىڭ نەدە، قانداق يىغىن ئېچىشىدىن باشقا مۇئاۋىن رەئىسلەرنىڭ خەۋىرى يوق. 1989 ‏- يىلى بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن دېموكراتىك ھەرىكەتنىمۇ دېڭ شاۋپىڭ ئۆزى 'ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ' دەپ بېكىتتى، دېموكراتىك ھەرىكەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ دېڭ شاۋپىڭ ئۆزى ھەربىي قىسىملارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قانلىق باستۇردى. خۇ جىنتاۋ ھازىر دېڭ شاۋپىڭدىن ئۆگەنمەسلىكى كېرەك. بەلكى ھازىر ماۋزېدۇڭغا ئەتراپلىق باھا بېرىشنى باشلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ياپونىيە، تەيۋەنلەردە ئاشكارىلانغان مەخپىي ئارخىپلار جۇڭگودا ئەينەن نەشر قىلىنىشى كېرەك. (ۋەلى)