ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار
2007.09.07
ھازىر ئاۋسترالىيىنىڭ سېدني شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ھەر قايسى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىندا ئاساسەن يەر شارىدا ھاۋا كېلىماتى ئۆزگىرىش مەسىلىسى، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى، سودان مەسىلىسى ، بىخەتەرلىك، پۇل ئوبوروتى ۋە يەنە بىر جۇڭگو سىياسىتى مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن.
ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تېخىچە كۆرۈشمىگەن
ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى باشلانغاندىن كېيىن، ب ب س قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئاۋسترالىيە باش مىنسىتىرى جون خوۋلىد ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋلار بىلەن ئۈچ تەرەپ بىرلىكتە سۆھبەتلەشكەنلىكى؛ جورج بۇش بىلەن خۇ جنىتاۋنىڭ ئۇچراشقانلىقى؛ ئاۋسترالىيىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئاتوم ئېنېرگىيە كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى؛ ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگ تۈزۈمى بەرپا قىلىش- ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكى؛ ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەننىڭ ۋەكىلى قاتناشقانلىقى قاتارلىق تېمىلار بۇيىچە ھەرخىل مەخسۇس خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى.
خەۋەرلەردە 'ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈشنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ' دەپ بايان قىلىنغانلىقىدىن قارىغاندا، ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تېخىچە كۆرۈشمىگەن.
يىغىن سىرتىدىكى نامايىش
يىغىن سىرتىدا ئاۋسترالىيە پۇقرالىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەر نامايىش ئۆتكۈزگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ سېدني شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سېدنىي شەھىرىدە نامايىش يۈز بەرگەن. نامايىشتا ئېنگىلىزچە، خىتايچە يېزىلغان دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق بىلەن قانلىق باستۇرۇش بىر ئورۇندا تۇرالمايدۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى چوقۇم دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ ئىش قىلماسلىقى كېرەك دېگەندەك پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار كۆپ. نامايىشتا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغان.
ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئېنگلىز تىلىدا دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان 'بىر دۇنيا، بىر ئارزۇ' دېگەن شۇئار، پۈتۈن دۇنيانىڭ 'بىر دۇنيا، بىر ئارزۇ، بىرخىل كىشىلىك ھوقۇق' دېگەن ئورتاق شۇئارى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشنى توختىتىشى كېرەك.
يىغىندىكى نۇتۇقلار
يىغىن ئىچىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ۋە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ لار مۇھىم سۆز قىلغان. خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ يىغىن ئەھلىگە بەزى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ سېدني شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 20 نەچچە دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىندا ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى 'خەلقئارادا بىر مۇنچە دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن گۇمانلانغان. ھۆكۈمىتىمىز بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرمەكتە. كۆرسىتىلگەن مەسىلە پاكىتقا ئۇيغۇن بولسىلا، بىز چۇقۇم ئۇنى قانۇن بۇيىچە سۈرۈشتە قىلىمىز' دېگەنلىكىدىن قارىغاندا، دۇنيا ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىچە ئېتىراپ قىلمىغانلىقى، ئەمما مەسىلىگە جاۋابكار بولىدىغان باشقا كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ جازالايدىغانلىقى مەلۇم.
جورج بۇش تىنچ ئوكياننىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مۇھىم رول ئويناشقا چاقىردى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سودىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پايدا ياكى زىيىنىغا تاقىلىدىغان مەسىلە كۆپ، - دەيدۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، - پۈتۈن دۇنيا سودىسىنىڭ %50 دىن كۆپرەكى تىنچ ئوكياننىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر ئارقىلىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا ، مەن تىنچ ئوكياننىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن چۇقۇم مۇھىم رول ئويناشقا چاقىرىمەن.
جورج بۇش نۇتقىدا يەنە ، " ئامېرىكىنىڭ ئەركىن سودا كۆز قارىشى كۆپ تەنقىدكە ئۇچرىدى، تەنقىدلىگۈچىلەر سانائىتى تەرەققى تاپقان دۆلەتلەردىكى ئىشسىزلىقنى ئەركىن سودا پەيدا قىلدى، نامرات دۆلەتلەردىكى ئەڭ نامرات ئادەملەر توپىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالدى، دەۋاتىدۇ. ھەممىمىزگە ئايانكى، ئەركىن سودىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىلىرى سودا-تىجارەتچىلەر، بۇ مەسىلىنى ئۇلار كۆپچىلىككە كۆپرەك چۈشەندۈرۈشى كېرەك. بەزى كىشىلەر يەنە ، ئامېرىكىنى ئۆزىنىڭ پىلانىنى باشقا دۆلەتلەرگە تېڭىۋاتىدۇ، دەپ تەنقىدلەيدۇ. گەرچە ھازىر دۇنيادا ھاۋا كېلىماتى ئۆزگىرىش مەسىلىسى ناھايىتى جىددىي مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا تېخىچە ھېچقايسى بىر دۆلەتنى 'كيوتو شەرتنامىسى' نىڭ ئۆلچىمىگە يېتىشكە قىستىغىنى يوق " دېدى.
جورج بۇش نۇتقىدا يەنە ، بۇنىڭدىن كېيىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى، تېخى كىشىلەرگە بىلىنمىگەن يېڭى ئىش، دەپ تەسۋىرلىگەن. ئەركىنلىك ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايونىنى ئاللىقاچان ئۆزگەرتىشكە باشلىدى، - دەيدۇ جورج بۇش نۇتقىدا ،- ھىندونېزىيە، مالايسىيا، فىلىپىنلەرگە قاراپ بېقىڭلار، گەرچە بۇ دۆلەتلەردە يەنە كۆپ خىزمەت ئىشلەشكە توغرا كەلسىمۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ سەزگۈر مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى
- بۇش بىلەن خۇجىنتاۋنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن ئىزاھاتى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ؟
- خۇجىنتاۋ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق يىغىنىدا بېسىملارغا دۇچ كېلىشى مۈمكىن
- " خۇ جىنتاۋ كومپارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىدا جياڭ زېمىننىڭ تەسىرىنى تازىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ "
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيى يېقىنلاشقانسىرى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرۇش شۇنچە جىددىي تۈس ئالماقتا
- خۇ جىنتاۋنىڭ قىرغىزىستان زىيارىتى نېمىنى كۆزلىگەن؟
- خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ ئالدى - كەينىدە
- خىتاي كانادا رەھبىرىنىڭ سۆھبىتىدىكى مەركىزى مەسىلە - ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى
- دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي قوشنا دۆلەت ياكى مىللەتلەر بىلەن تارىخنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئورتاق چۈشەنچىگە كېلىدىغان دۆلەت ئەمەس
- كانادا سودا ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلمايدۇ
- پرېزىدېنت بۇش شەرقىي ئاسىيا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
- بېيجىڭدىكى ئەرزىيەت مەھەللىسى چېقىۋېتىلدى
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش خىتاينى تەيۋەندىن ئۆلگە ئېلىشقا چاقىردى
- ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئاسىيا زىيارىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر