خۇ جىنتاۋنىڭ قىرغىزىستان زىيارىتى نېمىنى كۆزلىگەن؟
2007.08.14
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيىنىڭ چېليابىنسكى رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان "تىنچلىق بۇرچى 2007" ناملىق ھەربىي مانېۋىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، سەيشەنبە كۈنى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تەۋە دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەككە يېتىپ كەلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك بىشكەك يىغىلىشىغا ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجاتمۇ تەكلىپ قىلىنغان. بۇ قېتىملىق بىشكەك سەپىرى ئارقىلىق خۇ جىنتاۋ نېمىلەرگە ئېرىشمەكچى؟ قىرغىزىستانچۇ؟
خۇ جىنتاۋنىڭ قىرغىزىستان زىيارىتى نېمىنى كۆزلىگەن؟
14 -ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەككە يېتىپ كەلگەن ۋە قىرغىزىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىملىق قىرغىزىستان زىيارىتىگە ئالاھىدە ئېتىۋار بەرگەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىز ساقچى دائىرىلىرى ئالاھىدە ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرگەن ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت تارماقلىرى 24 سائەت خىزمەت قىلغان. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، قىرغىزىستاندىكى بىر يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىسى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكتىن بەزى شەھەر ئائىلىسى يانچۇقچىلىق قىلىپ ئۆيلىرىنىڭ يولغا قارايدىغان تاملىرىنى بېزەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئەركىن ئەكرەم : قىرغىزىستان ئۆز مىللىي تەرەققىياتى ئۈچۈن باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەرگە تايىنىشى كېرەك
ھازىر تۈركىيىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىي تەھلىلچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قىرغىزىستاننىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنى بەك مۇھىم بىلىشىدىكى سەۋەبنىڭ قىرغىزىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى تازا مۇقىم بولۇپ كېتەلمىگەن ھەمدە رۇسىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان شارائىتتا قىرغىزىستاننىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ تۇرۇش، مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ھالبۇكى، ئەركىن ئەكرەم يەنە بۇ چوڭ كۈچلەرنىڭ ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغان شارائىتتا يەنىلا زىياننىڭ قىرغىزىستان ئۈچۈن ئېغىر بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە قىرغىزىستاننىڭ قانداق يولنى مېڭىشنى تاللاش ئىمكانىيىتىنىڭ ھازىرلانمىغانلىقى سەۋەبلىك قانداق كۈچ قىرغىزىستانغا كەلسە شۇنى قوبۇل ئېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.
تەھلىلچىلەر: قىرغىزىستاننىڭ جۇغراپىيىۋى ۋە سىياسىي ئورنى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە قىرغىزىستاننىڭ جۇغراپىيىۋى ۋە سىياسىي ئورنى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ بىشكەككە بېرىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ، قىرغىزىستاننىڭ ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلىرىغا 3 مىليون دوللار ئۆسۈمسىز قەرز بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن قىرغىزىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىش، قىرغىزىستاننىڭ مول سۇ مەنبەسىدىن پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەچچە تۈرلۈك، مەبلەغ سېلىش پىلانى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا ئۆز تەسىرنى كۈچەيتىشكە بۇنچە كۈچىنىپ ئۇرۇنۇشىدىكى سەۋەبنىڭ يەنىلا بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئەركىن ئەكرەم يەنە، قىرغىزىستاندا ئامېرىكا قاتارلىق قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي مەۋجۇدىيىتى ۋە باشقا تەسىرى كۈچى مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان، خىتاينىڭ قىرغىزىستانغا ھەربىي تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى تېخى ھازىرلانمىغان مۇشۇنداق شارائىتتا ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنى ۋە ياردەمنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ قىرغىزىستاندا مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا ئەركىن ئەكرەم يەنە، قىرغىزىستاننىڭ ئىچكى سىياسىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنىڭ خىتاينىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ بەك مۇھىم ئىكەنلىكى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى بەك قوللايدىغانلىقىنى ۋە ھەر تەرەپتىن ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان يەنە بىر رېئال مەسىلە
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تەۋە دۆلەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى باشلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، 14- ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى باقىيېف بىلەن ئالدىن كۆرۈشكەن ۋە ئىككى تەرەپ بىرلىكتە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.
خىتاي بىلەن قىرغىزىستان بىرلىكتە ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادى بىخەتەرلىك ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق تۈرلەردە ھەمكارلىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر باياناتنىڭ 6- ماددىسىدا، "شەرقى تۈركىستان تېررورچى كۈچلىرى، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئىككى تەرەپ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى يېقىن ھەمكارلىقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەرقى تۈركىستان تېررورچى كۈچلىرىگە ئالاقىدار ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىگە بىرلىكتە قارىشى تۇرۇپ، ھەر ئىككى دۆلەت ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ. خىتاي تەرەپ قىرغىز تەرەپنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ‘ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ ۋە كەسكىن قوللايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ قىرغىزىستاندا 15- ئاۋغۇستقىچە ھۆكۈمەت زىيارىتىدە بولۇپ، 16- ئاۋغۇست قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەللىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇچرىشىغا قاتنىشىدىكەن ۋە يىغىندىن كېيىن رۇسىيىگە بېرىپ چېليابىنسكىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مانېۋىرىنى كۆرىدىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ئۇيغۇر ئېلىدە
- قىرغىزىستان ساقچىلىرى ئەلىشىر ئىسلامنى تېخىچە تۇتۇپ تۇرماقتا
- قەھرىمان غوجامبەردى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن نامايىش ھەققىدە توختالدى
- قىرغىزىستان ساقچىلىرى تەشكىلاتچى تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئوغلىنى تۇتۇپ كەتتى
- رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندىكى بازىسىدا رېئاكتىپ ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىشتىكى ئىستراتېگىيىلىك مەقسىتى نېمە؟
- خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ ئالدى - كەينىدە
- خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستاندىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار بىلەن بىر قىسىم قىرغىز زىيالىلارنىڭ سۆھبىتى
- گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىنىڭ روھى بىشكەكتە
- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دېموكراتىك مەركىزى - قىرغىزىستان
- قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى خىتاي بىلەن قىرغىزىستاننىڭ بىرلەشمە باياناتىدىن نارازى بولدى