بۇش بىلەن خۇجىنتاۋنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن ئىزاھاتى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ؟
2007.09.06
ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۇچراشتى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش مۇخبىرلارغا، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا خۇجىنتاۋ بىلەن خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشىمىغان كىشىلەرنى باستۇرۇش مەسىلىسى، تېبەت مەسىلىسى، ئىران مەسىلىسى، سۇدان دارفۇر مەسىلىسى، كورىيە مەسىلىسى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلەشكەنلىكىنى، ئەمما ھەممىسىدە ئورتاق پىكىرگە كېلەلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى. خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ بولسا مۇخبىرلارغا 'ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىگە قارشى تۇرىدۇ' دەپ بايان قىلدى.
ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 'تەيۋەننىڭ ب د ت غا كىرىشنى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز قويۇپ بەلگىلەيدۇ' دېگەن مەسىلە توغرىسىدا جىددىي قارشىلىق ئىزاھلايدىغان سۆز قىلمىغان ئىدى. ئەمما بۇنىڭدىن بۇرۇن تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن 'تەيۋەننىڭ ب د ت غا كىرىشنى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز قويۇپ بەلگىلەش كېرەك' دەپ جاكارلىغان ۋاقىتتا، گەرچە تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە -گومىنداڭ پارتىيىسى تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشقا ئىلتىماس قىلىشى جۇڭخۇا مىنگونى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭىدىن بىر دۆلەت قۇرغانغا ئوخشاش، دەپ قارشىلىق بىلدۈرۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما پرېزىدېنت چېن شۇيبيەن يەنىلا 'تەيۋەن بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز، ئۇ ھېچقاچان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى ياكى بىر ئۆلكىسى ئەمەس، تەيۋەن دېمەك مۇستەقىل دۆلەت دېگەنلىكتۇر' دەپ سۆزلىگەن ئىدى.
خۇ جىنتاۋ پرېزىدېنت بۇشقىمۇ 'ۋەكىل'لىك قىلامدىكەن؟
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان مەشھۇر سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى قاچانلا سۆز قىلسا 'ئامېرىكا تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قۇۋۋەتلىمەيدۇ' دېگەن سۆزنى 'تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قارشى تۇرىدۇ' دەپ ئۆزگەرتىپ سۆزلەيدۇ.
بۇش بىلەن خۇجىنتاۋ بۇ قېتىم ئىككى سائەت سۆھبەتلەشكەن. كۆپ مەسىلە ئۈستىدە سۆزلەشكەن. بۇش تەيۋەن مەسىلسىنى تىلغا ئالمىغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە ئويلاشنىڭ ھازىر ھاجىتى بولمىسا كېرەك. ئەمما خۇجىنتاۋ ئۆزى پرېزىدېنت بۇشقا 'ۋەكىل'لىك قىلىپ مۇشۇ مەسىلىنىلا سۆزلەۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇش بىلەن قىلغان سۆھبەت ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىغان. ئۇلار مەسىلىلەردە ئورتاق پىكىرگە كېلەلمىگەندەك قىلىدۇ. ئۇلار چىقىپ مۇخبىرلارغا سۆز قىلغاندا چىرايلىرىدا تەبەسسۇم كۆرۈنمەيدۇ. ئەگەر ئورتاق پىكىرگە كەلگەن مەسىلە بولسا، ئۇنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئالدىرايتتى.
ھازىرقى ھالەتنى كوممۇنىست خىتاي ئۆزى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ئەگەر ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتتى، دېيىشكە توغرا كەلسە، ھازىرقى ھالەتنى كوممۇنىست خىتاي ئۆزى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بىرلىكسەپ مىنىستىرلىقى دېگەن بىر ئورگىنى بار. شۇ ئورگان تەيۋەندە ئۈزلۈكسىز ھالدا بىرلىكسەپ خىزمىتىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. 'بىرلىكسەپ' نىڭ مەقسىتى بىرلەشتۈرۈش، تەيۋەننى جۇڭگوغا بىرلەشتۈرۈۋېتىش.
كوممۇنىست خىتاي مىڭ دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەيۋەننى قارىغا ئېلىپ تۇرۇپ، قىلىۋاتقان 'بىرلىكسەپ' خىزمىتىنى ئامېرىكا بىلمەمدىكەن؟ مىڭ دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى بىراقلا ئېتىپ تەيۋەننى يوق قىلىشمۇ تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش، بىرلىكسەپ تۈزۈشمۇ تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش. بۇ 'بىرلىكسەپ' ئارقىلىق ھازىر تەيۋەندە سان ئۆزگىرىشى بولۇۋاتىدۇ. لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بىرلىكسەپ مىنىستىرلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك.
تەيۋەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىدارە قىلىپ باققان ئەمەس
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاي تەيۋەننى مۇستەقىلچى دەپ تىللايدۇ، ئەمەلىيەتتە تەيۋەن ئۆزى بىر مۇستەقىل دۆلەت، تەيۋەننىڭ ئۆزىنىڭ يېرى، نوپۇسى، سىياسىي تۈزۈمى بار. ئۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىدارە قىلىپ باققان ئەمەس. مەسىلە پەقەت خەلقئارادا قانداق دۆلەت نامىنى قوللىنىش مەسىلىسى. 'جۇڭخۇا مىنگو' دەمدۇ ياكى 'تەيۋەن' دەمدۇ، قايسى دۆلەت نامىنى قوللىنىشنى تەيۋەن خەلقى ئۆزى ئاۋاز قويۇپ بەلگىلەپ ئېلان قىلسىلا بولدى.
گەرچە ھازىر ب د ت تەيۋەننىڭ دۆلەتلىك ئورنىنى تېخى ئەنگە ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما تەيۋەننىڭ مۇستەقىل ئورنىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. كوممۇنىست خىتاينىڭمۇ، ئۆزى ئەزەلدىن ئىدارە قىلىپ باقمىغان بىر مۇستەقىل ئەلنى ئۆزىنىڭ بىرقىسمى دېيىشى بىر سەپسەتە.
تەيۋەندە %60 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆزىنى 'جۇڭگولۇق' ئەمەس، تەيۋەنلىك دەپ ئاتايدۇ
تەيۋەننىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، تەيۋەندە خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، گومىنداڭ تەرەپكە مايىل بولغان تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ راي سىناش نەتىجىسدىمۇ %60 -70 ئادەم ئۆزىنى 'جۇڭگولۇق' ئەمەس تەيۋەنلىك دەپ قارايدۇ. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى 'مەن تەيۋەنلىك' دېگەنلىكى ئادەمنىڭ ھەممىسىنى مۇستەقىلچى دەيدۇ . ھازىر مىنجىنداڭ پارتىيىسى 'تەيۋەن' دېگەن نام بىلەن ب د ت غا كىرىمىز دېسە، گومىنداڭ پارتىيىسى 'جۇڭخۇا مىنگو' دېگەن نام بىلەن ب د ت غا كىرىمىز دەيدۇ.
دېمەك تەيۋەندە سايلام بولسا %90 دىن ئارتۇق سايلام بېلىتىگە ئىگە بولىدىغان، بىر -بىرىگە قارىمۇ - قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان مۇشۇ ئىككى تەرەپمۇ، تەيۋەن ئارىلىنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ مۇستەقىل دۆلەت تېخى نورمال دۆلەت ئەمەس، چۈنكى بۇ دۆلەت تېخىچە ب د ت غا ئەزا ئەمەس، دۇنيادا يەنە نۇرغۇن دۆلەت ئۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. كوممۇنىست خىتاي تېخىچە ئۇنى ئۆزىنىڭ بىرقىسمى دەپ دۇنياغا ئېلان قىلىۋاتىدۇ.
تەيۋەن گەرچە ئۆزى مۇستەقىل دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ھازىر پەقەت بىر نورمال دۆلەت نامى كېرەك. تەيۋەن ھازىر شۇ نورمال نامنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇجىنتاۋ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق يىغىنىدا بېسىملارغا دۇچ كېلىشى مۈمكىن
- د ئۇ ق رەھبەرلىرى بېلگىيە پايتەختىدە تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنغا قاتناشتى
- " خۇ جىنتاۋ كومپارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىدا جياڭ زېمىننىڭ تەسىرىنى تازىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ "
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيى يېقىنلاشقانسىرى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرۇش شۇنچە جىددىي تۈس ئالماقتا
- مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تەيۋەن مەسىلىسى خەلقئارادا يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى
- خۇ جىنتاۋنىڭ قىرغىزىستان زىيارىتى نېمىنى كۆزلىگەن؟
- تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرەلەمدۇ؟
- خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ ئالدى - كەينىدە
- چېن شۈيبيەن: ھاياتلىقىمدا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرەلىشىم مۇمكىن
- تەيۋەن خىتايدىكى مۇھىم نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- تەيۋەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسىنى ئاشۇردى