"مۈلۈك قانۇنى" ئاپتونوم رايونلاردا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مۈلكىنى قوغداش ئۈچۈنلا قوللىنىلىش ئېھىتمالى بار

0:00 / 0:00

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ يىغىنى 16 ‏- مارت كۈنى ئاياقلاشتى. بۇ يىغىندا "مۈلۈك قانۇنى"، "شىركەتلەردىن تاپاۋەت بېجى ئېلىش قانۇنى" قاتارلىق 11 خىل قانۇن لايىھىسى ماقۇللانغان. بۇ قېتىم ماقۇللانغان "مۈلۈك قانۇنى" دا دۆلەت، "دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسىيلەرنىڭ مۈلكى قانۇن بۇيىچە قوغدىلىدۇ، ھەر قانداق ئورگان ياكى شەخسىينىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا بولمايدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن. خىتايدا بۇ قېتىم ماقۇللانغان يېڭى مۈلۈك قانۇنى خەلقئارادا جىددىي مۇنازىرە قوزغىدى.

خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقى يوق خەلقنىڭ قانداق قىلىپ مۈلۈك ھوقۇقى بولسۇن؟

ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان "كۆزىتىش ژۇرنىلى"دا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە: خىتايدا قانۇن بار، لېكىن خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى يوق ، خەلق پىكىر بايان قىلىش، نەشر قىلىش، تەشكىلات قۇرۇش، نامايىش قىلىش، سايلاش‏- سايلىنىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سىياسەتلىرى دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىنىمۇ دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. خەلقنىڭ نوپۇس-تورالغۇ ، توي قىلىش، ئەۋلاد قالدۇرۇش جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقى يوق، مەھبۇسلار ئۆزىنىڭ بەدەن-ئەزالىرىغىمۇ ئۆزى ئىگە بولالمايدۇ. خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقى يوق ،خەلقنىڭ قانداق قىلىپ مۈلۈك ھوقۇقى بولىدۇ؟ بۇ يېڭى قانۇن يەنىلا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ گەپ ئويۇنى، دەپ بايان قىلىنغان.

يېڭى "مۈلۈك قانۇنى" خىتايدا كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ئېرىشىۋالغان مۈلكىنى قوغداش ئۈچۈنلا پايدىلىنىپ كېتىلىشى مۇمكىن

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسامۇ بۇھەقتە مۇلاھىزە يۈزگۈزدى. ئۇ مۇلاھىزىسىدە بۇ قېتىم خىتايدا ماقۇللانغان مۈلۈك قانۇنىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغاندا، بۇ قانۇندا "خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغداش" نىڭمۇ بەلگىلەنگەنلىكىنى ھەر ھالدا بىر ياخشى ھادىسە دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئەمما بۇ قانۇن يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈنۈمسىز قانۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلىشى، پەقەت كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېرىشىۋالغان مۈلكىنىلا قوغداش ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېتىلىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ.

يېڭى "مۈلۈك قانۇنى" ئاپتونومىيە يۈزگۈزۈلۈۋاتقان جايلاردا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەر، سۇ، تاغ ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش قورالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىم خىتايدا ماقۇللانغان يېڭى "مۈلۈك قانۇنى"نىڭ ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جايلاردا ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدە توختالغاندا، ئاپتونومىيىلىك رايونلاردا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يەنىلا بىڭتۇەنگە ئوخشاش خىتاي كۆچمەنلىرىنى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىلا بۇ يېڭى قانۇندىن بەھرىمان قىلىشى، بۇ قانۇن ئۇلارنىڭ يەرلىك خەلقنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش، يەرلىك خەلقنىڭ يەر، سۇ، تاغ ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تالان-تاراج قىلىش قورالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. (ۋەلى)