ئامېرىكا ئاسىيادا يادرو رېئاكتورى بازىرى ئاچتى
2006.12.18
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 18 - دېكابىر كۈنى خوڭكوڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، توشىبا شىركىىتىنىڭ دائىرىسىدىكى ۋېستىڭخاۋس ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتى، G E ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر ئۆتكەن شەنبە كۈنى، يەنى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاسىيادا ئاساسەن نېفىت ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان ياپونىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن يادرو رېئاكتورى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئىمزالانغان بۇ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئامېرىكا شىركەتلىرى چەتئەللەر بىلەن ئىمزالىغان ، تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كېلىشىملەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتايمۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا نېفىتقىلا تايىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ كېلىشىمگە قاتناشقان.
ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاي، ياپونىيە، ھىندىىستان، جەنۇبىي كورىيىلەر بىلەن يادرو رېئاكتورى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان
ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرى سامىئۇل بودمان ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاي، ياپونىيە، ھىندىىستان، جەنۇبىي كورىيىلەر بىلەن ئىمزالىغان يادرو رېئاكتورى قۇرۇش ھەققىدىكى بۇ كېلىشىملەر، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى ھېنرى پاۋسون ۋە خەزىنە رەئىسى بېن بېرنانكې قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بېيجىڭدا ئېلىپ بارغان ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي سۆھبەت جەريانىدا يىغىننىڭ سىرتىدا ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىملەرگە ئاساسلانغاندا، ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان يادرو رېئاكتورى قۇرۇلۇشلىرى 2007 - يىلى باشلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشلارغا ئامېرىكىنىڭ لۇسىئانا شىتاتىدىكى ۋېستخاۋس شىركىتى قاتنىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئۈچۈن 5500 كىشىلىك خىزمەت پۇرسىتى يارىتىلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، خىتايدا كېلەركى 15- 20 يىل ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ يادرو رېئاكتورى قۇرۇلۇپ ئىشقا چۈشىدۇ.
ئاسىيادا يەنە 77 ئورۇندا قۇرۇلىدۇ، خىتاي ئامېرىكىدىن 4 يۈرۈش 3 - ئەۋلاد يادرو رېئاكتورى ئىمپورت قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، ھازىر ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان 4 يۈرۈش يادرو رېئاكتورى ئىلغار تىپتىكى 3 - ئەۋلاد يادرو ئېلېكتر تېخنىكىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، خىتاي ھازىر بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ 2013 - يىلىدىن بۇرۇن ئىشقا چۈشۈشىنى ئارزۇ قىلماقتا. ئامېرىكىنىڭ ۋېستخاۋس شىركىتى جەنۇبىي كورىيىگە ئاللىقاچان 14 ئورۇندا يادرو رېئاكتورى قۇرۇپ بەرگەن، ياپونىيىنىڭ 55 ئورۇندىكى يادرو رېئاكتورىغىمۇ تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرى بودمان ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ كېلىشىم ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاسىيادىكى يادرو رېئاكتورلىرى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى يادرو رېئاكتورلىرىنىڭ 70% نى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر 18 ئورۇندا يېڭىدىن ياسىلىۋاتىدۇ. ئەمدى ھازىرقى كېلىشىم بۇيىچە، ئاسىيادا يەنە 77 ئورۇندا يادرو رېئاكتورى قۇرۇلىدۇ.
جورجى بۇش: ھىندىستان بىلەن ئىمزالىغان يادرو ھەمكارلىق كېلىشىمى 18 - دېكابىر كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش مۇشۇ ئاي ئىچىدە ھىندىستان بىلەن ئىمزالىغان يادرو ھەمكارلىق كېلىشىمى 18 - دېكابىر كۈنىدىن باشلاپ قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. كېلىشىمدە 'ئامېرىكا يادرو ماتېرىياللىرى ۋە يادرو تېخنىكىسىنى ھىندىستانغا ئېكسپورت قىلىش باشلىنىشتىن بۇرۇن، ۋاشىنگتون بىلەن يېڭى دېھلى بۇ كېلىشىمنى خەلقئارالىق يادرو ئېنېرگىيىسى تەشكىلاتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى، شۇنداقلا، ھىندىستان ئۆزىنىڭ 14 ئورۇندىكى يادرو زاۋۇتلىرىنى تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىشى لازىم؛ ئەگەر ھىندىستان داۋاملىق يادرو سىنىقى ئېلىپ بارسا مەزكۇر كېلىشىمدىكى ئېكسپورت قىلىنىدىغان تۈرلەر توختىتىپ قويۇلىدۇ' دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى.
ھىندىستان ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىسىنى چۈشىنىپ يەتتى
ئامېرىكىنىڭ 70 - يىللاردىكى پرېزىدېنتى نىكسۇن ئەپەندىنىڭ ھۆكۈمىتىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىر بولغان ھېنرى كېسىنگىر ئەپەندىنىڭ 'ۋاشىنگتون پوست' گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، ھىندىستاننىڭ دۇنيادا يېڭى تەرتىپ تىكلەشكە قاتنىشىشى ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن يەرشارى ئىستراتېگىيىسى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك. ئەمما بۇنىڭدىن بۇرۇن، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىشىشىنى 'خىتايغا قارشى تۇرىدىغان ۋاسىتە' دەپ چۈشەنگەن، ھىندىستانمۇ ئۆزىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرىدىغان 'يەمچۈك' بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. ھازىر ھىندىستان بۇ ئىستراتېگىيىنى چۈشىنىپ يەتتى.
ئامېرىكا-ھىندىستان يادرو ھەمكارلىقى ئامېرىكا - پاكىستان مۇناسىۋىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەيدۇ
كېسىنگېر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا زەربە بېرىش ۋە ھىندىستاننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتە تۈزگەن پىلان لايىھىسى، ئەمەلىيەتتە ھىندىستاننىڭ قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ كەتمىنىنى چېپىش ئىدى. چۈنكى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما نىشانى بىر. كېسىنگېر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇرۇنقى 'سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى'دىن كېيىن خەلقئارادا ۋەزىيەت ئۆزگەردى، ئەمدى ھازىرقى ئامېرىكا - ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى يادرو ھەمكارلىقنى ھىندىستاننىڭ خەلقئارادا سىياسىي ئورنىنى ئۆزگەرتىۋاتقان ھەمكارلىق ، دەپ چۈشىنىش كېرەك. ئەمما ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ يادرو ھەمكارلىقى جەريانىدا ھەربىي تەييارلىق مۇسابىقىسى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، يادرو تۈرلىرى، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خىتايدىن ئىران، پاكىستانلارغا تارقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. پاكىستان دۇنيادا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىيالايدىغان دۆلەت، شۇڭلاشقا ھازىرقى ئامېرىكا-ھىندىستان يادرو ھەمكارلىقى ئامېرىكا - پاكىستان مۇناسىۋىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پۈتۈن يەر شارى يادرو قوراللىرى تارقىلىپ كېتىشنىڭ خەتەرلىك باسقۇچقا كىردى
- فرانسىيىدە يادرولۇق ئۆزگۈرۈش تەجرىبىخانىسى قۇرۇش ئۈچۈن 7 دۆلەت ئىمزا قويدى
- ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە خىتاي ۋەكىللىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى كۆرۈشتى
- خىتاي گېنېرالى زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكىغا قارشى يادرو قورالى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلدى
- كوفى ئاننان: بىر دۆلەتنىڭ يادرو قوللار تەھدىتى يەر شارى خاراكتېرلىك ئاپەتكە يول ئاچالايدۇ
- كورىيىنى يادرو قوراللار سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش سۆھبىتى ئىلگىرلەشكە ئېرىشەلمىدى
- ۋاڭ جيارۇينىڭ پيوڭياڭدىكى دىپلوماتىك پائالىيىتى " تىمتاس ۋە جىددى" داۋاملىشىۋاتىدۇ
- جەنۇبىي كورىيە، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قورالغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىكەن