
خىتاي دېموكراتلىرى تەرىپىدىن چەتئەلدە ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان "خەۋەرلەر مەجمۇئەسى" گېزىتىدە بېرىلگەن "750 مىڭ كىشى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان يادرو سىنىقىنىڭ قۇربانى بولدى" دېگەن تېمىدىكى بۇ ماقالىدە، 60 - يىللاردا لوپنۇردا ئېلىپ بېرىلغان يادرو سىناقلىرىدا، نەچچە يۈز مىڭلىغان يەرلىك ئۇيغۇرلار ۋە يادرو سىنىقىغا قاتناشقان ھەربىي خادىملارنىڭ رادىئاكتىپلىق زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 3 - قېتىملىق ئاتوم سىنىقىدا، كوممۇنىست خىتاينىڭ، يادرو سىنىقىنىڭ تەسىر كۈچىنى سىناش ئۈچۈن، پىيادە قىسىملار ۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنى يادرو پارتلاش رايونىغا كىرىشكە بۇيرىغانلىقى مەلۇم قىلىنغان.
ناھايىتى مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان سىناق
مەزكۇر ماقالە مۇنداق باشلانغان: "دەل ئەشۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ قالايمىقانچىلىق يىللىرىدا، كوممۇنىست خىتاي ئۆزىنىڭ قانغا بويالغان بايرىقىنى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە تىكلەش نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا ئىزچىل ھالدا ھەمدە ناھايىتى مەخپىي ھالدا يادرو سىنىقى ئېلىپ باردى. نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ياشلار رادىئاكتىپلىق زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن تۈرلۈك راك كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇپ، ئوتتۇرا ياشقا بارمايلا ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلدى. بەزىلىرى ھەتتا تا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقىچە ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمىدى ".
"750 مىڭ كىشى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان يادروسىنىقىنىڭ قۇربانى بولدى" دېگەن تېمىدىكى ماقالىدە، كوممۇنىست خىتاينىڭ لوپنۇردا ئېلىپ بارغان 3 - قېتىملىق ئاتوم سىنىقىنىنىڭ خىتاينىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاڭ ئەيپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم قىلىنىپ، مەزكۇر ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان مەيدان مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:
ئاسماندىن تاشلانغان بالايى-ئاپەت
- ئۇ چاغ كوممۇنىست خىتاينىڭ 3 - قېتىملىق ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغان مەزگىل ئىدى. جاڭ ئەيپىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىش گۇرۇپپىسى 3 ئاي بۇرۇن لوپنۇرغا كېرىپ بولغان ئىدى. 50 - يىللاردا سوۋېتتە ياسالغان بومباردىمانچى ئايروپىلان ناھايىتى جىمجىت ھالدا مەزكۇر بازىنىڭ ئايدۇرومىدىن قوزغىلىپ، ئاتوم سىناق قىلىش مەيدانىغا قاراپ ئۇچتى. ئاتوم بومبىسىنى تاشلاش ھەققىدىكى ئۇچۇر ناھايىتى مەخپىي ساقلانغان بولۇپ، ئاتوم سىنىقىغا بىۋاستە مەسئۇل كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى. ھەتتا ئۆز- ئارا بىر- بىرىدىن قارشى تەرەپنىڭ نېمە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى ھەققىدە سۇئال سوراشمۇ قەتئىي مەنئىي قىلىنغان. مەزكۇر بازىدىن 200 كىلو مېتىر يىراقتىكى بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان مانېۋىر قوشۇنى بولسا، مەزكۇر مانېۋىرنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدىن تېخىمۇ خەۋىرى يوق ئىدى. ئۇلار پەقەت ئېلىپ بېرىلىدىغان مانېۋىرنى ئاتوم سىنىقىنىڭ تەقلىدى مانېۋىرى دەپلا چۈشەنگەن ئىدى. نۇرغۇنلىغان جەڭچىلەر مانېۋىر ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، جەڭ مەيدانىدىن دۈشمەن تەرەپنىڭ قالدۇق ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى بۇلاپ كېلىشكە ۋە يارىدارلارنى يۆتكەشكە ئەۋەتىلدى. ھەتتا قىسىم ئارقا سېپىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرمۇ جەڭ مەيدانىدىن يەنى مانېۋىر ئېلىپ بارغان مەيداندىن سۇ ۋە تۇپراق دېگەندەك ھەرخىل ئۆرنەكلەرنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىلدى.
- چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 بولغاندا، ئايروپىلان يادرو بومبىسى تاشلىنىدىغان بوشلۇققا كەلگەندە ئۇچقۇچى، قوزغاش كۇنوپكىسىنى بېسىشى بىلەن، پاراشوت ئاتوم بومبىسىنى ئېلىپ ئاستا - ئاستا يەرگە قاراپ تۆۋەنلىدى. تاشلاش ۋەزىپىسىنى ئاياقلاشتۇرغان ئۇچقۇچى بىر ياقتىن سىمسىز رادىئو ئارقىلىق باش قوماندانغا ۋەزىپىنى ئورۇنلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر قىلسا، يەنە بىر ياقتىن دەرھال ئايرۇپىلاننى كەينىگە بۇراپ، بازىغا قايتىشقا ئالدىرىدى. ئايرۇپىلاننىڭ بۇ خەتەرلىك جايدىن ئايرىلىشى بىلەنلا، ھاۋا بوشلۇقىدا ئادەم قۇلىقىنى پاڭ قىلىۋەتكۈدەك پارتلاش ئاۋازى ياڭرىدى. ئايروپىلان قاتتىق سىلكىنىپ پۈتۈن يەر - زېمىن تىترەپ كەتتى. ناھايىتى زور ئوت چەمبىرىكى بىردىنلا يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ، بارغانسېرى چوڭىيىپ، يۇقىرىلاپ، يەر- جاھاننى قاپلاپ، 11 كىلو مېتىر ئىگىزلىكتىكى موگۇسىمان بۇلۇتنى شەكىللەندۇردى. موگۇسىمان بۇلۇتنىڭ ئۆزى سىگنال ئىدى. بۇنى كۆرگەن 50 مىڭ ئەسكەردىن تەركىپ تاپقان مانېۋىر ئېلىپ بېرىش قوشۇنى دەرھال بۇيرۇققا بىنائەن، تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىدى. ئۇلار كۆپلىگەن ساھەلەر بويىچە دۆشمەن تەرەپنىڭ ئىستىكاملىرىنى ئىگىلەشكە باشلىدى. ئاتوم سىنىقى مانېۋىرى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، ئەڭ چوڭ نەس باسقىنى پىيادە ئەسكەرلەر بولۇپ، ئۇلار ئۇچىسىغا ئاددى كېلەڭسىز، ئاتومدىن ۋە بىئوخىمىيىلىك ماددىلاردىن مۇداپىئەلىنىش كىيىملىرىنى كىيىپ، ئاتوم پارتىلىغان مەركەزگە پىيادە ئاتلاندى.
- غايەت زور چاڭ توزان دولقۇنى پۈتۈن يەر - جاھاننى قاپلاپ، تاغ - دېڭىز لاردىن ھالقىپ، ؛ يەر - زىمىننى كۆيدۈرۈپ، ھەممىنى بەربات قىلدى. چاڭ توزان كۆتۈرۈلگەن يەرلەرنى ئىس - تۈتەك قاپلاپ، قۇم - بورانلار كۆتۈرۈلۈپ، ئەتراپ بىردىنلا قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. پەقەت بۇيرۇققا بويسۇنۇشنىلا بىلىدىغان ئەسكەرلەر ھەقىقىي يۈز بېرىۋاتقان ئىشنى نەدىن بىلسۇن ! ئۇلار بۇنى پەقەت ئاتوم سىنىقىنىڭ تەقلىدى مانېۋىرى ئۈچۈن ئالاھىدە يارىتىپ بەرگەن مۇھىت دەپ چۈشەنگەن ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئۆز ھاياتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، باتۇرلارچە ئالغا ئاتلاندى. جەڭچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇچىسىدىكى ئاددى ھەم كېلەڭسىز بولغان ئاتومدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىملىرىنىڭ يادرو زىيىنىدىن ساقلىنىشتا قىلچە پايدىسى يوقلىغىنى نەدىنمۇ بىلسۇن! ئۇلار ھەتتا مۇداپىئەلىنىش نىقابى ئارقىلىق سۈمۈرگەن ھاۋانىڭ رادىئاكتىپلىق چاڭ توزان ئىكەنلىكىنىمۇ قىلچە ھېس قىلمىدى ! (مېھرىبان)