ياخۇ شىركىتى يەنە بىر خىتاي ئۆكتىچىسىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىغا چېتىلدى
2006.04.20
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت مۇلازىمەت شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان ياخۇ شىركىتى يېقىندا ئۈچىنچى بىر خىتاي ئۆكتىچىسىنىڭ تۈرمىگە سولىنىشىغا چېتىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى. بۇنىڭ ئالدىدا خەلقئارا مەتبۇئاتلىرى ياخۇ شىركىتىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىغا مۇخبىر شى تاۋ ۋە ئىنتېرنېت يازغۇچىسى لى جىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ ئىككى زاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ھەققىدە كەڭ كۆلەمدە خەۋەرلەرنى بەرگەن ھەمدە بۇ مەسىلە ھەققىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىمۇ تۈرلۈك ئىسپات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن. ئەمدىلىكتە بولسا يەنە بىر ئۆكتىچى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سولاندى.
ياخۇ يەنە بىر كىشىنىڭ بېشىغا چىقتىمۇ؟
40 ياشلاردىكى جياڭ لىجۈن 2003- يىلى "دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلىنىپ 4 يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلغان. ئۇ 2002- يىلى 11- ئايدا خىتايدىكى 200 نەچچە نەپەر ئۆكتىچى زاتلار بىلەن بىرلىكتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 16- قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 1989- يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قايتا باھا بېرىشنى، سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى، سىياسىي ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى جاۋ زىياڭنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى جياڭ لىجۈن ئۈستىدىن چىقارغان سوت ھۆكۈمىدە، ئۇنىڭغا " زوراۋانلىق ئۇسۇل بىلەن دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان" دېگەن ئەيىبلەشلەرنى ئارتقان.
"چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" نىڭ ئىنتېرنېت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى جۇلىئان پېين ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزغا، ياخۇ شىركىتىنىڭ ھەقىقەتەن خىتاي ساقچىلىرىغا جياڭ لىجۈنگە ئائىت مەلۇماتلارنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
" بىز بىلىمىز، جياڭ لىجۈننىڭ ھۆكۈمنامىسىدا ياخۇ شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە جياڭنىڭ ئېلېكتىر خەت ساندۇقىغا تىزىملاتقان كۈنىنى بەرگەنلىكى يېزىلغان. لېكىن بىز ياخۇنىڭ خىتاي ساقچىلىرىغا جياڭنىڭ ئېلېكتىر خەت ساندۇقىغا كىرىدىغان مەخپي سىفىرنى بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكىنى بىلمىدۇق"
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنىمۇ ئاشكارىلايمىز
جياڭ لىجۈن ئىلگىرى لى يىبىن ئىسىملىك بىر دوستى بىلەن بىر خەت ساندۇقىنى ئىشلەتكەن ئىكەن. ياخۇ شىركىتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ لى يىبىن ئىسىملىك كىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قويغان كىشى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى. جياڭ لىجۈننىڭ ئادۋۇكاتى يەنى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئىشلىرىدىكى ئاتاغلىق ئادۋۇكات مو شاۋسوڭ بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياخۇ شىركىتىنىڭ خىتايغا جياڭ ھەققىدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئۇچۇرلارنى بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ھازىرچە بىر نېمە دىيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
" ئۇنىڭ دوستى ئۇچۇر بەردىمۇ ياكى باشقىلارمۇ بۇنىڭغا مەن ھۆكۈم چىقىرالمايمەن. لېكىن مەن شۇنى ئېنىق ئېيتالايمەنكى، بەزى بىر قىسىم ئىسپات ماتېرىياللىرىنىڭ ئارىسىدا ياخۇنىڭ بەزى ئۇچۇرلارنى بەرگىنى ئېنىق. لېكىن، ياخۇ تەمىنلىگەن ماتېرىياللار جياڭنىڭ دېلوسىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدىمۇ؟ دېگەنگە ھۆكۈم چىقىرىش يەنە تەس".
بىراق "چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" دىكى پېين، گەرچە ياخۇ خىتاي ساقچىلىرىغا جياڭ لىجۈننىڭ ئېلېكتىر خەت ساندۇقىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى بەرمىگەن تەغدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ساقچىلارغا جياڭنىڭ خەت ساندۇقىنى ئېنىقلاپ بەرگىنىنىڭ ئۆزىنى جياڭنىڭ جىنايىتىنى تىكلەشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى. پېين سۆزىدە يەنە، ياخۇ شىركىتىنىڭ يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دېلولارغا چېتىلىش ئەھۋالىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
" خىتايدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىمىزنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، ياخۇ شىركىتى بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قانچە دېلولاردىمۇ خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان. بۇ دېلولار ھازىر تەكشۈرۈش باسقۇچىدا بولغاچقا، بۇنى ھازىرچە ئاشكارىلىغىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز ئۇزۇنغا قالماي بۇلارنىمۇ چوقۇم ئاشكارىلايمىز".
"چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" ىدىكى پېين ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە سەبداشلىرى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 7- كۈنى ياخۇ شىركىتىنىڭ كالىفورنىيىدىكى باش شىتابى ئالدىدا ياخۇ خادىملىرىغا ياخۇنىڭ ئۇچۇر تەمىنلىشى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان سىياسىي پائالىيەتچى لى جىنىڭ ئىنىسىنىڭ سىنئالغۇ لېنتىسىنى قويۇپ بەرگەن. بۇ بېسىم سەۋەبىدىن، ياخۇ شىركىتى 10-ئاپرىل كۈنى پېين باشچىلىغىدىكى ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇر بولغان. ئەپسۇس سۆھبەتنىڭ ھېچقانداق ئاكتىپ نەتىجىسى چىقمىغان.
بىز ئۇلارنى خىتايدىكى تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە ئۈندەيمىز
پېين سۆزىدە، ئۇلارنىڭ پەقەت ياخۇ شىركىتىدىن خىتايدا تىجارەت ئېلىپ بارغاندا پەقەت پايدىنىلا كۆزلىمەي، پرىنسىپنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
" بىز ياخۇ شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئېلېكتىر خەت مۇلازىمەت ئەسۋابىنى خىتايدىن يۆتكەپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ئەسۋاب خىتايدىلا بولىدىكەن، ياخۇ شىركىتى خىتايغا ياردەملەشمەي باشقا ئامالى يوق. بىز يەنە ياخۇ شىركىتىگە تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنى خىتايدىكى تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە ئۈندەيمىز".
نۆۋەتتە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ پەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت خىتايدىكى سۆز ئەركىنلىك ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسلىلىرىگىچە چېتىلدى. نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالار ئامېرىكا ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىغا ئىنتايىن نارازى بولۇپ، ئۇلار ھەتتا بۇ شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋېن جياباۋ دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 3 چوڭ سولچىلار تور بېتىنى تاقىۋەتتى
- خىتاي، دۇنيا بويىچە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان دۆلەت
- كانادا مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى ئەيىبلىدى
- Yahoo, Google لارنىڭ خىتايغا ھەمكارلىشىش مەسىلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى
- ئەركىنلىك سارىيى: خىتاي ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ
- خىتايغا ياردەملەشكەن ئامېرىكىدىكى ئىنتېرنېت شىركەتلىرى تەنقىدكە ئۇچرىدى