ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تورلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشى ۋە ئىنتېرنېت تورلىرىدا خەۋەر تارقاتقان دېگەن تۆھمەت بىلەن كۆپلىگەن كىشىلەرنى قولغا ئالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، خىتاي مەسئۇللىرى ھەر زامانقى ئادىتى بويىچە يەنىلا ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشىپ كەلمەكتە ئىكەن.
"خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تورلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشى، كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىقى"
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چىقىدىغان " ئەل بايان" گېزىتىنىڭ 2008- يىلى 8- فېۋرال سانىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:" خىتاي مەسئۇللىرى ئىنتېرنېت تورلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشى، بۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىقى ۋە ئىنتېرنېت سەۋەبلىك بىگۇناھ كىشىلەرنى قولغا ئالغانلىقى سەۋەبلىك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، خىتايدا ئېنتېرنېتلەرنى باشقۇرۇش ئىشلىرى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتايدا ئىنتېرنېتكە بىر نەرسە يازغانلىقى سەۋەبلىك بىرەر كىشىنىڭمۇ قولغا ئېلىنمىغانلىقىنى ئېيتىپ بايانات ئېلان قىلغان. ئەمما كېيىنكى يىللاردا ئىنتېرنېتتە خەۋەر تارقاتقان دېگەن تۆھمەت بىلەن ئونلارچە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خىتاي مەسئۇللىرىنىڭ بەرگەن باياناتلىرىغا زىت كېلىدۇ. خىتاي مەسئۇللىرىنىڭ بۇ باياناتلىرى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى خىتايدىكى شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى ئېنتېرنېتلەرنى قاتتىق كونترول قىلىش سىياسىتى ئاستىدا قانداق ئىش ئېلىپ بېرىش ئەھۋالى ھەققىدە قايغۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ 'ياخۇ' شىركىتى خىتايغا مەلۇمات بەرگەنلىكى ، بۇ سەۋەبلىك خىتايدا ئىنتېرنېت قوللانغانلاردىن ئىككى نەپەر كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 'ياخۇ' شىركىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ."
خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تورلىرىنى كونترول قىلىش بېسىمى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان يازغۇچى ئىبراھىم فەھمى مۇنداق دىدى:" ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى " مايكروسوفت"، "ياخۇ" ،"سىسكو" ۋە " گۇگىل" شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تورلىرىنى كونترول قىلىش بېسىمىغا باش ئەگكەنلىكىنى قاتتىق ئېيىبلاپ، مۇنداق قىلىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى ھېمايە قىلىش پرىنسىپىغا خىلاپ كېلىدىغان ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى."
خىتايدا ئىنتېرنېت قوللانغانلىقى سەۋەبلىك تۈرمىگە ئېلىنغانلار كۆپ
مەزكۇر گېزىتتە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:" خىتايدا ئىنتېرنېت قوللانغانلىقى سەۋەبلىك تۈرمىگە ئېلىنغانلارنىڭ بىرى خىتاي مۇخبىرى چىئې تاۋ ئەپەندى بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى چەتئەل تورلىرىدا تارقاتتى دېگەن تۆھمەت بىلەن ئون يىللىق قولغا ئېلىنغان. مۇندىن باشقا خىتايدا ئىنتېرنېت سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلار سانى كۆپ ئىكەن." ( ئۆمەرجان)