مەشھۇر داۋا قايتا سەھنىدە


2007.10.17

ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ خىتاي ژۇرنالىست شى تاۋنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىدىكى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىپ ئېچىلغان ۋە 2006 ‏-يىلى يىل 2 ‏-ئايدا ياخۇ شىركىتى گۇناھسىز دەپ يەكۈنلەنگەن ئىنسان ھەقلىرى داۋاسى، تۈنۈگۈن ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن يېڭىدىن كۈن تەرتىپكە كەلدى: ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتى، بۇ يىل 11 ‏-ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ئېچىلىدىغان گۇۋاھلىق يىغىنىدا، مەزكۇر داۋادا گۇناھسىزلىقى ھەققىدە قايتىدىن مەلۇمات بېرىدۇ.

مەزكۇر داۋا ، ئىنسان ھەقلىرى كۆزەتكۈچىلىرى تەرىپىدىن يېقىنقى يىللارنىڭ مەشھۇر داۋاسى دەپ قارالغان ئىدى. بۇ داۋانى مەشھۇر قىلغان نۇقتا، بىر ژۇرنالىستنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى ئەمەس ،بەلكى داۋادا زىيانكەشلىكنى بىۋاستە سادىر قىلغۇچى خىتاي دائىرىلىرى شىكايەت قىلىنماي ، زىيانكەشلىككە قوشۇمچە سەۋەبچى بولغۇچى ياخۇ شىركىتىنىڭ شىكايەت قىلىنىشى ئىدى.

شى تاۋغا زىيانكەشلىك قىلغۇچى ياخۇ شىركىتى ئەمەس ، خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسى

شى تاۋ، خىتايدىكى" زامانىۋىي تىجارەت" نامىدىكى بىر گېزىتنىڭ مۇخبىرى بولۇپ، ئۇ 2004 ‏- يىلى چەتئەلدە نەشر قىلىنىۋاتقان بىر ئاخبارات تورىدا، خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش زۆرۈرلۈكى تەشەببۇس قىلىنغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان ، بۇ ماقالىدىكى پىكىرلەر ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دەپ قارىلىپ، ئاپتور شۇ يىلى قولغا ئېلىنغان ۋە 2005 ‏-يىلى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، جايلاردىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى شى تاۋغا ناھەق زىيانكەشلىك قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن ؛ بۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ، ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتىنى ، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرىغا ، شى تاۋنىڭ ئىنتېرنېتتە تىزىملانغان ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق ، مەزكۈر زىيانكەشلىكنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەبچى بولدى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

بۇلتۇر 2 ‏- ئايدا، ئامېرىكا پارلامېنتىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنى ئېچىلغان ، يىغىندا، ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتى، خىتاي دائىرىلىرى شى تاۋ توغرىلىق ئۇچۇر ئىگىلىگەندە ، ئۇلارنىڭ نېمە مەقسەتتە ئېنىقلىغىنىنى بىلدۇرمىگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن ياخۇنىڭمۇ ، شى تاۋشا مۇناسىۋەتلىك ئىنتېرنېت تىزىملىك ئۇچۇرىنى ساقچىلارغا بەرگەنلىكىنى؛ شۇڭا ،شى تاۋغا زىيانكەشلىك قىلغۇچى ياخۇ شىركىتى ئەمەس، خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

دىئالوگ ۋەخپى ھەركەتتە

بۇ يىل 7 ‏-ئايدا ، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى دىئالوگ ۋەخپى ناملىق تەشكىلات، ، بېيجىڭ بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ، ياخۇ شىركىتىگە يازغان بىر پارچە خېتىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ئۇ خەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ، بېيجىڭ ساقچىلىرى، ياخۇ شىركىتىگە ئېنىق قىلىپ ، شى تاۋنىڭ، چەتئەلگە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىگە ئائىت پاكىت توپلاۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

بۇ ماتېرىيال ئوتتۇرىغا چىقىش بىلەن، ياخۇ شىركىتى ئەمدى، بۇلتۇرقى دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىك ئەيىپلىمىسىگە دۇچ كەلدى ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى توم لانتوسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياخۇ شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن جەررىي ياڭ بىلەن ، مىچەيل كاللاھانغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىلگەن ، ئۇلار 6 ‏- نويابىردىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا، شى تاۋنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىكى مەسئۇلىيىتى ھەم بۇلتۇرقى گۇۋاھلىق يىغىنىدا يالغان سۆزلەپ-سۆزلىمىگەنلىكى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بېرىدۇ.

ئۇيغۇر تارىخچى توختى مۇزات ، يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسىنلارمۇ تۈرمىدە

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن خىتاي ژۇرنالىست شى تاۋلا ئەمەس، ئۇيغۇر تارىخچى توختى مۇزات ، ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسىن قاتارلىق مىڭلارچە مەھبۇس، پەقەت پىكىر بايان قىلغىنى ئۈچۈنلا تۈرمىلەردە يېتىۋاتىدۇ، بۇ زىيانكەشلىكنى سادىر قىلغۇچى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋەدىسىنى بىلدۈرۈپ قۇرۇلتاي ئېچىۋاتىدۇ؛ بىر شى تاۋنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا چېتىلىپ قالغان ، ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتى بولسا ، بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ئىككى يىلدىن بېرى، بېشى دەرتتىن قۇتۇلمايۋاتىدۇ.

مانا بۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 17 ‏- قۇرۇلتىيىدا، قەتئىي ئەگەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن غەربچە سىياسىي تۈزۈلمە بىلەن ، ئۇلار قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ پەرقىنى روشەن كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بىر پاكىت بولسا كېرەك. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.