
خىتاينىڭ يالغان پۇلى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتۇش، قەشقەر، خوتەننىڭ يېزىلىرى ھەمدە پامىر تاغلىرىغا جايلاشقان بەزى چەت يىراق كەنتلەردە قايتىدىن تارقالغان. ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە يالغان پۇل دېلولىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ 2005 - ھەمدە 2006 - يىللىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەملىكەت دەرىجىلىك بەزى نامرات يېزا، كەنتلىرىگە كەڭ تارقىلىپ، دېھقانلار قولىدىن 250 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق يالغان پۇل يىغىۋېلىنغان. شۇ يىللىرى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بەزى كەنتلەردىنلا جەمئىي 1مىليون 700 مىڭ يۈەن يالغان پۇل بايقالغان. بۇلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، يالغان پۇل ياسىغۇچى ياكى تارقاتقۇچىلار يىراق چەت يېزىلاردىكى ساددە دېھقانلارنى ئالداش ئوبيېكتى قىلىۋالغان.
دېھقانلار ئالدىنىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان
دېھقانلارنىڭ يالغان پۇللارنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى ياكى ئەسۋابلىرى كونا ھەم ئىشەنچىلىكى تۆۋەن بولغاندىن سىرت، ھازىر يالغان پۇل ياسىغۇچىلارنىڭ تېخنىكىسىمۇ بارغانچە يېڭىلىنىپ، يالغان پۇلنىڭ سۈپىتىنىمۇ راس پۇلدىن پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن تەس بولۇپ قالغان. ھازىر خىتايدا ئېقىپ يۈرگەن يالغان پۇللارنى ھەقىقىي پەرقلەندۈرەلەيدىغان ماشىنا، ئەسۋاب پەقەت بانكىلاردا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىلا بار بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ ئۇنى ئاسان بايقىيالمايدىكەن.
بىز ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن دېھقانلارنىڭ يالغان پۇل تارقالغانلىقىدىن خەۋىرى بار - يوقلۇقى، ئۇلار پۇلنىڭ راس- يالغانلىقىنى قانداق پەرق ئېتىدىغانلىقى، ئەگەر يالغان پۇلغا ئالدىنىپ قالسا كىمدىن ياردەم سورايدىغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى بىلىش ئۈچۈن قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق، تېلېفونىمىز ئۇلانغان بىر دېھقان بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىمىزنى جاۋابلاندۇردى.
خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر دېھقانلارنى ئالداشنى كەسپ قىلىۋالغان
ئۇيغۇر دېھقانلاردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئۇيغۇر يېزا- بازارلىرىدا يالغان پۇلنىڭ يامرىشىدىكى سەۋەب، بۇ يالغان پۇللارنىڭ بازىرى بولغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى يېزا بازارلىرىغا ئېقىپ كىرىۋالغان خىتايلار بولۇپ، ئۇلار دېھقانلارنىڭ پۇلنىڭ راس - يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەمدە بازار باشقۇرۇش ۋە قانۇن تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن پايدىلانماقتا ئىكەن. يالغان پۇلغا ئالدانغان دېھقانلار بانكىلارغا بۇ پۇلنى قويۇش جەريانىدىلا ئاندىن ئالدانغانلىقىنى بىلىدىكەن. ئەپسۇسكى بۇ چاغدا ئۇلار ناھايىتى كېچىككەن بولۇپ، بانكىلار يالغان پۇلنى بايقىغان ھامان مۇسادىرە قىلىدىغان بولغاچقا، بىچارە دېھقانلار مالدىنمۇ، پۇلدىنمۇ ئايرىلغان بولىدىكەن.
يالغان پۇل بىلەن ئالدانغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى كىم قوغدايدۇ؟ ئۇلارنىڭ تارتقان زىيانلىرىغا كىم ئىگە چىقىدۇ؟ بۇ سوئاللارغا يەنىلا جاۋاب چىقمىدى. ئەلۋەتتە يالغان پۇل تېخى پۈتۈنلەي يوقىتىلغىنى يوق شۇنداقلا يالغان پۇل ياسىغان ھەم دېھقانلارنى ئالدىغان قارا نىيەتلىك جىنايەتچىلەرمۇ پۈتۈنلەي تۇتۇلغىنى يوق، ئۇنداقتا ئۇيغۇر يېزىلىرىدا يەنە قانچىلىك يالغان پۇل ئېقىپ يۈرىدۇ ؟ ساختا پۇللار يىل بويى ئەمگەك قىلىپ ئازغىنە كىرىم قىلدىم دەپ ئەمدى خوش بولغان قانچىلىك دېھقاننى قان يىغلىتىۋاتىدۇ؟ يەنە قانچىلىك دېھقاننى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ؟ بۇ سوئاللارغىمۇ جاۋاب يوق. (گۈلچېھرە)