خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسى بىر يالغانچىلىق


2006.12.26

چەتئەللەردىكى فالۇنگوڭچىلارنىڭ نەشىر ئەپكارى، دەپ قارالغان "The Epoch Times" گېزىتىنىڭ 17-دىكابىر كۈنىدىكى كانادا نۇسخىسىغا "كوممۇنىست خىتايلار ئۇيغۇرلارغا ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى" ناملىق ماقالە بېسىلدى. بۇ ماقالا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋە ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، ماقالىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ھوقۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىۋاتقانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسى ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.

ماقالىدا يەنە ئۆز ۋاقتىدا خىتاي مەملىكەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە خورلۇقلارنى دۇنياغا ئاشكارىلاش يۈزىسىدىن ئالاھىدە كاناداغا كەلگەنلىكىمۇ ئەسكەرتىلگەن.

ئاپتونومىيەنىڭ ئۆزى بىر ئالدامچىلىق

ئاپتور ماقالىدا خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تىزلىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللى مائارىپىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: "خىتاي كوممۇنىستلىرى 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرىدىغان رايون ئىكەنلىكىگە كاپالەت بەرگەن بولسىمۇ، ئامما ئۇلار ھازىر 17 دىن 27 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر رايۇنىدا مائارىپ تەربىيسى ئېلىشىغا يول قويماستىن، ئۇلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتماقتا"، دەيدۇ. ئۇ ماقالىسىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ: "خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ مول بايلىق مەنبەلىرىمىزنى ياشلىرىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سەرپ قىلمايلا قالماستىن، يەنە بۇ ياشلارنى باشقا ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەلىم ئېلىشقا مەجبۇر قىلماقتا. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپلىرى خىزمەتسىز قالغان بولسا، ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتايلار خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە"، دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل ئالغان.

ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى دەۋرىدە خىلمۇ-خىل سىياسى زۇلۇملارغا ئۇچرىغانلىقى، 52-يىلى ئېلىپ بېرىلغان يەر ئىسلاھاتى ھەرىكتىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر باي دېھقانلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 1957-يىلى يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا زەربە بېرىلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچىمۇ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تىل ۋە مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆز بايلىق مەنبەلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمىغانلىقى، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر بۇ بايلىق مەنبەلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇنىڭ دائىرلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ 1997-يىلى غۇلجىدا مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نامايىش ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ماقالىدا، ئۇنىڭ: "ئۇيغۇر ياشلىرى تىنچلىق يولى بىلەن ھەركەت ئېلىپ بارغانىدى، ئامما ئاخىرى ئۇلار قوراللىق قىرغىنچىلىققا ۋە تۇتقۇنغا دۇچ كەلدى. مەن بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىقلارغا چىداپ تۇرالماي قالدىم"، دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

خىتاي سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىدىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىكىگىچە

رابىيە قادىر خانىمنىڭ 1993-يىلى خىتاينىڭ 8-نۆۋەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى، ئۇنىڭ سىياسى ھاياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ۋە ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىسسىق-سوغۇقلار بايان قىلىنغان ماقالىدا ئۇنىڭ "مەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات، دېگەن تەشۋىقاتلىرىغا خېلىلا ئىشەنگەنىدىم. چۈنكى مىللىتىمىز ئاق كۆڭۈل مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن خەلقىمنىڭ ۋەكىلى بولغانلىقىمدىن خوشال بولغانىدىم. سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزالىق ئورنۇمدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ۋە نۆۋەتتە ئۇلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغانىدىم. ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سېنىڭ پىكرىڭ ئىنتايىن ئورۇنلۇق. بىز بۇندىن كېيىن سېنىڭ پىكرىڭ بويىچە ئىش قىلىمىز. بۇلار تۆۋەندىكى ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىشى. مەركەزدە ھېچقانداق مەسىلە يوق، دېگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەڭەنلىكىم ئۈچۈن مەركەزدە مەسىلە يوق، ھەممە مەسىلە يەرلىكتە، ئۇلار بۇ بىگۇناھ سىياسى تۇتقۇنلارنى ئاخىرى قۇيۇپ بېرىدۇ، دەپ ئۇيغۇرلارغا تەشۋىق قىلدىم. ھالبۇكى، ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، يەنىلا سۆز-مەتبۇئات، جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش، ئىختىسادىي ئەركىنلىك بېرىلمىدى. ھەتتا ئۇيغۇرلار ئاخىرى بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىدىن ئايرىلدى. نەتىجىدە مەن ئۆز خەلقىمنى ئالدىغان بولدۇم، چۈنكى مەن خىتاي كوممۇنىستلىرىغا ئەشەڭەنىدىم"، دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل ئالغان.

كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتا بولماسلىقنىڭ ئۆزى تەررورىست دېگەنلىكتۇر

خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىمە ئۈچۈن تېررورچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىكتە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تونۇشتۇرغان ماقالە ئاپتورى رابىيە قادىر خانىمنىڭ: "ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر كوممۇنىست پارتىيە بىلەن پىكىر بىرلىكىدە بولمايدىكەن، ئۇنىڭغا تېررورىست، رادىكال ئۇنسۇر ۋە بۆلگۈنچى، دېگەندەك قالپاقلارنى كىيدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى خالىسىمۇ، ئامما خىتاي دائىرلىرى ئۆز پۇقرالىرىنى ئۇيغۇرلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە يول قويمايدۇ"، دېگەن سۆزلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

بىر دۆلەتنىڭ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆز خەلقىغە خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىختىسادىي جەھەتتە كۈچەيگەندىن كېيىن خەلقنىڭ ئەمگىكى، قان-تەرىنى ھەربى كۈچنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا، ئازسانلىق مىلليەتلەرنى ۋە ئوخشىمىغان سىياسى كۆز قاراشتىكىلەرنى باستۇرۇشقا، ئۆزىنىڭ خەلقىنى ئېزىشكە ئىشلىتىۋاتقانلىقى، بۇنداق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزۇن دەۋىر سۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاپتور ماقالىسىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ: "مەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتىكى كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن"، دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.