خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى يامالىق تېغىدا ئۆي چېقىش ھەرىكىتىنى يەنە باشلىدى

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت تورىدىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا ، ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ئۆي كۆچۈرۈش ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار ، ئۈرۈمچى يامالىق تېخى ئاھالىلەر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىش ھەرىكىتىنى قايتا باشلىغان بولۇپ ، 24 - ماي كۈنى، بىر كۈندىلا 104 ئائىلىلىكنىڭ جەمئىي 287 ئېغىز ئۆيىنى ئاز تۆلەم بىلەن مەجبۇرىي چاققان .

يامالىقتا، دائىرىلەرنىڭ ناھەق ئۆي چېقىش ھەرىكىتىگە بەزى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر، نۆۋەتتە سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەت ھەمدە خەلق ئىشلىرى دائىرىلىرىگە ئەرز قىلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ ،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلمايۋاتقان ئىكەن. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا دىققەت بەرگەيسىز.

يامالىقتا بۇزۇپ چېقىش ئون يىلدىن بۇيان داۋاملاشماقتا

ئۈرۈمچى يامالىق تېغى ئۈرۈمچى سايباغ رايونىغا قارايدىغان سايلىق تاغ بولۇپ ، بۇ جاي 50 - يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەمدە خىتايدىن كەلگەن ئاققۇنلار تەرىپىدىن ئاھالىلىكلەر رايونى بولۇپ شەكىللىنىپ كېڭەيگەن. 1980 -يىللاردا يامالىقتا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر ئەڭ كۆپ بولغان مەزگىل بولۇپ ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى داۋاملىق بۇ ئاھالىلىكلەر رايونىنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن بۇزۇپ چېقىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى 1995 - يىلى يامالىق تېغىنى ئۈرۈمچىنىڭ كۆكەرتىلگەن رايون قۇرۇش پىلانىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن ، كۆكەرتىش باھانىسىدا يامالىق تېغىنى ماكان تۇتقان ئائىلىلىكلەرنى كۆچۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. رادىئومىزدىمۇ 2004 - يىلى 4 -ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يامالىق ئولتۇراق رايونىدىكى 680 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي چاققانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يامالىق تېغىنىڭ بىر قىسمىنى شاڭخەينىڭ مەلۇم ئۆي مۈلۈك تەرەققىيات شىركىتىگە سېتىۋەتكەنلىكى، بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرگەندە ، ئۇلارنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي ئۆرىگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى . ئۇنىڭدىن كېيىن 2006 - يىلى7 - ئاينىڭ18 - كۈنى ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەت يامالىقنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق گۈلىستان رايونى تۈزلىۋېتىلدى

ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ 25 - مايدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يامالىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىش ھەرىكىتى يەنە قايتا باشلانغان بولۇپ ، 24 - ماي پەيشەنبە كۈنى، سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەت، سايباغ مەمۇرىي ئىشلار ئىدارىسى، ساقچىلار تەرىپىدىن باشلانغان بۇ ئۆي چېقىش ھەرىكىتى داۋامىدا ، يامالىق تېغىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى 104 ئائىلىلىكنىڭ جەمئىي 280 ئېغىز ئۆيى توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى ھەمدە كىرانلار بىلەن ئۆرۈۋېتىلگەن بولۇپ بۇنىڭ كۆلىمى 5230 كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە ، دائىرىلەرنىڭ يامالىقتىكى بۇ قېتىملىق ئۆي چېقىش پىلانىغا گۈلىستان رايونىدىكى 355 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. دائىرىلەر بۇ رايوندىكى خەلققە 14 - مايدىن باشلاپ كۆچۈپ كېتىش ھەققىدە خىزمەت ئىشلەشكە باشلىغان . ئۆي چېقىش ھەرىكىتى باشلانغان 24 - مايدا توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى گۈلىستان رايونىدىكى ئۈچ ئېغىزلىق زەيلەشكەن بىر پاكار ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بىر كىشى راۋان بولمىغان خىتايچە سۆز بىلەن " بالام ئاغرىق، بالام ئاغرىق ... دەپ يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۆيىنى چېقىشقا تەييارلانغانلارغا بالام ياتقان بىر ئېغىز ئۆينى قويۇپ قويۇپ قالغىنىنى چىقىڭلار" دەپ يالۋۇرغان.

بۇ ئەسلى ياسىن بارات ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيى بولۇپ ، ئۆي چېقىشقا مەسئۇل خادىملار ئۇنىڭ ئۆيىگە تەكشۈرۈپ كىرگەندە ئۆيدە يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاقنى كۆرگەندىن كېيىنلا ۋاقتىنچە بۇ ئۆينى چاقماسلىقنى قارار قىلىشقان. ئەمما بۇ مەھەللىدە 58 ياشلىق بىر بوۋاينىڭ 500 يۈەن خەجلەپ ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيىنى ئۇنىڭ توسىغىنىغا قارىماي چېقىۋەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىدە پەقەت يامالىق تاغ ئولتۇراق رايونىدا قالايمىقان سېلىنغان ئىگىز ‏- پەس ئۆيلەرنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتقانلىقى، بۇ جاينى تۈزەپ كۆكەرتىپ باشقىدىن قۇرۇشنىڭ ناھايىتى ئاقىلانە پىلان ئىكەنلىكى شۇنداقلا بۇ قېتىم يىگىرمە نەچچە ئورۇننىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يامالىق ئاھالىلىكلەر رايونىنىڭ ئۆرۈپ تۈزەش ئىشلىرىنىڭ ناھايىتى تېز بولۇپ قىيىنغا توختىمىغانلىقى، ئاسانلا تۈزلىۋېتىلگەنلىكى يېزىلغان.

ئەمما ، بۇ جايدا ئۆز خىراجىتىنىڭ يېتىشىچە ، ناھايىتى ئاجىز، ناچار ، تاشلىۋېتىلگەن ماتېرىياللار بىلەن ياسالغان بۇ ئۆيلەردە تۇرۇۋاتقان خەلقنىڭ ئۆيلىرى چېقىلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي چېقىش ھەرىكىتىگە بولغان پىكىرلىرىنى نەزەرگە ئالمىغان . بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر مۇخبىرنىڭ ھەقنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن يازغان بىرەر جۈملىسىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ تۇغۇتلۇق ياكى كېسەل بار ئائىلىلەرنىڭ ئۆيىنى ۋاقىتلىق چاقمىغانلىقىدەك ئەقەللىي بىر تەدبىرمۇ مۇخبىرلار تەرىپىدىن ھۆكۈمەتنى ماختاش دەستۇرى بولغان.

"ئادەمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، بىزنىڭ خىزمەت نىشانىمىز ..."

بىز دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆي چېقىش ھەرىكىتىنىڭ مەقسىدى ، ئۆيى چېقىلغانلارنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يامالىق ئاھالىلىكلەر رايونى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن 1987 - يىلى بۇ يەرگە قۇرۇلغان مەھەللىلەر كومىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق ،"ئادەمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش بىزنىڭ خىزمەت نىشانىمىز ..." دېگەندەك شوئارلار بىلەن تېلېفون ئۇلاندى.

يامالىق تاغدىكى مەھەللە كومىتېت ئىشخانىسىدا تۇرۇپ تېلېفوننى ئالغان بۇ خىتاي ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي چېقىش ھەرىكىتىدىن خەۋىرىم يوق دەپ باشقا سوئاللىرىمىزغىمۇ جاۋاب بەرمىدى.

بىز يەنە يامالىق تاغ ئاھالىلەر رايونىغا يېقىن جايدىكى ئائىلىلىكلەردىن مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشتۇق، قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئىش ئىزدەپ كېلىپ، يامالىققا يېقىن مەلۇم مەھەللىدە ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقان بىر ئۇيغۇر ئايال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئەرزىگە پىسەنت قىلمىغان

بىز يەنە سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى ۋە شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىلىرىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ ئۇلانمىدى. سايباغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر يىگىت بەزى ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن ئۈرۈمچى يامالىق تېغى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئۆرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل شەھەر قىياپىتىنى تۈزەش، كۆكەرتىش، قانۇنسىىز ئۆيلەرنى تەرتىپكە سېلىش دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆي چىقىش ھەرىكىتى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدا داۋاملاشماقتا ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلىۋاتقان، ئۆيلىرى چېقىلىۋاتقانلار ئاساسەن يەرلىك ئۇيغۇرلار بولۇپ ، رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئىنكاس قىلغۇچىلار ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي ھەيدىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي بېسىملارغا ئۇچرىغاندىن باشقا، ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرسە تۈرلۈك سىياسىي بېسىملارغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (گۈلچېھرە)