ئاساسىي مەقسەت يەنىلا خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتۇر

0:00 / 0:00
082207Jap-India-200.jpg
ياپون باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ھىندىستان پارلەمېنتىغا بەرگەن نۇتقىدىن كېيىن، ئۇ، ھىندىستان باش مىنىستېرى مانموخان سىگنخ بىلەن مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەكتە. AFP PHOTO/Findlay KEMBER

شىنزو ئابېنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھىندىستان زىيارىتىنىڭ، بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئابېنىڭ بۇ قېتىملىقى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسەت ئەمەستەك كۆرۈنمەكتە.

ئابې ھىندىستان بىلەن ياپونىيىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتە ئىستراتېگىيىلىك ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىققا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

شىنزو ئابې ھىندىستان پارلامېنتىدا بىل كىلىنتوندىن كىيىن نۇتۇق سۆزلىگەن تۇنجى چەت ئەل رەھبىرى

بۇ ئابېنىڭ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيانقى تۇنجى ھىندىستان زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېغا ھىندىستان پارلامېنتىدا سۆزگە چىقىش شەرىپى بېرىلگەن بولۇپ، ئىگىلىشىمىزچە، شىنزو ئابې سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون 2000- يىلى ھىندىستان پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندىن بۇيان ھىندىستان پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن تۇنجى چەتئەل رەھبىرى ئىكەن.

شىنزو ئابې ھىندىستان پارلامېنتىدا ياپونىيىنىڭ ھىندىستاننى "بىر دوست ھەم شېرىك" سۈپىتىدە "قايتىدىن" تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ۋە، بۇ ئاسىيادىكى ئىككى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئارىسىدا تېخىمۇ يېقىن بىخەتەرلىك ئىتتىپاقى تۈزۈشنى ئويلىشىپ قويۇشنى ھىندىستان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سەمىگە سالغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا، ئابېنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇ، پۈتۈن ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدا"ئەركىنلىك ۋە گۈللىنىش يېرىم چەمبىرىكى" شەكىللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم : "بۇ ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ غەلىبىلىك بولۇشىدا، ياپونىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىقى ئىنتايىن مۇھىم" دېگەن. ئۇ يەنە، ياپونىيە ۋە ھىندىستاننىڭ مۇشۇ غايە ئۈستىدە بىرلىككە كېلىشى بىلەن ئاسىيادىكى بۇ غايەت زور مۇناسىۋەت تورى يېيىلىپ، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل تىنچ ئوكيان رايونىغا تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې يەنە، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانماخان سىنگ بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە يادرو ئېنېرگىيىسى ھەققىدىمۇ سۆزلىشىش توغرىسىدا ۋەدىلەشكەن.

سودا ئىقتىساد زىيارەتنىڭ مۇھىم مۇددىئاسى

شىنزو ئابېنىڭ كەينىدىن، ياپونىيىنىڭ، تويوتا، مىتسۇبىشى، كانون ۋە ھىتاچى شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا ئۆمىكى يېتىپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابې ئەپەندى بىلەن ياپونىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن 200 نەپەر كىشى كەلگەن بولۇپ، 22- ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى ياپونىيە، ھىندىستان بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى كەلگۈسى ئۇچ يىل ئىچىدە يەنە بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ، ھازىرقى 8 مىليارد دوللاردىن 20 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى بېكىتكەن.

سەيشەنبە كۈنى كەچتە باش ۋەزىر شىنزو ئابې ئەپەندى: "ھازىر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، ۋە كېڭەيدى. بۇنى بەش يىلنىڭ ئالدىدىكىگە سېلىشتۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس" دېدى. ئۇ يەنە: "ئىشىنىمەنكى بىزنىڭ بۇ كۈچەيتىلگەن مۇناسىۋەتلىرىمىز دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئاساسىي مەقسەت يەنىلا خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتۇر

ئەمما ئانالىزچىلار، ياپونىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەقسىتى خىتايغا قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراشماقتا.

ب ب س تاشقى مۇناسىۋەتلەر تەھلىلچىسى مۇخبىرى جوناسان ماركۇسنىڭ قارشىچە، ئاسىيا رايونىنىڭ سىياسىي ئەندىزىسىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ھازىرقى پەيتتە، بېزى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ياپونىيە ئاسىيا رايونىدا يېڭى مۇناسىۋەت تورى ئورنىتىشنى خالايدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، يەنە، ئەگەر بۇ يەڭ مۇناسىۋەت تورىنىڭ مەقسىتى خىتاينى چەكلەش بولمىغان تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا مەزكۇر رايوندا باش كۆتۈرۈلۈۋاتقان خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەن.

يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكا، ياپونىيە، ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۆزئارا ھەربىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە.

جوناسان ماركۇسنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل ماي ئېيىدا فىلىپپىن پايتەختى مانىلادا ئېلىپ بېرىلغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ھىندىستان تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىدا دىئالوگ ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.

ئەمما، ب ب س دا، ئامېرىكا ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى رىچارد سامۇئېلس ئەپەندىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، سامۇئېلس پروفېسسورى، بۇ خىل ئىتتىپاق ھەققىدە سۆز ئېچىشنىڭ سەل بۇرۇن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۆزىنىڭ "ياپونىيىنى قوغداش" دېگەن كىتابىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىنى قوغداش تەپەككۇر ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزگەرتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا-ياپونىيە يېڭى مۇداپىئە مۇناسىۋىتى قۇرۇپ چىقماقچى

يۇقىرىقى تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى ھەققىدە توختالغان پروفېسسور رىچارد سامۇئېلس : "مېنىڭچە بۇ پەقەت بىر خىل ئىزدىنىش. ئەمما بۇنىڭ كەينىدىكى مەقسىتى ئېنىق. بولۇپمۇ، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىشىنىشكە ئالاھىدە قىزىقىدۇ. بۇ دۆلەتلەر، بىر خىل يېڭى مۇداپىئە مۇناسىۋىتى قۇرۇپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ" دەيدۇ.

ناۋادا مۇشۇنداق بىر مۇداپىئە شەكىلدىكى ھەربىي ئىتتىپاق مۇناسىۋەت تورى شەكىللىنىپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ ھەمكارلىق تورى كىمگە قارىتىلغان؟ دېگەن تېما ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بارغان ب ب ك تاشقى مۇناسىۋەتلەر مۇخبىرى، "ئېنىقكى، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى بۇ تۆت دۆلەتنى يېڭىدىن ھەربىي مۇناسىۋەتلەر تورى شەكىللەندۈرۈشكە ئىنتىلدۈرۈۋاتقان بىر ئامىل" دەپ كۆرسەتكەن ۋە خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز ئېچىۋاتقان ئىقتىسادى كۈچى ۋە دىپلوماتىك تەسىرىنىڭمۇ بۇنىڭدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (جۈمە)