ياپونىيىلىك ئايال مۇتەخەسسىس، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ياپونىيە خەلقىگە ئاڭلاتماقتا


2006.04.26

ياپونىيىلىك مۇتەخەسسىس نائوكا خانىم، 1998 ‏- يىلى ياپونىيىدىن، بېيجىڭ خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىتاي تارىخى ئۆگىنىش ئۈچۈن بارغان، ئۇ 2000 ‏- يىلىغا قەدەر بېيجىڭدا تۇرۇش جەريانىدا بىر ئۇيغۇر كومپوزىتور بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىك بىر ھايات قاينىمىغا چۆككەن. ئەپسۇس بۇ ئۇيغۇر يىگىت تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قىلىپ، ئۆزىنى چىن دىلىدىن سۆيگەن نائوكو خانىمنى تولىمۇ ئازابلىغان، گەرچە نائوكوئا خانىم ئوغۇل دوستىنى بۇ يولدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى بۇنىڭغا ئاجىزلىق قىلىپ، دوستىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.

بىراق نائوكانىڭ مۇھەببىتى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قىزىقىشىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. شۇندىن ئېتىبارەن نائوكو قەيەردە ئۇيغۇر بولسا شۇ يەرگە بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى ئەھۋالى ھەققىدە ئىزدەندى.

نائوكو ،ياپونىيە مەركىزى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى يەنى مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولسىمۇ، لېكىن ھازىر ئۇ كۆپ ۋاقتىنى ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا سەرپ قىلماقتا.

نائوكو تېخى يېقىندىلا ئامېرىكىغا كېلىپ، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇچرىشىپ، بىر قانچە كۈن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ياپونىيىگە قايتىپ بېرىپ، ياپونىيىدە چىقىدىغان مەشھۇر سىياسىي ژورنالدا " رابىيە قادىرنىڭ ئەسلىملىرى" دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئەسەر ياپونىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئويناپ، نۇرغۇن ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغان.

نائوكا خانىم، بىزنىڭ زىيارىتمىزنى گېرمانىيىنىڭ مۇنخېن شەھىرىدىكى ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئويىدە قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار ئىنتايىن مېھمان دوست، ئاق كۆڭۈل بىر خەلق ئىكەن، ئۇ " مەن قەيەرگە بارماي مېنى ئۇيغۇرلار ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئالدى، تۈركىيىدە بولسۇن، ئامېرىكىدا بولسۇن ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ تامامەن خاتا ئىكەنلىكى ماڭا ئايان، ئۇيغۇرلار ھېچقاچان تېررورچى ئەمەس بەلكى ئۇلار تىنچلىقپەرۋەر بىر خەلق" دېدى.

گېرمانىيىدىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالغان نائوكا خانىم سۆزىنى، " مەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، سىياسىيۇن ، دىپلومات ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى ۋە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ، ياپونىيە خەلقىگە يەنىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرماقچىمەن، بولۇپمۇ، چەتئەللەردە تىنچلىق يولى بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەسەر يېزىشنى، يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتكىنىمدەك، ياپونىيە خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشنى ئۆزەمنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلدىم " دەپ ئاياقلاشتۇرىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.