ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئارال جېدىلى يەنە باشلاندى

ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى تارو ئاسو سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن ئاق سارايدا كۆرۈشكەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ، باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم چەتئەل باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.02.27
Dengiz-MISSILE-305.jpg ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﯧﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻧﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن بىر قۇدرەتلىك كۈچ

ئاق ساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن ياپونىيە باش مىنىستىرى ئاق سارايدا كۆرۈشكەندە، ئوباما ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى، دۇنياۋى ئىقتىسادىي كرىزىس، يەر شارىنىڭ ھاۋا كىلىماتى، كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش پىلانى قاتارلىق جەھەتلەردىلا ئەمەس، تىنچ ئوكياندىكى ئاراللار مەسىلىسىدىمۇ ياپونىيە بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوباما سۆزىدە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن بىر قۇدرەتلىك كۈچ، دېگەن. تارو ئاسو سۆزىدە، ئامېرىكا مۇناسىۋىتى شەرقىي ئاسىيا بىخەتەرلىكىنىڭ ئۇيۇلتاشتەك ئاساسى، دېگەن.

ياپونىيە سەنكاكۇ ئارىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى دەخل - تەرىزگە ئۇچرىسىلا "ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى" نى ھەرىكەتلەندۈرۈدۇ

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە باش مىنىستىرى تارو ئاسو تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە كېلىپ نۇتۇق سۆزلەپ، ئەگەر ياپونىيىنىڭ سەنكاكۇ ئارىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى دەخل - تەرىزگە ئۇچرىسا، دەرھال ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى' نى ھەرىكەتلەندۈرۈدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ياپونىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە. بولۇپمۇ شەرقى دېڭىزدىكى بەزى ئاراللارغا قارىتا كىمنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقى توغرىسىدا، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ ناھايىتى چوڭ. خىتاي بىلەن تەيۋەن، ۋيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ مەسىلىدە بىر - بىرىگە ھەرگىز يول قويۇشمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاراللارنىڭ نامىنى ئۆز ئالدىغا باشقىچە ئاتايدۇ. مەسىلەن، ياپونىيە 'سەنكاكۇ' دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ئارالنى، خىتاي 'دياۋيۈداۋ' دەپ ئاتايدۇ. ئادەتتە ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ پاراخوتلىرى بۇ ئارالنىڭ ئەتراپىغا كەلسىلا، خىتاي دەرھال قارشىلىق كۆرسىتىدۇلا ئەمەس، بەلكى تەيۋەن، خوڭكوڭلارمۇ 'ئارال قوغداش ھەرىكىتى' قوزغاپ كېلىۋاتىدۇ.

خىتاي 'دياۋيۈداۋ ئارىلى جۇڭگونىڭ زېمىنى' دەپ جاكارلىدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ياپونىيە باش مىنىستىرى تارو ئاسونىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 'سەنكاكۇ ئارىلى ياپونىيىنىڭ مۇقىم زېمىنى' دېگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ قارشى تۇردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ماچاۋشۈ 'دياۋيۈداۋ ئارىلى جۇڭگونىڭ زېمىنى، بۇ پاكىتىنى ياپونىيىنىڭ ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقى بىھۇدىلىك' دەپ جاكارلىغان.

تەيۋەن 'دياۋيۈداۋ ئارىلى جۇڭخۇا مىنگونىڭ زېمىنى' دەپ جاكارلىدى

تەيۋەننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شا لىيەنمۇ بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ' دياۋيۈداۋ ئارىلى جۇڭخۇا مىنگونىڭ مۇقىم زېمىنى، بۇ مەسىلىدە تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ'، 'بۇ مەسىلە ھازىر تەيۋەن بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، تەيۋەن بۇ مەسىلىنى ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئاساسىدا ياپونىيە بىلەن سۆھبەت ئارقىلىق سىلىق ھەل قىلىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

فىلىپپىن پارلامېنتىمۇ خىتاي 'خۇئاڭيەنداۋ ئارىلى' دەۋاتقان ئارالنى فىلىپپىننىڭ زېمىنى دەپ جاكارلىدى

'شەرق گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن، فىلىپپىن پارلامېنتى بىر قارار ماقۇللاپ، جەنۇبى تاقىم ئاراللىرىدىكى خىتاي 'جۇڭگونىڭ زېمىنى' دەپ كېلىۋاتقان، ئۇنىڭ نامىنى 'خۇئاڭيەنداۋ ئارىلى' دەپ ئاتىغان ئاراللارنى، خادا تاشلارنى 'فىلىپپىننىڭ زېمىنى' دەپ جاكارلىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى فىلىپپىننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بابو ئەپەندىنى چاقىرتىپ كېلىپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

شەرقى دېڭىزدىكى ئاراللارنى تالىشىۋاتقان دۆلەتلەر ھازىر ئامېرىكا بىلەن سۆزلەشمەكتە

ھازىرقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، شەرقى دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسىدە، قايتىدىن تالاش - تارتىش باشلىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر ئامېرىكا بىلەن سۆزلىشىشكە يۈزلەندى. شەرقى دېڭىزدىكى ئارال مەسىلىسىدە ياپونىيىگە غەزەبلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن يەنە بىر بايانات ئېلان قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى مۇدىرى چەن لىخۇا ئارقىلىق بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە قارىتا ئېلان قىلغان بۇ باياناتىدا 'خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى جىددىي قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى ۋاقىتتا، ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال ساتماسلىقى كېرەك' دەپ جاكارلىغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.