ياپونىيىدە ' ئۇيغۇرچە - ياپونچە سۆزلۈك' نەشىردىن چىقتى

ياپونىيىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى يىپەك يولى تەتقىقاتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009-04-27
Share
Uyghurche-Yaponche-lughet-305 ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺗﻮﻛﻴﻮ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ، ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ - ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺟﯘﻥ ﺳﯘﮔﺎﯞﺍﺭﺍ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ 742 ﺑﻪﺗﻠﯩﻚ ' ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ - ﻳﺎﭘﻮﻧﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ' ﻧﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

 يېقىندا ياپونىيە توكيو چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاسىيا - ئافرىقا تىل ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى جۇن سۇگاۋارا ئەپەندى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن 742 بەتلىك بۇ سۆزلۈك 2 - ئايدا نەشىردىن چىققان بولۇپ، مەزكۇر سۆزلۈك ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈلگەن بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان سۆزلۈك ھېسابلىنىدىكەن.

پروف. در. جۇن سۇگاۋارا ئەپەندى سۆزلۈكنىڭ باش قىسمىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالغان.

بۇ سۆزلۈك ئىلگىرى ۋەتەن ئىچىدە نەشىر قىلىنغان بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرىنىڭ كىتابلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن بولۇپ، ياپونىيىدە ھازىرغا قەدەر نەشىر قىلىنغان بىر قەدەر مۇكەممەل سۆزلۈك دەپ ئېيتىشقا بولىدىكەن. بۇ سۆزلۈك ياپونىيىدىكى كەڭ ئۇيغۇر تىلى ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىگە پايدىلىق تىل قورالى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بىز بۇ سۆزلۈك ۋە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تىلشۇناس در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى دۇنيادا ۋە ياپونىيىدە يېزىلغان ئۇيغۇرچە لۇغەتلەر ھەققىدە قىزىقارلىق مەلۇماتلارنى بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت