خىتايدا يۈز بەرگەن ياپونىيىگە قارشى نامايىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار

CHINA_JAPAN_PROTEST_Guangzh.jpg
10-ئاپرىل كۈنى، گۇئاڭجۇدا ياپونىيىگە قارشى نامايىش. AFP

خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيىدىمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتتى.

خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نامايىش، ياپونىيىدە خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن ۋىدالىشىش

"بىرلەشمە گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بېيجىڭدە ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيىگە قارشى نامايىشتا، نامايىشچىلار ياپونىيە مەبلەغ سالغان سودا بازارلىرىغا ھۇجۇم قىلىغان. ياپونىيە ئەلچىخانىسىغا تاش ئېتىپ، دېرىزە - ئەينەكلەرنى چاققان. ياپونىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرگەن، "ياپونىيىنى يوقىتايلى"، "ياپونلۇقلار ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەتسۇن" دەپ ۋاقىرىغان.

"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" نىڭ 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى توكيودا نەق مەيداندىن تارتقان فوتو سۆرەتلەرنى قوشۇپ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي تەشكىلاتلىرى توكيودا "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى بىلەن ۋىدالىشىش نامايىشى" ئۆتكۈزگەن. بۇ نامايىشقا 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.

خىتايدا تاش ئېتىش ۋە ياپونىيىدە يەل مىلتىق ئېتىش

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا چىڭدۇ، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەردە ياپونىيىگە قارشى نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭ شەھىرىدىمۇ 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشچىلار ياپونىيە ئەلچىخانىسىغا تاش ئېتىپ دەرىزە - ئەينەكلەرنى چاققان.

دوۋېي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ يوكوخاما شەھىرىدە "جوڭگو بانكىسى" نىڭ بۇ شەھەردىكى شۆبسىنىڭ دەرىزىلىرىنى يەل مىلتىق ئېتىپ چېقىپ پاراكەندە قىلىدىغان ۋەقە يۈز بەرگەن.

كويزۇمى ۋە ۋېن جاباۋ

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى كويزۇمى ئەپەندى خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار توغرىسىدا نارازىلىق بىلدۈرۈپ "ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىمەن" دېگەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ياپونىيىگە قارشى كەيپىيات تازا ئۆرلەۋاتقاندا، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ ئەپەندى ھىندىستاندا مۇخبىرلارغا "ياپونىيە ئۆتكەن ئەسىردە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ جوڭگوغا، ئاسىياغا ئازاپ - ئوقۇبەت كەلتۈرگەن ئىدى"، "ياپونىيە ئەمدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولماقچى بولسا، ئۇ چوقۇم تارىخقا توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك" دېگەن.

ياپونىيىدە مىنىستىرلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار دوستلۇق ئۈچۈن تېرىشماقتا

ياپونىيە "ن خ ك ئاگېنتلىقى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئورگىنى توكيودا تۇرىدىغان خىتاي - ياپون دوستلۇقى تەشكىلاتى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن باشلاپ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشكە باشلىغان. ياپونىيە كابېنىتىنىڭ سېكرىتار خىرويۇكى خوسودا ئەپەندى "ھۆكۈمىتىمىز ھادىسە پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن يېقىندىن ئالاقە قىلىۋاتىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابىنى كۈتىمىز" دېگەن. ياپونىيىنىڭ سودا مىنىستىرى شويكى ناكاگاۋا "بىز خىتايدا تۇرىۋاتقان ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز. زامانىمىزدا بازا ئىگىلىكىنى يولغا قويۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر دۆلەت چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشى لازىم" دېگەن.

ياپونىيە تارىخنى پەدەزلىگەن بولسا، خىتاي تارىخىنى بۇرمىلىدى

"ۋولت ستىرىت ژورنىلى"دا دۈشەنبە كۈنى "ياپونىيە تارىخنى پەدەزلىگەن بولسا، خىتاي تارخىنى بۇرمىلىدى" سەرلەۋھىلىك بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى. بۇ ئوبزوردا "خىتاي يېقىندا ياپونىيىنى تارىخىي كىتاب مەسىلىسى بىلەن ئەيىپلىدى. ئەمما خىتاي ئۆزى تارىخنى بۇرمىلاپ كەلمەكتە، خىتاي بۇ جەھەتتە ياپونىيىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. 1989 - يىلى تىئەنئەنمىن مەيدانىدا يۈز بەرگەن تىنچ نامايىشنى "توپىلاڭ" دەپ بۇرمىلىدى. چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەشتە ئادەم ئۆلگەن ۋەقەنىمۇ بۇرمىلىدى. كورىيە يېرىم ئارىلىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشنىمۇ بۇرمىلىدى. 1951 - يىلى خىتاي ئارمىيىسى تىبەتكە كىرگەندىكى تارىخنىمۇ بۇرمىلىدى. خىتاي ھازىر ئەينى ۋاقىتتىكى "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش" ياكى "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان بىر يېڭى دەۋردە تۇرىۋاتقان دۆلەت. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقرالارنىڭ دۇنيانى تولۇق چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك" دەپ بايان قىلىنغان. (ۋەلى)