
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 2007 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ، ياپونىيىنىڭ مۇداپىئە سېستىمىسى "ۋازارەت" دەرىجىسىدىن "مىنىسىتىرلىق" دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ مىنىستىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىسسىتىرىلىق سالاھىيەتكە ھەم مۇستەقىل ھالدا مالىيە خام چوتى تۈزىدىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولىدىكەن.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيىدە يۈز بەرگەن تۇنجى قانۇن ئىسلاھاتى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىدىكى كونسېرىۋاتىپلار ھۆكۈمىتى يېقىندا، ياپونىيىنىڭ مۇداپىئە سېستىمىسىنى "ۋازارەت" دەرىجىسىدىن "مىنىسىتىرلىق" دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ۋە مەكتەپلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنقىسى 1945 - يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان ياپونىيىنىڭ "تىنچلىق قانۇنى" غا تۇنجى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىك؛ ئىككىنچىىسى، 1947 - يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ياپونىيىنىڭ مائارىپ قانۇنىغا تۇنجى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىسلاھات ھازىرقى ياپونىيە باش مىنىسىترى شىنزو ئابې ئەپەندى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى.
ياپونلۇقلار "ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان تىنچلىق قانۇنى تەھدىتكە ئۇچرىدى" دەپ قارىغان
ياپونىيىدە چىقىدىغان "كيوتو خەۋەرلىرى" دە بايان قىلىنىشىچە، ياپونلار ئۆز دۆلىتىنىڭ ھازىرقى مۇداپىئە سېستىمىسى چەتتىن كېلىشى مۇمكىن بولغان ئۇچتۇمتۇت ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغانلىقىتىن، ياپونىيىدە مۇداپىئەگە دائىر ئىشلارغا قايتىىدىن باھا بېرىلگەن. ياپونىيىدە ھازىر خەلق ئىچىدە "ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان تىنچلىق قانۇنى تەھدىتكە ئۇچرىدى" دەيدىغان كۆز قاراش بولغانلىقتىن، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ياپونىيە پارلامىنتىنىڭ يۇقىرىي پالاتاسىدا، ياپونىيىنىڭ مۇداپىئە سېستىمىسىنى "ۋازارەت" دەرىجىسىدىن "مىنىسىتىرلىك" دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ۋە مەكتەپلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى رىغبەتلەندۈرۈش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسى ماقۇللانغان.
ئەمدى چەتئەللەردە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش ياپون قىسىملىرىنىڭ ئاساسلىق بۇرچى
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى قانۇن ئىسلاھاتىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيىنىڭ "ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى" دەپ ئاتىلىدىغان ھەربىي قىىسملىرىنىڭ ئىراق، ئافغانىستانلاردا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىشى ياكى ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا قاتنىشىشى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق بۇرچى دەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن قوشۇمچە ۋەزىپە دەپ ھېسابلىناتتى. شۇنداقلا، بۇنىڭدىن بۇرۇن يەنە، ئەگەر ياپونىيىنىڭ ئەتراپىدا جىددىي ئەھۋال يۈز بەرسە، ياپونىيە پەقەت ئامېرىكا قىسىملىرىغا ئارقا سەپ تەمىناتى يەتكۈزۈپ بېرىشىلا كېرەك ئىدى.
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ "باش كۆتۈرۈش" ھەرىكىتى ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى ياپونىيىگە تەھدىت بولۇپ، ياپونىيىدە ھازىرقىدەك مىللىي كەيپىياتنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولدى ۋە ياپونىيىنى قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر قىلدى.
ياپونىيىىدكى قانۇن ئىسلاھاتىدىن خىتاي قايغۇرماقتا
خىتايدا چىقىدىغان "خەلق گېزىتى" دە 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى "ھەربىي كۆزەتكۈچى" نامىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيىنىڭ باش مىنىسىتىرى شىنزو ئابې ئەپەندى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى ئۆتكۈزگەن ھەربىي پاراتنى قوبۇل قىلغاندا، ياپونىيىدە مۇداپىئە سېستىمىسىنى "ۋازارەت" دەرىجىسىدىن "مىنىسىتىرلىق" دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ھەققىدە قويۇلغان تەكلىپ لايىھىسىنىڭ پارلامىنتتا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان. 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسو ئەپەندى "ياپونىيە يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قابىلىيىتىگە ئىگە" دەپ جاكارلىغان. ھازىر ياپونىيىدە ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پۈتۈن خەلق ئاۋاز قويۇش پائالىيىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ.
مەزكۇر ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە يەنە، "ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن تۈزۈلگەن "تىنچلىق قانۇنى" بۇيىچە، ياپونىيىنىڭ ئۇرۇش قىلىدىغان ھەربىي كۈچلەرنى تەسىس قىلىشى مەنئىي قىلىنغان ئىدى. شۇڭلاشقا ياپونىيە 1954 - يىلى ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى قۇرغان ئىدى. 2001 - يىلىغا كەلگەندە، ياپونىيىدە بۇ قانۇننى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر، ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ سۈپىتى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ بولدى.
مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلىنغان شاڭخەيدىكى خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس ليۇ خۇڭبىننىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، يېقىندا ياپونىيىنىڭ مۇداپىئە سېستىمىسىدا دەرىجە ئۆرلىتىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەمدى ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى ئامېرىكىنىڭ "ئەپسۇن چەمبىرى"دىن قۇتۇلۇپ، چېگرىدىن چىقىپ ئۇرۇش قىلىدىغان ئارمىيىگە ، ياپونىيە ئۆزى بولسا ئىككىنچى دەرىجىلىك ھەربىي دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ ئۆزگىرىش خىتاي-ياپون مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي ئاسىيا ۋەزىيىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. (ۋەلى)