رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىلىكلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى


2007.11.09

Rabiye-1stday-150.jpg
2007 - يىلى 7 - نويابىر كۈنى، رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە توكيو ئايرۇدۇرۇمىدا. RFA Photo /Japan

ياپونىيە، پەيشەنبە كۈنى، بىر ئۇيغۇر رەھبىرىنىڭ توكيودا شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە بۇ مەسىلىنى ياپونىيە تاشقى سىياسىتىگە كىرگۈزۈپ، خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەسىلىلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش چاقىرىقىغا دۇچ كەلدى. بۇ بىر ئۇيغۇر رەھبىرىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ياپونىيىنى زىيارەت قىلىپ، ياپونىيە جەمئىيىتىگە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش توغرىسىدا خىتاپ قىلىشىدۇر.

" ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ياپونىيىنىڭ ۋىجدانى بۇرچى"

ياپونىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە مەملىكەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات سۇندى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدا ئوز تارىخىدىكى مىسلىسىز ئېغىر زۇلۇمغا دۇچار بولغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى "ئېتنىك تازىلاش" ھەرىكىتى، دەپ ئەيىبلىدى.

رابىيە قادىر خانىم دوكلاتىدا ياپونىيىنى خەلقئارا مەسىلىلەردە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، " ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇش ئاسىيادىكى بىردىن - بىر دېموكراتىك دۆلەت بولغان ياپونىيىنىڭ ۋىجدانى بۇرچى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش بىلەن چەكلىنىپلا قالماي، يەنە تۆۋەندىكى ساھەلەردە ئۇيغۇرلارغا يار - يۆلەك بولالايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىش ۋە ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش قاتارلىقلاردا ياردەمچى بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

" خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئاخىرىقى يىللاردا 'ئېتنىك تازىلاش' تۈسىنى ئالدى "

يىغىندا خىتاي دائىرىلىرىنى يېقىنقى 60 يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىگەن رابىيە قادىر خانىم، بۇ سىياسەتنىڭ ئاخىرىقى يىللاردا "ئېتنىك تازىلاش" تۇسى ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان مىللىي مەكتەپلەرنى خىتايچىلاشتۇرۇش، توي قىلىش يېشىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي يۆتكەش، تۇغۇتنى چەكلەش، دىنسىزلاشتۇرۇش، خىزمەت پۇرسىتى بەرمەسلىك، كۆچمەنلەرنى يۆتكەش، ھاشار ئەمگىكى قاتارلىقلار بۇ "ئېتنىك تازىلاش" سىياسىتىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر خانىم، " ئەگەر خىتاينىڭ نىيىتى دۇرۇس بولسا، نېمە ئۇچۇن خەنزۇ كۆچمەنلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئەكىتىدۇ ؟" دېدى. رابىيە خانىم ياپونىيىلىك مۇخبىرلارغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان غەيرى ئىنسانپەرۋەرلىك مۇئامىلىسى تۈپەيلى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي بۇ ئولىمپىكنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈۋالسا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم ۋە باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ھەم بۇ ئەھۋالدا بىر قىسىم تەشكىلاتلار بىلەن ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

" ئولىمپىك يىغىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنىڭ بىر پۇرسىتى"

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بولۇپمۇ كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش، چېگرىسىز مۇخبىرلار ۋە خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسىدە ياپونىيە كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ پىكىرى بايقۇتچىلار بىلەن بىردەك ئەمەس. خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى تارىناكانىڭ ئەسكەرتىشىچە، كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنىڭ بىر پۇرسىتى، دەپ قارايدىكەن.

تارىناكا ياپونىيە مەملىكەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىنىڭ دەم ئېلىش ئارىسىدا مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دەيدۇ: "ياپونىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بىر پۇرسەت، دەپ قارايدۇ. بىز بۇ مەسىلىگە مۇئامىلە قىلغاندا تاكتىكا جەھەتتىن خىتاينى ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى بىر غەنىمەت سۇپىتىدە قارايمىز. بىز ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى ئەمەس. لېكىن بۇ بىز ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللايمىز دېگەنلىك ئەمەس. بىز خىتايغا ئەگەر سىلەر ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزىمىز دەيدىكەنسىلەر، ئۇ چاغدا كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى ياخشىلىشىڭلار كېرەك دېمەكچى" دەپ كۆرسەتتى.

" ياپونىيە پارلامېنتىدا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بولىدىغان كىشىلەر بار "

رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەملىكەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ياپونىيىدىكى مەملىكەتلىك مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، يىغىنغا ياپونىيە مائىنىچى گېزىتى، كيوتو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، نىپپون تېلېۋىزىيە قانىلى، يومىئورى شەنبۇن، سانكەئى شەنبۇن گېزىتلىرى، جىجى ئاخبارات ئاگېنتلىقى، تبس تېلېۋىزىيە قانىلى قاتارلىق مەملىكەتلىك چوڭ گېزىت، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇخبىر ئەۋەتتى.

ياپونىيە تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ياپونىيىدىكى قىسمەن بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاشكارا تىلغا ئېلىپ باققان دۆلەت ئەمەس. ياپونىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى تەرىناكا، بۇنىڭ سەۋەبىنى ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ ناھايىتى سەزگۈر ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى.

تەرىناكا، " ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. ياپونىيە خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتى ۋە باشقا سىياسى مەسىلە ھەم ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ. چۈنكى مېنىڭچە بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى سىياسىي سۈركىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك " دەپ كۆرسەتتى. تەرىناكانىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئوڭچى كۈچلەر خىتايغا قارشى بولسىمۇ، يەنە بەزى پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشىنى خالىمايدىكەن. لېكىن تەرىناكا، ياپونىيە پارلامېنتىدا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بولىدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر مەسىلىسى پارلامېنتتىكى پارتىيە - گۇرۇھلار ئىچىدە ئۇلار كۆڭۈل بۆلگىدەك دەرىجىدە تونۇلغان ئەمەس "دەيدۇ.

" ئۇيغۇر مەسىلىسى ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلىدۇر "

رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيىلىك مۇخبىرلارغا ئەسكەرتمەكچى بولغان يەنە بىر نۇقتى نەزىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق بىلەن چەكلەنمەيدىغان مەسىلە بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ياپونىيە ۋە خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلىدۇر. ئۇ بىر مۇخبىرغا "ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان، ئۇلارنى قىرغىن قىلىۋاتقان، مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتقان بىر دۆلەت ياپونىيە ئۇچۇن ھېچبىر ۋاقىت بىخەتەر دۆلەت بولالمايدۇ "دېدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىنى ياپونىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ سەپىرى مۇشۇ ئاي ئىچىدە ياپونىيىنى زىيارەت قىلىدىغان تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما، تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ما يۇڭجيۇ ۋە تەيۋەن مۇستەقىلچى گۇرۇھى دېموكراتىيە ‏- ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يۇ شىكۇنلەرنىڭ ياپونىيە سەپىرى بىلەن ئوخشاش مەزگىلگە توغرا كەلگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.