توكيودا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللار بىرلىكتە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 63 يىلدىن بېرى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار، تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ۋە پاش قىلىش مەقسىتىدە، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار، تىبەتلەر ۋە ئىنسانپەرۋەر ياپونىيىلىكلەر توكيودا جەم بولۇپ، چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2012.09.29
yaponiye-namayish-uyghur-tibet-mungghul-305.png توكيودىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللار بىرلىكتە خىتايغا قارشى نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Qutluq


بۇ قېتىمقى نامايىشنى موڭغۇلىيە ئەركىن ئىتتىپاق پارتىيىسى، ئوتتۇرا - ئاسىيا تەتقىقات ئورنى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش بىرلىكى، جەنۇبىي موڭغۇلىيىگە ياردەم بېرىش قۇرۇلتىيى، «ياپونىيە ئالغا» تەشكىلاتىنىڭ مەملىكەتلىك ھەرىكەت كومىتېتى تەيۋەن تەتقىقات مۇنبىرى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ۋە تىبەت مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۇيۇشمىسىدىن ئىبارەت ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇردى.

نامايىش توكيو شەھىرىنىڭ مەركىزى شىنجۇكۇ رايونىدىكى كاشىۋاگى باغچىسىدا چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 دا باشلاندى. نامايىشچىلار كوچىغا يۈرۈش قىلىشتىن بۇرۇن، ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن داىچىن، تۇرمۇھاممەت ھاشىم، مىزۇشىما، ناگاياما، كوباياشى قاتارلىق ئەپەندىلەر سۆزگە چىقىپ، خىتايلارنىڭ يات مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. نامايىشچىلار توكيونىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ خىتاينى ئەيىبلەيدىغان شوئارلارنى توۋلاپ يۈرۈش قىلىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

سائەت 3:30 دا خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشچىلار كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن شوئار توۋلاپ ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈش خېتىنى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىدىكى خەت ساندۇقىغا سېلىپ قويدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا جەمئىي ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. بىز نامايىش ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئوتتۇرا - ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى شىراىشى ئەپەندىم ۋە شۇنداقلا تىبەتكە ياردەم كومىتېتىنىڭ رەئىسى كوباياشى ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم نامايىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى شىراىشى ئەپەندىم بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

بۈگۈنكى توكيودا بىز ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە ياپونىيىلىكلەر بىرلىكتە ناھايىتى داغدۇغىلىق نامايىش ئېلىپ باردۇق. نامايىشتا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ بايرىقى لەپىلدەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنى قوللايدىغان كىشىلەرمۇ بىرلىكتە نامايىشقا قاتناشتى. بۇ نامايىش توكيودىكى شىنجىكۇدىكى ئەڭ ئاۋات يېرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ۋە ياپون خەلقىگە ياخشى بىر تەشۋىقات بولدى. مەن بۈگۈنكى نامايىشنى ناھايىتى ياخشى بولدى دەپ ئويلايمەن. دەيدۇ.

تىبەتكە ياردەم بېرىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى كوباياشى ئەپەندىم بۇ قېتىمقى نامايىشقا بولغان ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

مەن ئۇزۇن يىلدىن بېرى تىبەتكە ياردەم بېرىپ كەلگەن بىر بۇددا دىنىڭ راھىبى بولىمەن. ياپونىيىدە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىسىنى ئاۋۋال تىبەت مەسىلىسىنى بىلگەندىن كېيىن ياپون خەلقى ئاندىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى بىلدى. ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان 46 قېتىملىق ئاتوم بومبىسى سىنىقىغا ياپون خەلقى تولىمۇ ئېچىنىدۇ. ھازىر ياپونىيىدە ئۇيغۇر، تىبەت موڭغۇل مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياردەم بېرىش ھەرىكىتى ناھايىتى ئىلگىرىلىمەكتە. دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.