ياپونىيە خىتاينىڭ بېلىقچى كېمىسىنى تۇتۇۋالدى

ياپونىيە دېڭىز قوغداش ئەترىتى ياپونىيىنىڭ ياكۇشىما ئارىلىغا 180 كىلومېتىر كېلىدىغان ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىن «مىڭشا يۈيۈن 05307» ئىسىملىك، 200 توننىلىق بېلىقچىلار كېمىسىنى 9 نەپەر بېلىقچى بىلەن تۇتقان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2012.12.31
xitay-kemisi-senkaku-305.jpg خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ ياپونىيە دېڭىز دائىرىسىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى «جەنۇبىي ياپونىيە گېزىتى»گە چىققان ماقالە. 2012-يىلى 31-دېكابىر.
RFA/Qutluq Haji

جەنۇبىي ياپونىيە گېزىتىنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىرلەردە ياپونىيە دېڭىز قوغداش قىسىملىرى ھاۋادىن ئايروپىلان بىلەن كۆزىتىپ، كاگوشىما ئۆلكىسىنىڭ ياكۇشىما ئارىلىغا 130 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ياپونىيە تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەن خىتاي تەرەپنىڭ بىر بېلىقچى كېمىسىنى بايقىغان. دېڭىز قوغداش ئەترىتىنىڭ جىددىي ھەرىكەت قىلىشى بىلەن شۇ كۈنى كەچ سائەت توققۇزلاردا ياپونىيىنىڭ ياكوشىما ئارىلىغا 180 كىلومېتىر كېلىدىغان ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىن «مىڭشا يۈيۈن 05307» نومۇرلۇق، 200 توننىلىق بېلىقچىلار كونا كېمىسى بىلەن كېمىدىكى 9 نەپەر بېلىقچىنى قولغا ئالغان. كېمىنىڭ كاپىتانى 44 ياشلىق لىن شىچىن بولۇپ، كېمىدىن 1.5 كىلوگرام دېڭىز مارجانى تېپىلغان.

ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 30-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەن بېلىقچىلار كېمىسى ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچى قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ فۇكۇئوكا شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، كاگوشىمادىكى دېڭىز قوغداش قىسىملىرى بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. قانۇنسىز كىرگەن بۇ كېمىنىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدە تىزىملاتقان كېمە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، يەكشەنبە كۈنى كەچتە ياپونىيىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە شۇنداقلا بۇ ئۇچۇرلارنىڭ خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتىنىڭ خىتاينىڭ ئاخباراتلىرىدىن ئالغان نەقىلىدە، خىتاي ئاخباراتلىرى كېمىدىكى كاپىتان بىلەن باشقا ئىككى نەپەر بېلىقچىنىڭ ھازىر ياپونىيىنىڭ كيۇشۇدىكى كاگوشىما شەھىرىدە سوراق قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باشقا ئاخبارات خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى خىتاي بېلىقچىلار كېمىسى قانۇنسىز كىرگەن دېڭىز تەۋەلىكى بىر قەدەر ئىستراتېگىيىلىك رايون بولۇپ، بۇ ۋەقە ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.

ياپونىيىدىكى بىر قىسىم تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەر ۋەقەنىڭ ئۇلغىيىپ ياپونىيە، خىتاي ۋە تەيۋەندىكى بىر قىسىم مىللەتچىلەرنىڭ سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسىدىن كېيىنكى ياپون، خىتاي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشتىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇ ھەقتىكى ئۆزىنىڭ ئەندىشىنى ئىپادىلىگەن ياپونىيىلىك ياما ئەپەندى، بۇ ۋەقەنىڭ تىنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيىدىكى بىر قىسىم دېڭىز-ئوكيانشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىرلىقىدىن خىتاي تەۋەلىكىدىكى دېڭىزلاردا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى كېمىيىپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن خىتاي بېلىقچىلىرى قانۇنسىز ھالدا باشقا دۆلەتلەر تەۋەلىكىگە كىرىشكە مەجبۇر بولغان.

ياپونىيىدىكى بازار ئىگىلىكى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پەرىزىچە، ھەر يىللىق يېڭى يىل ۋە باھار بايرىمى مەزگىللىرىدە خىتايدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقتىن خىتايدىكى بېلىقچىلار قانۇنسىز ھالدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان. ئۆتكەن يىلى خىتايدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرىمۇ، خىتاي بېلىقچى كېمىلىرى كورىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرىپ، كورىيە دېڭىز قوغدىغۇچى قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ ۋەقە سادىر قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدا يۈز بېرىشى بەلكىم دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.

خىتاينىڭ قانۇنسىز بېلىقچىلىرى يالغۇز ئاسىيادىكى خىتاينىڭ قوشنىلىرى بولغان ياپونىيە، فىلىپپىن، جەنۇبىي كورىيە ۋە ۋيېتناملارنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە كىرىپ ۋەقە سادىر قىلغاندىن باشقا، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئارگېنتىنانىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن، ئارگېنتىنا دائىرىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى خىتاينىڭ ئىككى بېلىقچى كېمىسىنى قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا تاپشۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.