ئۆتكەن ھەپتە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيىنىڭ سىكاكۇ تاقىم ئاراللىرىدىكى ماياكقا ئىگە چىققانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۆڭ چۈەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سىكاكۇ ئارىلىنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئارالغا قاراتقان ھەر قانداق بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكىتىنىڭ قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامما ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىدى.
ئارقا كۆرۈنۈش
ياپونىيە ھۆكۈمىتى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ باياناتنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن يەنى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ، سىكاكۇ تاقىم ئاراللىرىدىكى ماياكنىڭ 1988 -يىلى ياپونىيە ئوڭچى ئېقىمدىكى پائالىيەتچىلەر تەرىپىدىن ياسالغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىكاكۇ ئارىلىدىكى مەزكۇر ماياكنى ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى ساقچى ئەترىتىنىڭ باشقۇردىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈەن شۇ كۈنىلا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماياكقا ئىگە چىققانلىق ھەرىكىتىنى يەنە " ئىناۋەتسىز"، "قانۇنسىز" دەپ ئەيىپلىدى.
1895 -يىلى ياپونىيە چىڭ سۇلالىسىنى مەغلۇب قىلىغاندىن كېيىن، سېكاكۇ ئارىلىنى ياپونىيىگە تەۋە دەپ ئېلان قىلدى. بىراق، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا سىكاكۇ ئارالنى ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىپ، 1972 -يىلى ياپونىيىگە قايتۇرۇپ بەردى.
1970 -يىللىرىغا كەلگەندە، مەزكۇر ئارالدىن نېفىت زاپىسى بايقالدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھەمدە تەيۋەن ھەر ئىككى تەرەپ بۇ رايوننىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى.
خىتاينىڭ تېرىشچانلىقى
يۇقىرىدا تەكىتلىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا سۈركىلىش مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، 17 - فېۋرال كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى لى جاۋشىڭ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نابۇتاكا ماچىمۇراغا تېلېفون ئۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ نازۇك مەسىلىنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
لى جاۋشىڭ سۆزىدە يەنە، ئىككى تەرەپنىڭ سىكاكۇ ئارىلىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان توقۇنۇشىنىڭ، ئىككى دۆلەت مەنپەئەتىگە بىۋاستە زىيان سالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك نىشانى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تابۇتاكا ماچىمۇراغا تېلېفون ئۇرۇپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ مەزكۇر تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ياپونىيە مۇداپىئە ئەمەلدارى يوشىنورى ئونو بىلەن 18 -فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلدى.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" دە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى نابۇتاكا ماچىمۇرا، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارى يوشىنورى ئونو ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى كوندولىزا رايىس ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى دونالد رامىسفېلدلار بىرلىكتە تەيۋەن بوغىزىنىڭ بىخەتەرلىكى ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ "ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك نىشانى" ئىكەنلىكىنى جاكارلايدىكەن.
"ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر كېلىشىم شەنبە كۈنى رەسمىي يوسۇندا ئېلان قىلىنىدىكەن.
بۇ ياپونىيىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە تۇنجى قېتىم ئۆز ئىپادىسىنى ئېنىق بىلدۈرۈشى بولۇپ، ئىلگىرى ياپونىيە تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن، بىر قىسىم كۈزەتكۈچىلەر "سىكاكۇ ئارىلى سەۋەبىدىن يىرىكلىشىپ كېلىۋاتقان خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى يەنىمۇ بىر قەدەم ناچارلىشى مۇمكىن" دەپ پەرەز قىلىشماقتا. (ئەقىدە)