ياپونىيىدە ھازىر خىتايغا قارىتا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش تەشەببۇس قىلىنماقتا


2005.04.27

مەتبۇئات يۈزىدە ئېلان قىلىنغان ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە دائىر خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا بۇنىڭدىن 3 ھەپتە بۇرۇن ياپونىيىگە قارشى نامايىش باشلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى يىرىكلەشتى.

بۇنداق ۋەزىيەت داۋاملىشىپ 2 - ھەپتىگە كەلگەندە، ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى كويزۇمى ئەپەندى جاكارتا يىغىنىدا ئۇرۇش يىللىرىدا ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن قايتا ئەپۇ سورىدى. ئۇ يەنە يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. شۇنىڭدىن بىركۈن كېيىن، كويزۇمى ئەپەندى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆزلەشتى. 3 - ھەپتىگە كەلگەندە، ياپونىيە ھېچقاچان بۇرۇنقى تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى پەدەزلىمىگەنلىكىنى، 1945 - يىلىدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر تىنچلىق سىياسەت قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر ياپونىيىدەك بۇنداق بىر دېموكراتىك دۆلەتتە دەرسلىك كىتابلارنىڭ ھەرخىل بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. شۇنداقلا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا خىتاينىڭ دەرسلىك كىتاپلىرىدا ياپونىيىگە قارشى ئۆچمەنلىك ئىپادىلەنگەن ياكى ئىپادىلەنمىگەنلىكىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. ئەمدى بۈگۈن خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى بويىچە نېمە ئىش يۈز بەردى؟

كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى

"فرانسىيە ئاگېنتلىقى" نىڭ 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ياپونىيىدە 1000 دىن ئارتۇق ياپونىيىلىك ۋە كورىيىلىك بىرلىكتە سوتقا ئەرز - شىكايەت سۇنۇپ، ئۇلار ياپونىيىنىڭ باش مىنىسىتىرى كويزۇمى بىلەن توكيونىڭ شەھەر باشلىقى ئىشىخارا ئەپەندىنى جازالاشنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئەرزىيەتچىگە 30 مىڭ يېن ياپون پۇلى تۆلەم ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كوزۇمى ئەپەندى بىلەن توكيونىڭ شەھەر باشلىقى ئىشىخارا شىنتارو ئەپەندىنىڭ ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى قانۇنسىزلىق دەپ ئەيىپلەپ سۇنغان بۇ ئەرز - شاكايەتنى رەت قىلغان. سوت ھۆكۈمىدە ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىش قانۇنسىزلىق دەپ قارالمىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ يى ئەپەندى "بۇرۇن ياپونىيە- خىتاي رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلمالىق ھەققىدە ئاغزاكى كېلىشىم بار ئىدى" دېگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتاي دائىرىلىرى شاڭخەيدە ياپونىيىگە قارشى نامايىشقا قاتناشقان 16 ئادەمنى “جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزدى " دېگەن جىنايىي نام بىلەن قولغا ئالغان.

توكيو شەھەر باشلىقىنىڭ قىياسى

"رويتېرىس ئاگېنتلىقى" نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەتبۇئاتلار ئۇزۇندىن بۇيان "گەپنى ئۇچۇق قىلىدىغان خىتايغا قارشى ئەرباب" دەپ تەسۋىرلەپ كېلىۋاتقان توكيو شەھىرىنىڭ 72 ياشلىق شەھەر باشلىقى ئىشىخارا شىنتارو ئەپەندى ھازىرقى خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغاندا "خىتايدا ھۆكۈمەت ئۆزى پەردە كەينىدە كونتىرول قىلىپ تۇرۇپ ياپونىيىگە قارشى نامايىش قوزغاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ۋاستە ئارقىلىق ياپونىيىنى خەلقئارادىكى مەنپەئەتلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرماقچى بولدى. ئەمىلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى نامراتلىق ئازابىنى تارتىۋاتقان پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ياپونىيىگە دۆڭگەپ قويماقچى بولدى" دېگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىشىخارا ئەپەندى "خىتاينىڭ پىكرىنى ياپونىيە رەت قىلىشى كېرەك" دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە "خىتاي يېقىن كەلگۈسىدە پارچىلىنىپ، شۇ دائىرىدە 6 دۆلەت پەيدا بولىدۇ" دەپ تەسەۋۋۇرقىلغان كىشى ئىدى. ئىشىخارا ئەپەندى بۇ قېتىمقى سۆزىدىمۇ، ھەر قېتىم خىتاينىڭ نامىنى ئاتىغاندا بىرخىل مەستىمىگەنلىكنى ئىپادىلەيدىغان نام بىلەن ئاتىغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئىشىخارا ئەپەندى "ياپونىيە تەۋەسىدىن خىتاي تالىشىۋاتقان شەرقىي دېڭىزدىكى ئاراللارغا ئەمدى ياپونىيە ئەسكەر تۇرغۇزۇشى كېرەك. ياپونىيە ئۆزىنىڭ پاراخوتلىرىغا دۈشمەن پاراخوتللىئىرنى قارىغا ئالىدىغان ۋە پاراخوتلاردىن ھاۋا بوشلۇقىدىكى دۆشمەن نىشانلىرىنى قارىغا ئالىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئەگەر خىتاينىڭ ئاتالمىش ئارال قوغدىغۇچىلىرى ياكى شىمالىي كورىيىنىڭ جاسۇسلىرى بۇ ئاراللارغا كىرسە، بۇيرۇققا ئىتائەت قىلمىسا، ياپونىيە ئۇلارنىڭ پاراخوتلىرىنى دېڭىزغا چۆكتۈرىۋېشى كېرەك" دېگەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.