خىتاي -ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى سىياسى سوغۇقچىلىق تۈپەيلىدىن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت توختامدۇ؟


2005.10.27

يېقىندىن بۇيان ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە ، بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەردە "تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش" ھادىسىلىرى پەيدا بولدى. خىتاي تەرەپ بۇ مەسىلىدە ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمىنىڭ "ياسۇكۇنى" دەپ ئاتىلىدىغان قەۋرىستانلىقنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ. ئەمما ياپونىيە تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرىشى باشقىچە. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھازىر سوغۇقچىلىق بارغانسىرى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ.

قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىش ۋە خىتاينىڭ نارازىلىقى

"شىنخۇئا ئاگېنتلىقى "نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭچۇئەن 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ياپونىيىگە تەكرار نارازىلىق بىلدۈرۈپ "ھازىر خىتاي -ياپونىيە مۇناسىۋىتى قېيىنلاشتى. بۇنىڭ جاۋابكارلىقى ياپونىيە تەرەپتە. ياپونىيىدىكى ئاز سانلىق ئوڭچىلار ياپون مىللىتارىزىمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلماي، بەلكى ئۇنى مەدھىيىلەپ، ئاسىيا خەلقىغە روھى زەربە بەرمەكتە. ياپونىيىنىڭ سىياسىي رەھبىرى بولغان كويزۇمى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىگە تاۋاپ قىلىپ، خىتاي -ياپون مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى بۇزدى. بىز ئۇنىڭغا كۆپ خىزمەت ئىشلىگەن بولساقمۇ، ئەمما كويزۇمى نىيىتىدىن يانمىدى. مانا بۇ خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى توسالغۇ" دەپ تەكىتلىگەن.

"ئامېرىكا ئاۋازى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جيۇنىشىرو كويزۇمى 2001 - يىلى ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى بولغاندىن بۇيان، ياپونىيىدىكى "ياسۇكۇنى" دەپ ئاتىلىدىغان قەبرىستانلىقنى 5 قېتىم تاۋاپ قىلغان. بۇيىل 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، يەنى خىتاينىڭ "مۇقەددەس 6 - " ناملىق ئالەم كېمىسى يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن كۈنىدە كويزۇمى ئەپەندىنىڭ "ياسۇكۇنى" قەبرىستانلىقىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن بىر كۈن كېيىن يەنە ياپونىيىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن 101 كىشى بىرلىكتە ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىغا تاۋاپ قىلغانلىقى، خىتايدا تېخىمۇ چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي -ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ باش ئەلچىسىنى چاقىرىتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا كويزۇمىنىڭ ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلىشى خاتا ئىكەنلىكىنى، ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرىنىڭ 24 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ مۇخبىرلارغا "كويزۇمى خىتاي -ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى بۇزدى، بۇنىڭ جاۋاپكارلىقى ياپون تەرەپتە" دېگەن. بەزى مۇلاھىزىچىلەر ھازىرقى خىتاي -ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى "تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى" لا ئەمەس، بەلكى "قىرو" باستى، دەپ تەسۋىرلىگەن.

ياپونىيىلىكلەرنىڭ بۇ ئىشقا قارىشى

ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، - دەپ داۋاملىق بايان قىلىنىدۇ ئامېرىكا ئاۋازنىڭ خەۋىرىدە، - ياپونىيە ئۆز ئەتراپىدىكى ھەممە دۆلەت بىلەن بۇرۇنقى تارىخىي دەۋردە ئەمەس، بەلكى ھازىرقى يېڭى زاماندا بىللە تۇرىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي تېخىچە ياپونىيىگە بۇرۇنقى كونا كۆز قاراشتا مۇئامىلە قىلىدۇ. ياپونىيىدە ياشانغانلار بۇرۇنقى تاجاۋۇزچىلىق سىياسەتلەرگە ئەپسۇسلانسىمۇ، ئەمما 80 - يىللاردىن كېيىن ئۆسۈپ يېتىلگەنلەر كويزۇمىنىڭ ياسۇكۇنى قەۋرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشىنى ئەيىبكە بۇيرىمايدۇ. بەلكى ئۇلار خىتاينى ئۇچۇق - يورۇق ئىش قىلمايدىغان دۆلەت ، ياپونىيىگە ئۆچمەنلىك قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ. كويزۇمىنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بولسا، ئۇنىڭ ياسۇكۇنى قەۋرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى مەدىھىيىلەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۇ ئۇرۇشتىن خالى بولۇش ئۈچۈن. بۇ ھېچقاچان ياپونىيە قانۇنى چەكلەيدىغان دائىرىدىكى ئىش ئەمەس. "ئاساخى شىنبون"، "يوميورى شىنبون" گېزىتلىرىدىكى تەھلىللەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىرقى ۋاقىتتا ياپونىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان جىددىيلىكنىڭ دەرىجىسى كۈندىن كۈنگە ئۆرلىمەكتە. جىددىيلىكنىڭ دەرىجىسى ئۆرلىگەنسىرى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەممە جەھەتتىن كەينىگە چىكىنىشى مۇقەررەر.

ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ياپونىيە 20 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مەبلەغ جەھەتتىن ناھايىتى زور ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ياپونىيە تەرەپنىڭ ئىپادىسى ساغلام داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەمما ھازىر ياپونىيە -خىتاي مۇناسىۋىتى ناچارلاشتى. خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىغا "ياسۇكۇنى" قەۋرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغانلىق سەۋەبچى بولغان دېگەن كۆز قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. شەرقىي دېڭىزدىكى تەۋەلىكى نامەلۇم رايوندا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش مەسىلىسىمۇ بار. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ رايوندا خىتاي -ياپونىيە بىرلىكتە نېفىت قېزىشتىن ئۆزگە چىقىش يولى تېپىلمايدۇ. شۇمۇنداق ئامىللارغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى سىياسى سوغۇقچىلىقتىن كەلگۈسىدە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت توختاش كېلىپ چىقىشى ناتايىن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.