ياپونىيە - خىتاي باشلىقلار سۆھبىتى كېچىكتۈرۈلدى


2005.12.05
JAPAN_WAR_SHRINE_KOIZUMI_45.jpg
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كويزۇمى 17-ئۆكتەبىر كۈنى ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىدا ئىبادەت قىلماقتا. AFP

ياپونىيە باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمىنىڭ ياسىكۇنو ئۇرۇش قۇربانلىرى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش پىلانى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە خىتاي - ياپونىيە مۇناسۋىتىنى سۈركىلىشكە ئېلىپ بېرىۋاتقان " جىددىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى" بولۇپ كەلمەكتە.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى بۇ ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 7 - قېتىملىق خىتاي، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە باشلىقلار سۆھبىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ، ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى ياسىكۇنو بۇزرۇكگاھىنى قايتا- قايتا زىيارەت قىلىۋاتقان "مۇھىت" ئاستىدا، باشلىقلار سۆھبىتىنى كېيىنرەك "مۇۋاپىق بىر پەيتكە" كېچىكتۈرۈش توغرا، دەپ قارىغان. بۇ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ياپونىيە باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە تۇنجى قېتىم رەت قىلىشى ئەمەس. يېقىندا جەنۇبىي كورىيىنىڭ بوسان شەھىرىدە چاقىرىلغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كويزۇمى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشنى رەت قىلدى.

سىياسى مۇھىت ۋە شەرت - شارائىتلار مۇۋاپىق ئەمەس

ياپونىيە، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە باشلىقلار سۆھبىتى ھەر يىلى بىر قېتىم شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى 12 - دېكابىردىن 14 - دېكابىرغىچە مالايشىيا پايتەختى كۇئالا لومپۇردا چاقىرىلماقچى ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى ئىنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، " يېقىندىن بېرىقى سىياسى مۇھىت ۋە شەرت - شارائىتلار تۈپەيلىدىن 7 - قېتىملىق جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشلىقلار سۆھبىتى مۇۋاپىق بىر ۋاقىتقىچە كېچىكتۈرۈلدى" دەيدۇ.

كېچىكتۈرۈلۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەپ

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا باشلىقلار سۆھبىتىنى كېچىكتۈرۈش سەۋەبى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ باش مىنىستىر كويزۇمىنىڭ ياسىكۇنو بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

كويزۇمى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە تاجاۋۇز قىلغان دۆلەتلەردىن ئەپۇ سورىغان، ئەمما بۇ يىل 10 - ئايدا ياسىكۇنونى زىيارەت قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى " ۋەدىسىدە تۇرمىدى" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ياسىكۇنو بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ " دىلىغا ئازار بېرىدىغان" ھەرىكەت، چۈنكى بۇ يەرگە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەينى يىللاردا جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان كاتتىۋاشلىرى دەپنە قىلىنغان.

ياپونىيىلىكلەر خىتاي تەھدىتىنى ھېس بارغانسېرى ھېس قىلماقتا

برىتانىيە ئاخبارات تورى ب ب س، بۇ مەسىلىگە " ياسىكۇنو مەسىلىسى دىپلوماتىك كوزۇرمۇ ياكى يىتەكچىلىك ئورنىنى تالىشىش كۈرىشىمۇ ؟" دەپ تېما قويدى. ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ياسىكۇنو مەسىلىسى دىپلوماتىك بىر باھانە بولۇپ، خىتاينىڭ پىلانى ياپونىيە بىلەن يىتەكچىلىك ئورۇن تالىشىش.

ياپونىيىلىك ئوڭ قانات سىياسەتچى "ياپونىيىلىكلەر يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ئۆزلىرىنى ناھايىتى بىخەتەر، دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ بارغانچە قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياپونىيىلىكلەر خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى قانداق توساش ئۈستىدە باش قاتۇرماقتىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى، باشلىقلار سۆھبىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى سۆھبەتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنى " ماڭا بېرىلگەن بىر جازا " دەيدۇ. " ئەگەر خىتاي بىلەن جەنۇبىي كورىيە ياسىكۇنو مەسىلىسىنى كوزۇر قىلىپ ئوينىماقچى بولسا، ئەمدى بۇنىڭ كېرىكى قالمىدى " دەپ تەكىتلىگەن كويزۇمى " بۇ يەردە ياپونىيە، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيىلەر دوستانە مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تېگىشلىك باشقا مەسىلىلەر بار" دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئېھتىياتچان بولۇپ، تەرەپلەرنى تارىختىن قالغان مەسىلىلەرنى ھەمكارلىق روھى بويىچە ھەل قىلىشقا چاقىردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئادام ئەرەلى، " خىتاي، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىلەر ئوتتۇرىسىدا تارىختىن قېلىپ قالغان ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. ئۇلار ھازىرغىچە ئوتتۇرىدىكى مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىپ كەلدى. بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوتتۇرىدىكى مەسىلىلەرنى مۇشۇ ھەمكارلىق روھى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دەيدۇ. ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىستىراتېگىيىلىك ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، ئىككى دۆلەت تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىكى، ب د ت ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. ئامېرىكا، ياپونىيىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولۇشىنى قوللىماقتا. ئەمما خىتاي ياپونىيىنىڭ دائىمىي ئەزا بولۇشىغا قارشى چىققان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى سۈي تيەنكەي " خىتاي - ياپونىيە مۇناسۋىتى ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىدى" دەيدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي - ياپونىيە مۇناسۋىتىنى " ھازىرقى ۋەزىيەت ئاستىدا ھېچ ۋەقە يۈز بەرمىگەندەك ئالغا سۈرۈش مۈمكىن ئەمەسكەن "

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ياپونىيە باش مىنىستىرى بىلەن باشلىقلار سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى كېچىكتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، " جۇڭگو ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىق گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. ئۈچ دۆلەت توسقۇنلۇقلارنى يېڭىپ، تەرەققىيات يولىدا ھەمكارلىشىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.