ئوخشىمىغان دۆلەت ياكى مىللەتلەر ئارا توقۇنۇش پەيدا قىلىۋاتقان تارىخىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى چارىسى
2006.11.16
'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ 16 - نويابىر كۈنى خانۇيدىن خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاروئاسو مەزكۇر ئاگېنتلىققا، ھازىر خانۇيدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى جەريانىدا، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تالاش -تارتىش قىلىنىۋاتقان ئۇرۇش تارىخىغا دائىر مەسىلىلەر، قەدىمقى زامان تارىخى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئۆز مۇتەخەسسىسلىرىنى چىقىرىپ، بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، ئورتاق خولاسە چىقىرىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن كېلىشكەنلىكىنى، ياپون-خىتاي ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە خولاسە چىقىرىش 2008 -يىلىدا تاماملىنىش پىلانلانغانلىقىنى جاكارلىغان.
خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا توغرا چۈشەنچە بېرىشنى كۈتۈپ تۇرغان بىرمۇنچە مەسىلە بار
ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تارىختىكى چۈشەنچىدە بىرلىككە كېلىنمىگەن مەسىلىلەرنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئورتاق خولاسىغا كېلىشكە كېلىشكەنلىكى، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن ئايدا ئېلىپ بېرىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى، --- دەپ بايان قىلىنىدۇ 'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ خانۇيدىن يوللىغان خەۋىرىدە. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئەمەلىيەتتە خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا توغرا چۈشەنچە بېرىشنى كۈتۈپ تۇرغان بىرمۇنچە مەسىلە بار. بۇ 1930 - 40 - يىللاردا ياپونىيىنىڭ خىتاينى ئىشغال قىلغانلىقىغا قارىتا قانداق چۈشەنچە بېرىش مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى قەدىمقى زامان تارىخى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى بىرمۇنچە مەسىلىلەرگە، ھەتتا ھازىر شەرقى دېڭىزدىكى تەبىئىي گاز بارلىقىلىرىنى بىرلىكتە ئېچىش مەسىلىسىدە پەيدا قىلغان جىددىيلىكلەرگە قانداق چۈشەنچە بېرىش مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت. بۇ ھازىر خىتاي -ياپون مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان سەزگۈر مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى.
ھازىر ياپونىيە بىلەن خىتاي تارىخي مەسىلىلەرنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، ھاسىل قىلىنغان ئورتاق خولاسە بۇيىچە چۈشەندۈرۈشكە كېلىشكەن، لېكىن...
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان تارىخ دەرسلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تەنقىد قىلىپلا ئەمەس، بەلكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى تارىختىن ھېساب ئالىدىغانلىقىنى جاكارلاپ كەلمەكتە. ھازىر خىتاي بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى تارىخي مەسىلىلەرنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، ھاسىل قىلىنغان ئورتاق خولاسە بۇيىچە چۈشەنچە بېرىشكە كېلىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر شەرقي دېڭىزدىكى تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى بىرلىكتە ئېچىش مەسىلىسىدە يەنە جىددىي تالاش-تارتىش مەۋجۇت. چۈنكى خىتاي بىلەن ياپونىيە شەرقىي دېڭىزدىكى تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى بىرلىكتە ئېچىشقا كېلىشكەندىن ئاۋۋال، خىتاي ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىپ تەبئىي گاز ئېچىشقا باشلىغانلىقى ياپونىيىنىڭ قارشىلىقىنى پەيدا قىلماقتا.
بۇيىل 5 - ئايدا ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىگەن ئىدى
'سىنا تور بېتى'دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن ياپونىيە تالاش تارتىشتىكى تارىخي مەسىلىلەرنى ئىككى دۆلەت بىرلىككتە تەتقىق قىلىپ، ئورتاق خولاسىغا كېلىش مەسىلىسىنى بۇيىل 5 -ئايدا ياپونىيە تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. تەتقىقات گۇرۇپپىسىنى قانداق قۇرۇش مەسىلىسىدە، ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرى ياپونىيە تەرەپتىن تارىختىكى مەسىلىلەرنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئورتاق خولاسىغا كېلىدىغان تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ياپونىيە تەرەپتىن قاتنىشىدىغان ئەزالىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقى ياپونىيە تەرەپتە بولىدۇ، بۇ گۇرۇپپىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئالىملاردىن ئىبارەت بولىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. ئەمما خىتاي تەرەپ بولسا، ئىككى دۆلەت بىرلىكتە تەتقىق قىلىدىغان گۇرۇپپىغا قاتنىشىدىغان كىشىلەرنى ئىككى دۆلەت بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ، بۇ ئىشقا ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىدىغان ئالىملارنى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى تاللاپ چىققاندىن كېيىن قارشى تەرەپتىن پىكىر ئېلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. شۇڭلاشقا بۇ مەسىلىدە ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىگەن ئىدى.
لى جاۋشىڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەمدى 'خىتاي -ياپونىيە تارىخ تەتقىقات يىغىنى' باشلىنىدىكەن ب ب س نىڭ خانۇيدىن 16 - نويابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى لى جاۋشىڭ 'ياپونىيىنىڭ باش مىنسىتىرى شىنزو ئابې يېقىندا جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرىلەش بولدى. بۇ ھەر ئىككى تەرەپنڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، بۇنى قەدىرلەش كېرەك' دېگەن. لى جاۋشىڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بىلەن ياپونىيە ھازىر ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىنى، بولۇپمۇ قەدىمقى زامان تارىخى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىدىغان، ئىككى تەرەپنىڭ ئالىملىرىدىن تەركىپ تاپقان 'خىتاي -ياپونىيە تارىخ تەتقىقات يىغىنى' بەرپا قىلىشقا كېلىشكەن. ئۇنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى 2008 - يىلى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.
ھەر ئىككى تەرەپتىن 10 دىن ئالىم قاتناشقان تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ يىل يىغىن ئاچىدىكەن
ياپونىيىدە چىقىدىغان 'ئاساخى شىنبۇن گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيە بىلەن خىتاي بۇيىل 10 - ئايدا ھەر ئىككى دۆلەت 10 دىن ئالىم چىقىرىپ تەتقىقاتنى باشلاشقا كېلىشكەن. بۇ مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى قەدىمقى زامان تارىخى ۋە ئوتتۇرا،يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى بىلەن ھازىرقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىنىدىكەن. ئۇلار بۇ يىل ئىچىدە بىر قېتىم يىغىن ئاچىدىكەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شەرقىي دېڭىزدىن نېفىت گازى ئېچىش بۇيىچە ياپون-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ تېخىچە مەۋجۇت
- مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياپونىيە مۇداپىئە نازارىتى دوكلاتى ھەققىدىكى قاراشلىرى
- ياپونىيە - خىتاي باشلىقلار سۆھبىتى كېچىكتۈرۈلدى
- خىتاي -ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى سىياسى سوغۇقچىلىق تۈپەيلىدىن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت توختامدۇ؟
- ياپونىيە بىلەن خىتاي ھەربىي تەييارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي بىلەن ياپوننىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى نەفىتلىك تالاش - تارتىشىدىن ئۇرۇش كېلىپ چىقامدۇ ياكى ھەمكارلىقمۇ؟
- خىتاينىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى شەرقىي دېڭىزدا ياپونىيە بىلەن تالىشىۋاتقان تەبىئىي گاز رايونىغا كىرگەن
- خىتاي ۋە ياپونىيە ۋۇيىنىڭ توكيو زىيارىتىنى بالدۇر ئاخىرلاشتۇرغانلىقى مەسىلىسىدە بىر- بىرىنى ئەيىبلىدى
- ياپونىيىدە ھازىر خىتايغا قارىتا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش تەشەببۇس قىلىنماقتا
- خىتاي، ياپونىيىگە قارشى نامايىشقا چېتىلغان 16 كىشىنى قولغا ئالدى