
خىتاي ۋە ياپونىيىلىك تارىخچىلارنىڭ خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سەزگۈر تارىخىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بارىدىغان تارىخ تەتقىقاتى، ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې 2006 - يىلى 10 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن قانات يايدۇرۇلماقتا.
خىتاي ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى "سەزگۈر يىللار"
ئىككى دۆلەت تارىخچىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى 2006 -يىلى 12 - ئايدا بېيجىڭدا چاقىرىلغان بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى توكيودا باشلانغان يىغىن تارىخ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ 2 -نۆۋەتلىك يىغىنىدۇر. بىرلەشمە تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى خىتاي ۋە ياپونىيىلىك 20 نەپەر تارىخچى 2008 -يىلى خىتاي ياپونىيە تارىخىدىكى سەزگۈر مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىدۇ. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسۇ، خىتاي - ياپونىيە تارىخىدىكى ئۇرۇش مەزگىللىرىنى "سەزگۈر يىللار،" دەپ ئاتىدى ۋە تارىخچىلارنىڭ سەزگۈر يىللار ئۈستىدە "ئوبيېكتىپ" تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.
تارو ئاسۇ كۆزدە تۇتقان "سەزگۈر يىللار"، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 1930 - يىللاردا خىتايدىكى ئىشغالىيەتچىلىك ئۇرۇشىنى، بولۇپمۇ "لۇگۇچياۋ ۋەقەسى" ۋە "نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى" قاتارلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تارو ئاسۇ خىتاي تارىخ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بۇ پىڭ ئەپەندىگە "تارىخىي مەسىلىلەرنىڭ بۇ يىل نېگىزلىك مەسىلە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى" تەكىتلىگەن. ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ تارىخىي مەسىلىلەردىكى كۆز قارىشىدا زور پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ، باش مىنىستىر شىنزۇ ئابې يېقىندا ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا چەتئەللىك ئاياللارنى ھەربىي قىسىملاردا پاھىشە بولۇشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك پاكىت يوقلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
خىتاي – ياپونىيە تارىخچىلىرىنىڭ سەزگۈر مەسىلىلەردە بىرلىككە كېلەلىشى تەس
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا دۈشەنبە كۈنى باشلانغان ئىككى كۈنلۈك يىغىندا تارىخچىلار خىتايلار تەرىپىدىن "نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى" دەپ ئاتىلىدىغان سەزگۈر مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. ياپونىيىدە تارىخچىلارنىڭ "نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى" قاتارلىق تارىخىي مەسىلىلەردىكى كۆز قارىشى ئوخشاش ئەمەس. ئۇلار تارىخىي مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇش جۈرئىتىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تارىخچىلارنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا پۈتۈنلەي پەرقلىنىدۇ.
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 20 كىشىلىك تارىخ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى ياپونىيىلىك تارىخچىلار خىتايدا تارىخنى كومپارتىيە چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى، تارىخچىلاردا پىكىر ئەركىنلىكى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا سېراكوز ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كاندىدات دوكتورى قىلىچ قاناتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي - ياپونىيە تارىخچىلىرىنىڭ سىياسى سەۋەبلەر تۈپەيلى سەزگۈر مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكىگە كېلىش مۇمكىنچىلىكى تەس.
بۇ يىل ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ خىتايغا ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇش قوزغىغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدۇر. خىتاينىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا بەزى ۋەكىللەر 1931 - يىلدىكى 18 - سېنتەبىر ۋەقەسىنى دۆلەتنىڭ "نۇمۇس كۈنى" قىلىپ بېكىتىشكە قانۇن تەكلىپ لاھىيىسى بەرگەن ئىدى. تارو ئاسۇ،" خىتاي ياپونىيە تارىخىي ئۈستىدە ئېغىز ئېچىش ئېغىر ۋەزىپە، لېكىن ئەڭ مۇھىمى تارىخنى ئىلمىي ۋە ئوبېكتىپ شەرھىلەشتۇر،" دەيدۇ. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ياپونىيە ھەربىي قوماندانلىرىنىڭ توكيودىكى قەۋرىگاھىنى تاۋاپ قىلىشىغا شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرماقتا.
ياپونىيە سابىق باش مىنىستىرى كويزۇمى قەبرىگاھنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى توڭلاتقان شۇنداقلا خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋلار بىر قانچە يىلغىچە كيزۇمى بىلەن ئۇچراشمىغان ئىدى. خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋتى ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا باش مىنىستىر شىنزۇ ئابې خىتاينى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن تۈزۈلىشكە باشلىدى.
خىتاي تارىخچىلىرى كومپارتىيىنىڭ سىزىقىدىن چىقمىغۇچە، ئىككى دۆلەت مەسىلىلىرى تارىخىنى يېزىپ چىقىش تەس
ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تارىخي مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكىگە كېلىشتىكى قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى تارىخنى يېزىش ۋە سۆزلەش ئەركىنلىكىتۇر. خىتايدا كومپارتىيە تارىخنى چۈشەندۈرىدىغان بىردىن-بىر ئورگان ھېسابلىنىدۇ. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا كىشىلەر تارىخنى چۈشەندۈرگەندە كومپارتىيە بەلگىلەپ بەرگەن ئۆلچەمنى ئاساس قىلىش كېرەك. خىتاي ئانالىزچىلار، خىتاي تارخىچىلىرىنىڭ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن خىتاي ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئەقەللى ۋەقەلەرنى ئەركىن بايان قىلىش ھوقۇقى بولماي تۇرۇپ، ياپونىيىلىك تارىخچىلار بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە تارىخ يېزىپ چىقىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.
ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ياپونىيە بىلەن ياپونىيە قەدىمكى زامان تارىخىدىكى مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكىگە كېلەلىشى مۇمكىن. لېكىن يېقىنقى زامان تارىخىغا دائىر مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكىگە كېلىش ناھايىتى زور. خىتاينىڭ تارىخىي مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايدا تېخى يېقىندىلا يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەقەلەر ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئەيىپلىمەكتە.
يېقىندىن بېرى خىتاي زىيالىلىرى ئارىسىدا 1950 - يىللاردا يۈز بەرگەن "ئوڭچىللارغا" قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم تۆلەش پىكىرى قوزغالماقتا ئىدى. لېكىن خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى بۇ ۋەقەنى مەتبۇئات يۈزىدە مۇنازىرە قىلىشنى چەكلىگەن شۇنداقلا جايلاردىكى تەشۋىقات بۆلۈملىرىگە ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش، مەدىنىيەت ئىنقىلابى ھەققىدىكى ماقالە ۋە ئەسلىمىلەرنى مەتبۇئات يۈزىدە چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكىدىكى جوڭگو ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باش مۇھەررىرى مياۋ تيەنچىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تارىخ ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلسا راست بولىدىغان، ئېتىراپ قىلمىسا راست بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. تارىخ بىر رېئاللىقتۇر. مياۋتيەنچى ئوڭچىللارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى مىسالغا ئېلىپ، "ئوڭچىللارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر سۆزلىسە ياكى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلسا بار بولۇپ، ئېتىراپ قىلمىسا بار بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ يۈز بەرگەن بىر رېئاللىقتۇر،" دەيدۇ. خىتاي ياپونىيە مۇناسىۋتى ئۆتكەن يىلى ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزۇ ئابېنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن بىر ئاز يۇمشاشقا باشلىدى. كۈزەتكۈچىلەر خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن بۇ يىل 4 - ئايدا ياپونىيىنى زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقى بۇنىڭ بىشارىتى، دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئەركىن)
