ئامېرىكىدىكى خرىستئان ۋە مۇسۇلمان دىنىي جامائەتلەر ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا باشلىدى(2)
2007.05.28
ئامېرىكىنىڭ مارىلان شتاتىغا جايلاشقان جەرمەنتاۋن شەھىرىدىكى نىكولاس چېركاۋىنىڭ باش راھىبى كېن ۋۇرد ئەپەندىم ۋە ئۇنىڭ جەرمەنتاۋن ئىسلام جەمئىيىتىدىكى دوستلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 5- ئاينىڭ 12- كۈنى گۇەنتانامۇ تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم پۇلى يېغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت نەتىجىسىدە 5000 دوللار پۇل يىغىلغان بولۇپ، بۇ پۇل يېقىندا ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ئارقىلىق ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئەۋەتىلىپ بېرىلىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات، ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا پۇل يېغىش پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن جەرمەنتاۋن شەھىرى نىكولاس چېركاۋىنىڭ باش راھىبى كېن ۋۇۋارد ئەپەندى بىلەن، بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقىسىدى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. تۆۋەندە بۇ سۆھبەتنىڭ داۋامىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
سۇئال: "ھۈرمەتلىك باش راھىب ئەپەندىم، ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم پۇلى يېغىش پائالىيىتىنى قايسى يەردە ئېلىپ باردىڭلار, مەسچىتتىمۇ ياكى چېركاۋدىمۇ؟"
جاۋاب: "بۇ پائالىيەتنى بىز ئىبادەت قىلىدىغان بىر چېركاۋدا ئېلىپ باردۇق. بىزنىڭ چېركاۋ رېمونت قىلىنۋاتقانلىقى ئۈچۈن بىز ھازىرچە رايونىمىزدىكى يەنە بىر چېركاۋدا ئىبادەت قىلىۋاتىمىز. بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جەرمانتاۋندىكى مەسچىتتىمۇ ، بىزنىڭ چېركاۋمۇ كىچىك كېلەتتى. شۇڭا پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چوڭراق بىر چېركاۋنىڭ زالىنى ئىجارىگە ئالدۇق. چېركاۋدا يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئىبادەت قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن بىز پائالىيىتىمىزنى يەكشەنبە كۈنى ئاخشمىغا ئورۇنلاشتۇردۇق."
سۇئال: "پائالىيەتكە قانچىلىك كىشى قاتناشتى؟"
جاۋاب: "بۇ پائالىيىتىمىزگە يۈز ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى."
سۇئال: "قاتناشقانلارنىڭ قانچىلىكى مۇسۇلمان قانچىلىكى خرىستىئان ئىدى؟"
جاۋاب: "بىز ئۇلارنى ئېنىق ھېسابلىمىدۇق . لېكىن قاتناشقانلارنىڭ يۈزدە % 50 مۇسۇلمان، يۈزدە % 50 ى خرىستىئان ئىدى."
سۇئال: "پائالىيەتكە قاتناشقان مۇسۇلمانلار قايسى دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ئىدى؟"
جاۋاب: "ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسەن ۋېرجىنىيا شىتاتىدا ياشايدىغان، بەزىلىرى ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مۇسۇلمانلار ئىدى. بەزىلىرى بولسا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن ئاساسەن باڭگلادېش، مىسىر، سۈرىيە، ئىئوردانىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئامېرىكىغا كېلىپ ياشاۋاتقان كىشىلەر ئىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ پائالىيەتكە دۇنيانىڭ بارلىق رايونلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار قاتناشتى دېسەك بولىدۇ."
سۇئال: " بۇ بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى يېغىش پائالىيىتىمۇ ياكى ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم پائالىيىتى بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشامدۇ؟"
جاۋاب: "بىز رايونىمىزدىكى مەسچىت بىلەن قۇرۇلغان مۇناسىۋىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى ياردەم پۇلى يېغىش پائالىيىتىدە قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلىرىمىزگە تايىنىپ، ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم پۇلى يېغىش ھەرىكىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز. ھەر ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىشنى خالايمىز. ھەر ئىككى تەرەپ بۇ پائالىيەتنىڭ بىر قېتىملىق پائالىيەت بولۇپ قىلىشىنى خالىمايدۇ. ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يەردىكى چېركاۋ بىلەن مەسچىت ئوتتۇرىسىدا بىر دىئالوگ قۇرۇلۇشىدا ۋاسىتىلىق رول ئوينىدى. بىز رايوندىكى ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇندىن كېيىن ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق ياردەم پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارىدىغانلىقىمىزنى پىلانلاپ، قارارلاشتۇرىمىز. مۇسۇلمان جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى كېلەر قېتمقى پائالىيىتىمىزنى رايونىمىزدىكى بىر سىناگوگتا ئېلىپ بېرىشنى تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ بىر قېتىملىق پائالىيەت ئەمەس، بۇ پائالىيىتىمىزنى بۇندىن كېيىنمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز."
سۇئال: "ھۆرمەتلىك باش راھىب ئەپەندىم، ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياردەم پۇلى يىغىشتىن باشقا يەنە بەزى پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىمىز دېدىڭىز بۇ ھەقتە بىرئاز مەلۇمات بېرەمىسز؟"
جاۋاب: "بۇ پائالىيەتلىرىمىز ، ئىسلام جەمئىيىتىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ روھىنى كۆتىرىدىغان، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇدىغان خەتلەر يېزىپ ئەۋەتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ."
باش راھىب ئەپەندىم بەرگەن مەلۇماتىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. پائالىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكىدىكى خرىستئان ۋە مۇسۇلمان دىنىي جامائەتلەر ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا باشلىدى (1)
- شىۋېتسىيە دۆلەتلىك رادىئوسىدا، ئالبانىيىدە پاناھلىق بېرىلگەن بەش نەپەر ئۇيغۇر توغرىسىدا تەپسىلى خەۋەر
- ئالبانىيە خىتاينىڭ بەش نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلدى
- ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن زۇلپىيە خانىم بىلەن سۆھبەت
- ئابابەكرى قاسىم: ئادالەتكە ۋە ئامېرىكا تۈزۈلمىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ
- ئالبانىيىدىكى 5 ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئابابەكرى ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى
- ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە مەتبۇئاتىدا
- بەش مۇسۇلماننىڭ سەرگۈزەشتىسى (3)
- بەش مۇسۇلماننىڭ سەرگۈزەشتىسى (2)
- بەش مۇسۇلماننىڭ سەرگۈزەشتىسى (1)
- د ئۇ ق ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى يوقلىدى
- ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت