قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۇيغۇر ناھىيىسىدە زىيارەتتە بولدى
2005.08.18
ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ياركەنت شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ياركەنتكە كەلگەن ۋە بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ناھىيىسىگە بېرىپ، ئۇيغۇر ئاھالىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا مەزكۇر تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنى كۈتۈۋېلىشقا باشچىلىق قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇساتتار تۇردىباقىيېفنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىدى.
©
2005 Radio Free Asia