ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چىقىش يولى نەدە؟
2006.09.13

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي پارتىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، 7 - نۆۋەتلىك " شىنجاڭدىكى 10 نەپەر ئىلغار ياش" لارنى بۇ يىل -7 ئايدا تاللاپ چىققان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن 12 - سېنتەبىر كۈنى 10 نەپەر ئىلغار ياش بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ئۇ بۇ " ئىلغار" ياشلار" غا شىنجاڭ ھازىر بىر تۈركۈم ئۈلگە ياراتقۇچى ئاۋانگارتلارغا، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارغا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلىرىنى 11-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن يېتەكلەپ ماڭىدىغان، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ئىلغار ياشلارغا مۇھتاج" دېگەن.
گەرچە خىتاي دائىرلىرى ھەر يىلى مۇشۇ يوسۇندا ئىلغار ياشلارنى سايلاپ چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياشلارغا، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىغا، ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق يارىتىشىغا پۇرسەتلەرنى يارىتىپ، يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، بۇ ئون نەپەر ياشنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىشى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىكەن، شۇنداقلا بۇ بىر قۇرۇق تەشۋىقاتتىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىداخىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يەرلىك ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئوقۇشسىز، ئىشسىز، پۇرسەتسىز قېلىشى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا ئىكەن.
نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى يەنە "ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭمۇ جان بېقىش يولى ئىزدەشتىكى ئىدىيىسى ئېچىلىپ، ئىقتىسادى كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئىش پۇرسىتى ئىزدەيدىغانلار بارغانچە كۆپەيمەكتە " دەپ تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.
بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئالغىنىمىزدا، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىش پۇرسەتلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىپ، ئۇيغۇرلارغا چىقىش يولى يوق بولغانلىقى سەۋەبلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تەشۋىقاتى ھەمدە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بەزى ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارمۇ نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن جان بېقىش يولى ئىزدەشكە مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.
بىر دېھقان بوۋاي ئۆزىنىڭ 25 ياشلاردىكى ئوغلىنىڭ يەتتە يىل بۇرۇن مېيىپ بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇش ۋە ئىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭمۇ ھېچقانداق ياردىمىگە ئېرىشەلمەي ئاخىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئىش ئىزدەش ئۈچۈن كەتكىنىنى ئېيتتى.
يېقىندا رادىئومىزغا خەت يازغان بىر ياش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس خىتاي ئۆلىكىلىرىدىمۇ ئوخشاشلا كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقى، مەيلى ئۇلار قانچە ياخشى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بىلەنمۇ، بەرىبىر رىقابەتتە بارابەرسىزلىككە ئۇچراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى جايلاردا ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا
- خىتاينىڭ "پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلىك يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى" سىياسىتى ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر يېڭى باسقۇچى
- ئىقتىساد قانچە تىز تەرەققى قىلسا ئەمگەك كۈچلىرىگە شۇنچە ئېھتىياجلىق تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن خىتايدا ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ؟
- ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار پۇشايمان قىلماقتا
- ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولماقتا
- ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەسكە چۈشمەكتە
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە، زىيالىلار ھەددىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغانلىقتىن ئۆمرى قىسقارماقتا
- بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەسكە چۈشمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدا خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى پۇل يىغىشنى مەقسەت قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىغا ھەربىي ئوفىتسېرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى "مۇھىم نۇقتىنىڭ مۇھىمى" دەپ تەكىتلەيدۇ؟