خىتايدا ياسىمەن ئىنقىلابى قانداق بولىدۇ، ھۆكۈمەت باستۇرالامدۇ؟

تۈنۈگۈن خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق 13 شەھىرىدە «ياسىمەن ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان چوڭ يىغىلىش يۈز بەردى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.02.21
Uyghurlarni-tutqun-qilish-305 شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ، چىڭداۋ شەھىرىدىكى مەلۇم خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلۇپ ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنغان كۆرۈنۈش.
ﺳﯜﺭﻩﺕ boxun.com ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺕ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ boxun.com ﻧﯩﯔ.

«بوشۈن» تور گېزىتى تۈنۈگۈن، خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق 13 شەھىرىدە «ياسىمەن ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان چوڭ يىغىلىش بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنداق چوڭ يىغىلىشلار، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان خەلق ئىچىدە ئىنتېرنېتتا «ياسىمەن ئىنقىلابى»نى باشلاش ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك مەسلىھەت بولۇپ، چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەن. ئۇلارنىڭ شوئارى «بىزگە يېمەك كېرەك، خىزمەت كېرەك، تۇرالغۇ كېرەك، ئەركىنلىك-دېموكراتىيە كېرەك، ئادالەتلىك كېرەك» دېگەندىن ئىبارەت بولغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭباۋ» گېزىتىدە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن بېيجىڭنىڭ ۋاڭفۇجىڭ كوچىسىدا ئامېرىكىچە تېز يېمەكلىك دۇكىنىنىڭ ئالدىدا چوڭ يىغىلىش بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە ساقچىلار ياسىمەن گۈلىنى چىقىرىپ توپلانغان ئادەمنى كۆرسىلا قوغلىدى، ئەمما ئۈنۈمى ياخشى بولمىدى، ئادەملەر ئەڭ كۆپ توپلانغان ۋاقىتتا بىر مىڭدىن ئاشتى، ئاخىر ناھايىتى كۆپ ساقچى كېلىپ بۇ نۇقتىدىكى يىغىلىشنى تارقىتىۋەتتى دەپ خەۋەر قىلدى.

بوشۈن تور گېزىتنىڭ بۈگۈن بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تۈنۈگۈن كەچتە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا «ياسىمەن» دېگەن سۆزنى كىم باشلىغان، ئىچىمىزدىنمۇ ياكى چەتئەلدىنمۇ، زادى نېمە قىلماقچى، بۇنى ئېنىقلاش كېرەك، دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

«بۈگۈنكى ئامېرىكا» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، نېرۋىسى ئاجىزلاپ كەتكەن خىتاي دائىرىلىرى ھازىر «ياسىمەن ئىنقىلابى» قوزغالدى دەپ ھېس قىلىپ، ئۇنى باستۇرۇشنى ئويلاپ، ئالدى بىلەن سىياسىي كۆز قارىشى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشىمايدىغان كىشىلەرگە قارىتا نازارەت قىلىش، تۇتۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى. ھەربىي قىسىملار چارلاشنى كۆپەيتىپ، خەلققە تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. يەكشەنبە كۈنى، خىتاي ساقچىلىرى بېيجىڭ كوچىلىرىدىن ئاز دېگەندە 3 ئادەمنى تۇتۇپ كەتتى. بېيجىڭ خەلقى ھازىر 1989‏- يىلىدىكى قانلىق باستۇرۇشنىڭ ئالدىدا كۆرۈلگەندەك ئالامەتلەرنى ھېس قىلىۋاتىدۇ.

رادىئومىز مۇخبىرى ليۇ يۈننىڭ گۇاڭجۇدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تۈنۈگۈن، 10 نەچچە شەھەردىن 100 دىن ئارتۇق سىياسىي كۆز قارىشى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشىمايدىغان ئادەمنى يوشۇرۇن تۇتتى. تۈنۈگۈن ياسىمەن گۈلى بەلگىلىك چوڭ يىغىلىش يۈز بەرگەن 13 شەھەرنىڭ بىرى گۇاڭجۇ. بۇ شەھەردىكى نامايىش كۆپ نۇقتىدا ۋە ھەرخىل شەكىلدە بولدى. كىمنىڭ نامايىشچى، كىمنىڭ نامايىشنى كۆرگىلى كەلگەن كىشى ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىش قېيىن ئىدى. ساقچىلار ئادەم ئەڭ كۆپ يىغىلغانلىكى جاي بولسا، شۇ جايدا «مۇقىملىق ساقلاش» قا كەلدى. خەلققە قوپال مۇئامىلە قىلدى. ئەمما خەلق ئۇلارغا پىسەنت قىلمىدى.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە بۈگۈن بېيجىڭدا چوڭ يىغىلىش يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەرخىل نامدىكى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى كوچىلاردا چارلاش ئېلىپ باردى. 1989‏- يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان سابىق مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاتىپى باۋ توڭنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەگەر خەلق «بىزگە يېمەك كېرەك ئەمەس، بىز ئىشلىمەيمىز، بىز ئۆيلەردە ئولتۇرمايمىز، بىزگە ئەركىنلىك كېرەك ئەمەس، دېگەن بولسا، ئۇ نورمال ئەمەس ئىدى. ئەمما ھازىر خەلق «بىزگە يېمەك كېرەك، خىزمەت كېرەك، تۇرالغۇ كېرەك، ئەركىنلىك-دېموكراتىيە كېرەك، ئادالەتلىك كېرەك» دەپتۇ، بۇ ياخشى گەپكەن، ھۆكۈمەت بۇنداق ياخشى گەپتىن قورقۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. خىتايدا ھازىر خەلق بەك نامرات، ھەر كۈنلۈك تۇرمۇش سەۋىيىسى ئىككى ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمەيدىغان ئادەم سانى بەك كۆپ، ئەمدى يەنە ئۇلارنى داۋاملىق نامراتلىقتا قالدۇرۇشنى ئويلىماسلىق كېرەك.

رادىئومىز مۇخبىرى خەي لەننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ۋە جەنۇبتىكى بىر قىسىم رايونلاردا، ئوتتۇرا شەرقتىكىدەك چوڭ داۋالغۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىم ھەققىدىكى فىلىم ۋە ۋىدەئولار پەيدا بولغانلىقىنى باھانە قىلىپ، «قانۇنسىز مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىش» دېگەن نام بىلەن تەكشۈرۈش، چارلاش، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قايتىدىن باشلىدى. بۇ رايوندىكى ئىنتېرنېت تورى ۋە يانفون ئالاقىسىنى قايتىدىن چەكلەشكە باشلىدى.

بۈگۈن ئىنتېرنېتتىكى مۇنازىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كوممۇنىستپەرەسلەر ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكەن ئەۋلادلار، خىتايدا ياسىمەن ئىنقىلابى بولمايدۇ، ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرى كۆپ بولسا 12 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، مۇبارەكلەردەك تەختتىن چۈشمەي 30 يىل تۇرۇۋالمايدۇ، ئەگەر ياسىمەن ئىنقىلابى يۈز بەرسە قاتتىق باستۇرىدۇ، دەيدۇ. بەزى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ پىكرى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ھازىر خىتايدا ياسىمەن ئىنقىلابى بولۇۋاتىدۇ، بۇ بىر پاكىت، ھازىر خىتايدا بۇنداق ئىنقىلابنى باستۇرىدىغان دېڭ شاۋپىڭدەك ئىمتىيازلىق رەھبەرلەر يوق، ھەربىي قىسىملار ئىچىدىمۇ، دېڭ شاۋپىڭنىڭ قوماندىسىغا بوي سۇنغاندەك بويسۇنۇپ، ھەربىي قىسىملارغا خەلقنى باستۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان ياڭ بەيبىنلەر يوق، دەيدۇ.

يەنە بېزىلەر، خەلق ئىچىدە ياسىمەن ئىنقىلابىنى قوزغاش ھەققىدە بولۇۋاتقان مەسلىھەتلەرنىڭ ئۆزى بىر سىر، ئەگەر ھۆكۈمەت خەلق ياسىمەن ئىنقىلابى قوزغىدى دەپ باستۇرسا، چوڭ خاتالاشقان بولىدۇ؛ ئەگەر ھۆكۈمەت جىم تۇرسا، بۇ ھەرىكەت بارغانسېرى چوڭلاپ كېتىدۇ، دېمەك ھۆكۈمەت بۇنىڭغا چارە قوللانمىسىمۇ چوڭ خاتالاشقان بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.